ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى

时事   2024-12-09 19:53   新疆  

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

ۋىلايـەتلىك يـۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ياخۇي) 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان  «توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىـلىك تـارماقلار بـاش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر كاللىسى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىسلاھاتقا مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات داۋامىدا خەلقنىڭ مۇراجىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا خوتەن كۈچىنى قوشۇشى كېرەك. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان قاتناش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئايلىنىپ ئۇچىدىغان، شىنجاڭ سىرتىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، سىرت بىلەن بولغان ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىكى ۋاقىت ـ بوشلۇق ئارىلىقىنى قىسقارتىشى كېرەك. ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تاشقى سودا كارخانىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يىغىپ توشۇيدىغان يۈك پويىزلىرىنى دائىملىق ماڭدۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، سىياسىي كېڭەش ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئاماننىسا مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章