首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن «پويىز بازىرى» يولغا چىقتى
时事
2024-09-29 20:14
新疆
مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن «پويىز بازىرى» يولغا چىقتى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، گۈدۈك چېلىنىشى بىلەن 7558 قېتىملىق پويىز خوتەن ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغالدى.
بۇ مول ھوسۇل مەزگىلى ئىدى. قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن، ھەتتا مەملىكەتنىڭ جاي - جايلىرىدىن كەلگەن يولۇچىلار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، كىچىك ئۈستەلگە، يۈك - تاق جازىسىغا ياڭاق، ئەنجۈر مۇرابباسى، قىپقىزىل ئانار قاچىلانغان خالتا ۋە قەغەز يەشىكلەر قويۇلغانىدى.
شادىيانە مۇزىكا ياڭرىدى، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن پويىز خادىمى ۋاگونغا كىردى، پويىز باشلىقى پولاتخان يۇقىرى ئاۋازدا: «پويىز بازىرى باشلاندى، ئالاھىدە مەھسۇلات ساتىدىغان يۇرتداشلار، خالتاڭلارنى ئېچىڭلار، نەرسە سېتىۋالماقچى بولغان يولۇچىلار كۆرۈپ باقساڭلار، تاللاپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېدى.
ۋاگون ئىچى بىردىنلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئانار، ئەنجۈر، ياڭاق ساتىدىغانلار بەس - بەستە خالتا ۋە قەغەز يەشىكلەرنى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ تاللىشىغا سۇندى.
خوتەن ناھىيەسىنىڭ سېغىزكۆل يېزىسى سېغىزكۆل كەنتىدىكى خەيرىنىسا ئابلەت يېرىم سائەت ئىچىدە بەش كىلوگىرام ئانار ساتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «پويىزدىكى بۇ بازارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى تۆۋەن، نەرسە ـ كېرەك سېتىش قولايلىق، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن، شارائىتى ياخشى. مەن كەنتىمىزدىن تۇنجى بولۇپ بۇ پويىز بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتىمەن، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللارمۇ بۇ بازاردا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ».
ۋاگون ئىچىدە ۋېيشىن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇۋېلىنغان ئۇچۇر ئاۋازى ئارقا - ئارقىدىن ياڭرىدى. «ۋېيشىن ئارقىلىق 45 يۈەن تاپشۇرۇۋېلىندى»، «ۋېيشىن ئارقىلىق 60 يۈەن تاپشۇرۇۋېلىندى» ...
گۇما ناھىيە زاڭگۇي يېزا تاتىراڭ كەنتىدىكى ئەخمەت ئەھەتباقى مۇنداق دېدى: «مەن يىل بويى پويىز بازىرىدا سودا قىلىمەن، ئىلگىرى ھەر بىر سودىنى كىچىك دەپتەرگە خاتىرىلەپ قوياتتىم. ھازىر ۋېيشىندا پۇل تۆلەش بارلىققا كەلدى، مەخسۇس خاتىرىلەشنىڭ ھاجىتى يوق. يول بويى يان تېلېفوننىڭ سىگنالى ياخشى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ياشانغانلارمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلەيدىغان بولدى. ئىلگىرى پۇل قايتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن پارچە پۇل ئېلىۋالاتتىم، ھازىر پارچە پۇل ئالمىساممۇ سودىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
»
خوتەندىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن، 7558 قېتىملىق پويىز چۆل - باياۋاندىن ھالقىپ، ئېگىزلىك، تاغ - دەريالارنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 1900 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ مۇساپىدە 23 بېكەت بار بولۇپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 32 سائەت 29 مىنۇت. ئەتىگەندىن كەچكىچە گۇما، قاغىلىق، قەشقەر، ئاتۇش، مارالبېشى قاتارلىق 11 ۋوگزالدا كەنت ئاھالىلىرى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پويىز بازىرىدا ساتىدۇ. بۇ مۇساپىدە بېكەتلەر كۆپ، پويىزنىڭ سۈرئىتى ئاستا، يەنە بازارمۇ بار بولغاچقا، ئامما بۇ پويىزنى «ئاستا پويىز» دەپ ئاتىشىدۇ.
2020 ـ يىلى، پولاتخان پويىز خادىملىرىنى باشلاپ ۋاگوندا مۇلازىمەت قىلىۋاتقاندا، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا ئاپىرىپ سېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتاتتى. پولاتخان مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بىر قانچە كەنت ئاھالىسىدىن «ئەگەر سىلەرنى پويىزدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىڭلار دېسە، سىلەر قوشۇلامسىلەر؟» دەپ سورىدى، ئۇلار ناھايىتى خۇشال ھالدا: «ياخشى گەپ بولدى! راستىنلا شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟» دېدى. پولاتخاننىڭ يۇقىرىغا سۇنغان پويىزدا بازار ئېچىش دوكلاتى تەستىقلانغاندىن كېيىن، بۇ بازار 2020 - يىلى 7 - ئايدا تىجارەت باشلىدى.
پولاتخان مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغ دەل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، بۇ پويىز بازىرىنى تەسىس قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىدى. پويىز مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن، پويىزغا چىقىپ تىجارەت قىلىدىغان يۇرتداشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بىز يەنە بىر ۋېيشىن توپى قۇردۇق، توپتا 400-300 ئادەم بار. پەسىل ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا چىقىش مەزگىلىگە ئاساسەن، بىز توپتا كۆپچىلىككە ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى پويىزدا سېتىشىنى ئۇقتۇرىمىز.
»
پويىز ئاتۇش بېكىتىدە توختىدى، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ بازىرىنىڭ ئازغان كەنتىدىكى مەمەت سەپەر ئەنجۈر ۋە ئەنجۈر مۇرابباسى قاچىلانغان چوڭ سومكىنى كۆتۈرۈپ پويىزغا چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بىرىنچى تۈركۈمدە پويىز بازىرىدا تىجارەت قىلىشنى بـاشلىغان. 2020 - يىـلىدىن ھازىرغىچە، ھـەر يىلى تـۆت ـ بـەش قېتىم بۇ
‹
ئاستا پويىز
›
غا چىقىپ تىجارەت قىلىمەن. بىر قېتىمدا ئاز بولغاندا 3000 ـ 2000 يۈەن، كۆپ بولغاندا 5000 ـ 4000 يۈەن كىرىم قىلىمەن.
»
مەمەت ۋاگوننى بىر ئايلىنىپ كېلىپ، يان تېلېفوندا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى: «بىزنىڭ ئاتۇش پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ئەنجۈر يۇرتى، مەن تۇرۇۋاتقان ئازغان كەنتى جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى، بۇ قېتىم كەنتىمىزنىڭ يېڭى مېۋىلىرى ۋە كەنتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە مۇراببالىرى بار، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى.
»
مەمەت مۇنداق دېدى: «توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ، پويىزدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ كەيپىيات تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ قېتىم پويىز بازىرىدا تىجارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىنى ئايلانماقچى بولۇۋاتىمەن، چىرايلىق ئۆي جاھازلىرى سېتىۋېلىپ، ئۆيدىكىلەرنى شەھەردىكى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.
»
پويىز بېكەتلەردىن ئۆتتى، يول بويىدىكى كەنت ۋە شەھەر - بازارلار يېشىللىققا پۈركەندى.
«بۇ چىلانلىق، بۇ پاختا ئىكەن، ئاۋۇ ياڭاق دەرىخىغۇ دەيمەن؟ ئاۋۇ يىراقتىكى قۇرۇلۇش ۋە زاۋۇت ئۆيلىرى سانائەت باغچىسى بولۇشى مۇمكىن.» ۋاگون ئىچىدە شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن خۇنەنلىك ساياھەتچى جاۋ جىچياڭ ئىككى بوتۇلكا ئەنجۈر مۇرابباسى ۋە ئۈچ كىلوگىرام چوڭ ئانار سېتىۋالدى. ئۇ پويىز دېرىزىسىنىڭ ئالدىدا، يان تېلېفونىنى ئېلىپ يول بويىدىكى مەنزىرە ۋە ۋاگون ئىچىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتتى.
جاۋ جىچياڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئانچە تەرەققىي قىلمىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، بۇ قېتىم بۇيەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىقىنىڭ مول، جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ياخشى، سانائەت تەرەققىياتىنىڭ تېز ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت ـ ساياھىتىنىڭ تېخىمۇ جەلپكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەتراپىمدا تىجارەت قىلىدىغان نۇرغۇن دوستۇم بار، ئۇلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن.
»
كەچقۇرۇن، پويىز مارالبېشى ۋوگزالىدا توختىدى، كېيىنكى بېكەت ئاقسۇ بولۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 2 دە يېتىپ باراتتى. مارالبېشىنىڭ موگۇسى ۋە چىلىنىنى ئېلىپ كەلگەن بىر نەچچە تىجارەتچى پويىزغا چىقتى. بۇ شۇ كۈندىكى ‹ئاستا پويىز›غا چىقىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم تىجارەتچىلەر ئىدى. يول بويى پويىز بازىرىدا تىجارەت قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئۇلار چىلان، ياڭاق، ئەنجۈر، ئالما قاتارلىق مېۋىلەر، ياغاچ قاچا، ياغاچ تەخسە قاتارلىق ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بايلىق ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل شاتلىقى ۋە تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى.
پولاتخان مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدىن قايتىشتىمۇ پويىز بازىرىدا بۇرۇنقىدەك تىجارەت قىلىنىدۇ. ‹پويىز بازىرى› جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلىدۇ، بىز بۇ بازارنى چوقۇم ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بازار قىلىپ چىقىمىز.
»
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى
سۇڭ ۋېيگو، ۋېي يۇڭگۇي
(تەرجىمە قىلغۇچى:
گۈلباھار مەتتۇرسۇن
)
مەنبە:
خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەنۋەر ئابلىمىت
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى
ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى
تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى42-قىسىم
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ
دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى
دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزدە«جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش.خوتەنگە رىشتە باغلاش
بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە
ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي
شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم
ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى41-قىسىم
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى
يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى
گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق
خوتەن ناھىيەسى تەييارلىغان ئۇسسۇل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپـى جانلاندى
ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا
يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى
تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك
چېۋەر قوللار بىلەن «يېشىل شارپا»توقۇش
قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي
ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا
ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉