تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلدى

时事   2024-12-02 20:07   新疆  

«يېشىل شارپا» توقۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش مۆجىزىسىگە گۇۋاھ بولۇش

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلدى

سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ـ قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىرلىق قاشالاش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن جىددىي ئىشلىمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ ياخۇي فوتوسى

سۈرەتتە: كېرىيە ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قۇملۇقتا كۆچەت تىكمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 28- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما ۋەنخۇايۈەندىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ـ قۇمنى تىزگىنلەش رايونىدا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى  (مۇخبىرلار شىنيۈ، جاڭ ياخۇي)   11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قـۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇمنى تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر قۇملۇق يەرگە قىزىلگۈل كۆچىتى تىكىلىشى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 285 كىلومېتىر كېلىدىغان بوش رايون مۇستەھكەم «قاشالىنىپ»، گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قۇملۇقنىڭ سىرتقى ئايلانمىسىدا بىر يېشىل توسۇق بەرپا قىلىندى.

كېرىيە ناھىيە ئويتوغراق يېزا لەڭگەرئۆستەڭ كەنتىنىڭ نەق مەيداندا قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتناشقان كەنت ئاھالىسى مەتسەيدى ئىمىن مۇنداق دېدى: «گىرۋەكنى قاشالاپ ‹تۇتاشتۇرۇش›قا گۇۋاھ بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم، بۇ بىر يىللىـق جـاپايىمىز بىـكارغا كەتمىدى».

تەكلىماكان قۇملۇقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2- چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، قۇملۇق گىرۋىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3046 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، «ئـۈچ شىمـال» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى 2761 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا خۇددى قۇملۇققا «يېشىل شارپا» چەككەندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن بۇ«شارپا» يەنە 285 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتىكى قۇملۇق يەرنى قاپلاپ بولالمىغانىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايىتىمىزدە گىرۋەكنى قاشالاش بويىچە بوش قالغان رايون 220 كىلومېتىر بولۇپ، گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ %77.2ىنى ئىگىلەيتتى، گۇما، چىرا، كېرىيە، نىيە ناھىيەلىرىنىڭ گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل ئىدى. گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز بويىچە 540 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قاتناشتى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىز 220 كىلومېتىرلىق «يوچۇق»نى ئىتىشنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، سۇبيېكت كۆپ مەنبەلىك بولۇش، كەسىپلەر ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئامما، كارخانا قاتارلىق كۈچلەرنى ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلىدى. كەڭ كادىرلار، ئامما پائال ئاۋاز قوشۇپ، قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق كۆچەت ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرۇش «يېشىل سېپىل»ىنى مۇستەھكەملەپ، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان، ئامما تىزگىنلەيدىغان مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.

ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شياۋدەن مۇنداق دېدى: «ۋىلايىتىمىزنىڭ گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى يـۇقىرى، ئىزدىنىش ئـارقىلىق يولغا قويۇلغان ئېگىز قۇم توسۇقى، ئوت ـ چۆپ كاتەكچىسى، ‹پەلەمپەيسىمان ئېتىز ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش› قاتارلىق ئەندىزىلەرنىڭ ھەممىسى خوتەن خـەلقىنىڭ گىرۋەكنى قـاشالاپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئـەقىل ـ پـاراسىتىنىڭ جەۋھىرى».

گىرۋەكنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش»نىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى خوتەننىڭ ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش فۇنكسىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇمنى تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىز ھازىر «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كە، ئاندىن «ئادەم بىلەن قۇم ئىناق ئۆتۈش»كە تەدرىجى ئۆزگەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم بولۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئـولتۇراقلىشىش مـۇھىتى كۆرۈنەرلىك يـاخشىلاندى، رايـون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دېڭ شياۋبو مۇنداق دېدى: «قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ ‹تۇتاشتۇرۇش› ئېكولوگىيە توسۇقىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ـ قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىش جەريانىدا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارغانلىقى، قەلبىنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ‹تۇتاشتۇرۇش›نى تاماملاش پەقەت قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ تۇنجى قەدىمى، بۇنىڭدىن كېيىن، خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلق سىجىل تۈردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تىزگىنلەپ، قۇمدىن پايدىلىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章