خوتەن شەھىرىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى

时事   2024-12-04 18:39   新疆  
خوتەن شەھىرىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» پائالىيىتى باشلاندى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار سەيراڭ دۇڭجۇ، قەلبىنۇر، مۇرات، ئابلىكىم) خوتەن شەھىرىنىڭ  2024 ـ 2025 ـ يىللىق «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا» تېمىسىدىكى «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ئىتتىپاق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەن ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، بەلدۇمباق ئۇسسۇلى قاتارلىق كوچا ئويۇنلىرى نۇرغۇن ئاممىنى جەلپ قىلدى. باشلىنىش ئۇسسۇلى «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا»، كوللېكتىپ ئۇسسۇل «كۇنگاڭدىن چىقتى قاشتېشى»، «تۇرمۇشىمىز قۇياش نۇرىغا چۆمدى»، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «تۇەنچېڭ ناخشىسى» قاتارلىق نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تاماشىبىن ۋېن جۈەن مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى نومۇرلار ناھايىتى ئېسىل، يېقىشلىق ئىكەن، بولۇپمۇ ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، بەك قالتىس بولدى.

بۇ قېتىمقى «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمتۈرتكە بولىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، يەنە يېزا ـ كەنتلەرنى «گۈزەللەشتۈرۈپ»، مەدەنىيەتنى «جانلاندۇرۇپ»، ئاممىنىڭ مەنىۋىيىتىنى «بېيىتتى».

خوتەن شەھەر ناۋاغ كوچا باشقارمىسىدىن كەلگەن ئارتىس ئازاتگۈل ئەھەت مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ‹كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى›گە قاتنىشىشىم، كۆپچىلىككە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، ئويۇنىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ۋىلايىتىمىزنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكـى قەدەمدىكى مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيىتىدىكى نومۇرلاردا ھەر مىللەت ئامما ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رىژسسورلۇق قىلغان ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپلا قالماي، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، باھار بايرىمىدا بەخت تىلەش، كوچا ئويۇنى، پانۇس سەيلىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر تەسىس قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام تېخىمۇ مول مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدىكەن.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章