ـــــ نىيە ناھىيەسى ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى ۋەزىيەتنى كۈچەپ بەرپا قىلدى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گۆھەرنىسا، ئابدۇمىجىت
سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، كادىرلار، ئامما نىيە نـاھىيەسىدىكى ئارقا دەريا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ـ قۇمنى تىزگىنلەش رايونىدا جىگدە كۆچىتى تىكىپ، «گىرۋەكنى قاشالاش» ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملىمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى گۆھەرنىسا فوتوسى
11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان نىيە ناھىيەسىدىكى ئارقا دەريا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ـ قۇمنى تىزگىنلەش رايونىدا، 200گە يېقىن كادىر، ئامما ياسىلىپ بولغان ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ئىچىگە جىگدە كۆچىتى تىكتى. بۇ، نىيە ناھىيەسىنىڭ قۇملۇقتىكى 46 كىلومېتىر «گىرۋەكنى قاشالاش» ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىنكى قۇمنى تىزگىنلەش رايونىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېشىل ئۆسۈملۈك كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، «گىرۋەكنى قاشالاش»نىڭ ئۈنۈمى مۇستەھكەملىنىدۇ.