توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك

时事   2024-12-02 20:07   新疆  

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 23 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 1 - ئايدىن 2024 - يىلى 8 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن قىسقارتىلما.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بىز ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، نىشاندىن ئادىشىپ قالمايمىز، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلمايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، دەۋرنى ئىگىلىيەلەيمىز، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز. ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىلىم - پەنگە مۇئامىلە قىلىپ، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، بارلىق يېڭى شەيئىلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىلىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان يېڭى گەپلەرنى قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ، يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ زور تېما ئەسلىدىنلا بىزنىڭ ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇردىن قەتئىي ۋاز كەچسەك بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزدىن قەتئىي ۋاز كەچسەك بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭى نەزەرىيە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇسۇلى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ھازىر بار بولغان ئاساستا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدىغان، توغرىلىرىنى ساقلاش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان تارىخىي جەريان. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، ئالدى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى، يىلتىزى ۋە روھىنى ياخشى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن - سىياسەتلەردە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ھەم يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك، ھەم دادىل يېڭىلىق يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. ئىسلاھاتتا مەيلى قانداق ئۆزگەرتىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تۈپ ئىشلاردا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى، ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىرىنى ياخشى ئۆزگەرتىپ، جايىدا ئۆزگەرتىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىدىغان مىللەت. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ماركسىزمنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن مەنبە ئېقىن سۈيىنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى جەزمەن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتەك توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ھازىرقى زامان شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章