يېڭى دەۋردىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش،قۇم تىزگىنلەش يېڭى سەھىپىسىنى

时事   2024-12-05 18:50   新疆  

يېڭى دەۋردىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

ــــ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر (1)

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يۇڭ، خۇ لىجېڭ

سۈرەتتە: كېرىيە ناھىيە تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت). ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتى ئۇزاقتىن بۇيان قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلدى. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ قۇملۇق بىلەن بولغان جېڭى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننوردا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ نىشان قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپەتكە قاراپ مۇداپىئەلىنىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى شىمالىي چېگرادىكى ئىقتىدارى مۇكەممەل، يىمىرىلمەس يېشىل سەددىچىن سېپىلى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك.

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى «خېشى كارىدورى ـــ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ قىزىلگۈل كۆچىتىنىڭ تىكىلىشى بىلەن، ئۇزۇنلۇقى 285 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى بوش قالغان رايوندا «گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش» ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«گىرۋەكنى قاشالاش» ــ تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدەپ بەرپا قىلىنغان 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېشىل توسۇقنى كۆرسىتىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، 2023 - يىلىدىن بۇرۇن ئۇزۇنلۇقى 2761 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلدى، قالغان 285 كىلومېتىر يوچۇقنىڭ 220 كىلومېتىرى ۋىلايىتىمىزدە بولۇپ، %77.2ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ «گىرۋەكنى قاشالاش» ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل رايون ھېسابلىنىدۇ.

2023 - يىلى 11 - ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «خېشى كارىدورى ــ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى» بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

دائىملىق يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىز «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تۈزۈپ، ناھىيە(شەھەر) ھەم تارماقلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، سۇبيېكت كۆپ مەنبەلىك بولۇش، كەسىپلەر ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئىزچىللىقى، سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن ۋىلايەت «گىرۋەكنى قاشالاش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئامما، كارخانا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوش رايونلارغا قارىتا«گىرۋەكنى قاشالاش»نى يولغا قويدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە ئولتۇراقلاشقان خەلق ئۇزاقتىن بۇيان قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، جاپالىق ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، «ئەقىل - پاراسەتلىك خوتەن خەلقى قۇم بىلەن توختىماي كۈرەش قىلدى. «گىرۋەكنى قاشالاپ» قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرە سىزىپ چىقىلدى.

بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن دۆلەتنىياز مەمەت نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا قۇم - بورانلىق ھاۋارايى بەك كۆپ كۆرۈلەتتى، ھەر قېتىم بوران چىققاندا بەك قورقاتتۇق، پۈتۈن جاھاننى قۇم - بوران قاپلاپ، ھېچنېمىنى كـۆرەلمەيتتۇق. ھازىر، قۇم - بورانلىق ھاۋارايىنىڭ خېلىلا ئازايغانلىقىنى، ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆك، يەرنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۇنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك بولغانلىقىنى روشەن ھېس قىلىدىغان بولدۇق».

يېقىندا، لوپ ناھىيەسىگە جايلاشقان كۈنگاڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تـەرەققىيات رايونى (رەڭلىك مېتال كەسىپلەر باغچىسى)دىكى كۈزلۈك كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا، كادىرلار، ئامما كۆچەت تىكتى، كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتە كۈزلۈك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

ۋىلايىتىمىز ئۇدا 46 يىل ئەتىياز، كۈز پەسللىك مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يىلمۇيىل تىرىشىش ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى بوستانلىقلارنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %30تىن كۆپرەككە يېتىپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە، يەنە «ئادەم بىلەن قۇم ئىناق ئۆتۈش»كىچە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

«گىرۋەكنى قاشالاپ» قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، قۇمنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توسۇپ يولنى قوغداش، قۇمنى توسۇپ شەھەرنى قوغداش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك كاپالەت.

ئۇزاقتىن بۇيان، قۇم - بوراننىڭ بېسىپ كىرىشى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن چىرا ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، ناھىيە بازىرىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۈچ قېتىم كۆچۈرۈلدى. قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق تارىخ مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ.

كېرىيە ناھىيە تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى بىر كۆرگەزمە تاختىسىدىكى يىراقتىن سېزىش تەسۋىر سېلىشتۇرما سۈرىتى ئارقىلىق كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى خىزمەتلىرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. 2010 - يىلىدىن ئىلگىرى، كېرىيە ناھىيە بازىرى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بۇ جايدا يېشىللىق يوق دېيەرلىك ئىدى. 2014 - يىلىغا كەلگەندە، يېشىللىق ئاستا - ئاستا نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ رايوندىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئومۇمىي كۆلىمى 214 مىڭ موغا يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيمەكتە.

«گىرۋەكنى قاشالاش»نى تاماملاش پەقەت ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۇزۇن مۇساپىسىدىكى بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ، خوتەن خەلقى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن بىللە، يەنە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

كېرىيە ناھىيەسى «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئامما سۇبيېكت بولۇش، دائىرىلەپ ئائىلىلەرگىچە بۆلۈپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، قۇمنى سىجىل تىزگىنلەش» ئىدىيەسى بويىچە، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىچ باغلاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى كەسىپ ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى ۋە قوللىدى. بۇ جەرياندا، ھۆكۈمەت سۇ، توك، يول ھەم باشقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولدى، دېھقانلار قۇملۇقنى تۈزلەش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش، يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل بولدى. دېھقانلار شۇ يىلى ئۆستۈرگەن يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىقلارغا شۇ يىلى توشقانزەدىكى ئۇلاپ، كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ، ئەتىياز، كۈز پەسلىدە يىغىۋالدى، ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 200 كىلوگىرام بولۇپ، بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر مو يەردىن 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىنىپ، كۆكەرتىش، بېيىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتو ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى نەچچە ئون ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى، خىزمەتچى خادىملار قۇرۇلۇش مەيدانىدا فوتوۋولت تاختىسى ئورنىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھازىر، پۈتۈن ۋىلايىتىمىز فوتوۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى بىلەن قۇملۇق گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توك چىقىرىش، يېزا ئىگىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش، قۇم تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمدە قوش پايدا ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

خوتەن ناھىيەسىدىكى شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قۇم بارخانلىرىنى تۇتاش كەتكەن زامانىۋىلاشقان پارنىكقا ئۆزگەرتىپ، 10 مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆكتات بازىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى؛ قاراقاش ناھىيەسى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى يەتتە باشلامچى كارخانىنى كىرگۈزۈپ، چۆللۈكتە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، 1723 پارنىك ياسىلىپ، 2023 - يىلى مەھسۇلات قىممىتى 125 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ كارخانىلار يەنە، خوتەن ناھىيە يېڭىئېرىق يېزا تولغانجى كەنتىدە قۇملۇقتا قىسقۇچپاقا باقتى ...

ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پـارتىيە گـۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسـى دېڭ شياۋبو مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ‹گىرۋەكنى قاشالاش› ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇقىمداپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىشنى قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىمىز».

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章