بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش ئادەم بىلەن قۇم ئىناق ئۆتۈش

时事   2024-12-02 20:07   新疆  

بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش   ئادەم بىلەن قۇم ئىناق ئۆتۈش

سۈرەتتە: چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار قۇملۇقنى تۈزلىمەكتە.

سۈرەتتە: كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قـۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ـ قۇمنى تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قۇملۇققا قىزىلگۈل كۆچىتى تىكمەكتە.

سۈرەتتە: قۇمنى تىزگىنلىگۈچىلەر قومۇش ئارقىلىق ئېگىز توسۇق ياسىماقتا.
11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە ناھىيەسىدە، كەڭلىكى 50 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇققا توغراق، سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش كۆچەتلىرىنىڭ تىكىلىشى بىلەن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى رەسمىي باشلاندى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئالتە ناھىيەگە چېتىلىدۇ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، چىرا، كېرىيە ۋە نىيە ناھىيەلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن ئىبارەت.

پۈتۈن كۈچ بىلەن بىر يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئۇزۇنلۇقى 285 كىلومېتىر كېلىدىغان يوچۇقنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە تەخمىنەن 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش، مۇھاپىزەت قىلىش - قوغداش بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلۈپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇلدى.

بۇ بەتتىكى سۈرەتلەرنى ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈشياۋلۇڭ تارتقان

(تەرجىمە قىلغۇچى: قەلبىنۇر ئەنۋەر)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章