ئالمىنى مۇنداق 1 ئاي يىگەندە كۆرۈلىدىغان 7 كارامەت

文摘   2024-11-10 11:00   新疆  


«كۈندە بىر ئالما يەپ بەرسە، دوختۇردىن يىراق تۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بۇمۇ ئالما يېيىشنىڭ ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان، ئالما كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى مېۋە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.



ئادەتتە پەقەت ئالما خام يېيىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئالما پىشۇرغاندا ئاندىن تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇشۇرۇلغان ئالمىنىڭ بىز ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئۈنۈمى بار، پۇشۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئالما ئوزۇقلۇق تالاسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۇمشىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.

سېنياسۇ بوۋاي گەرچە 108 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەڭگىرويى ياخشى، كەيپىياتى ياخشى، جانلىق بولۇپ، سىشى كەنتىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ بوۋاي ئىدى.



108 ياشقا كىرگەن سېن بوۋاينىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرى نېمە؟

بۇنىڭ سەۋەبى سېن بوۋاي ھەر كۈنى بىر تال پۇشۇرۇلغان ئالما يىيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.

بەلكىم بۇنى كۆرۈپ نۇرغۇن كىشلەر ماڭا ئوخشاش ھەيران قالغان بولىشى مۇمكىن، پۇشۇرۇلغان ئالمىنىڭ شۇنداق كارامىتى بارمۇ؟

ئەلۋەتتە بار، بۈگۈن بىز بىرلىكتە پۇشۇرۇلغان ئالمىنىڭ 7 چوڭ پايدىلىق تەرىپىنى كۆرۈپ باقايلى؛


پۇشۇرۇلغان ئالما يىيىشنى داۋاملاشتۇرغاندا كۆرۈلىدىغان 7 كارامەت

01
قەۋزىيەتنى ياخشىلاش

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سەۋەبىدىن قەۋزىيەت بولۇپ قالدى، چۈنكى بۇ مەسىلە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇشۇرۇلغان ئالما يېيىشنى داۋاملاشتۇرغاندا قەۋزىيەتنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، چۈنكى ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى مول مېۋە يېلىمى سۇدا ئېرىيدىغان بىر خىل تاماق تالاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنمايدۇ، مېۋە يېلىمى ئۈچەينى سىلىق قىلىپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ ھەم ئاسان چىقىرىۋېتىدۇ.


02

خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش

ئالمىنى پىشۇرۇپ يېگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى قاندىكى خولېستېرىننى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تاماق تالاسى قاندىكى خولېستېرىننى پارچىلايدۇ ۋە تازىلايدۇ. دائىم پىشۇرۇلغان ئالمىنى يېگەندە، قان تومۇرلارنى ئاسرىغىلى ھەم قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەگەر پۇشۇرۇلغان ئالمىنىڭ تەمىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز گۆش بىلەن بىللە پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم ئوزۇقلۇقنى ئاشۇرغىلى، ھەم خولېستېرىننىڭ ئۆرلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئالما تەركىبىدىكى تاماق تالاسىنىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار.


03

ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر پۇشۇرۇلغان ئالمىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئالمىنىڭ ”ئەستە ساقلاش ئىقدىدارىنى ياخشىلاش مېۋىسى“ دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئالما تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئورگانىك كىسلاتا، ۋىتامىن قاتارلىق تەركىبلەر بار بولغاچقا، ئالمىنى يېگەندە تېز سۈرئەتتە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، سىزنى بارغانسېرى ئەقىللىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ.


04

ئوزۇقلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش

ئالما پۇشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى تاماق تالاسى، مېۋە يىلىمى يۇمشايدۇ، يۇمشىغاندىن كېيىنكى تاماق تالاسى ۋە مېۋە يىلىمى ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان پايدىلىنىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.


05

ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش

ئالمىنى پىشۇرۇپ يىيىش كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ قالغان، چىشى ساغلام بولمىغان ياكى ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، چايناشنى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي يولىغا بولغان غىدىقلىنىشنى ئازايتىپ، قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ.


06

ئىچ سۈرۈشنى داۋالاش

ئالما تەركىبىدىكى مول مېۋە يېلىمى سۇدا ئېرىيدىغان بىر خىل تاماق تالاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنمايدۇ. مېۋە يېلىمى ئۈچەيدىكى سۇنى سۈمۈرۈۋېلىپ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ ھەم ئاسان چىقىرىۋېتىدۇ.


07

پوقاق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش

پىشقان ئالما تەركىبىدىكى يود باناننىڭ سەككىز ھەسسىسىگە، ئاپېلسىننىڭ 13 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا پىشقان ئالما پوقاق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى مېۋىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


ئالما پىشۇرۇش ئۇسۇلى

نۇرغۇن كىشىلەر ئالما يېگەندە چوقۇم پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە يەيدۇ، بىراق ئالدىراش بولمىغاندا، بەزىدە پۇشۇرۇپ يېيىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشمۇ ياخشى ئىش، ئالما پىشۇرۇش ياخشى تاللاش، تەملىك بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

يېمەكلىك ماتېرىيالى: ئالما

تەييارلاش ئۇسۇلى:


1. ئالمىنى پاكىز يۇيۇش، ھازىر نۇرغۇن ئالمىلارغا دېھقانچىلىق دورىسى چاچقاچقا، ئالما يۇيغاندا چوقۇم پاكىز يۇيۇپ قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ياخشى تازلاش كېرەك.


2. ئاندىن ئالمىنى پوستى بىلەن پارچە-پارچە قىلىپ توغرايمىز.


3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز.


4. سۇ قاينىغاندىن كېيىن توغرالغان ئالما پارچىلىرىنى سېلىپ بىردەم قاينىتىمىز، ئالما پارچىلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسىلا بولىدۇ.


5. ئالما سوۋۇپ ئاغزىمىزنى كۆيدۈرمىگىدەك بولغاندا ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章