ھەزىم ناچارلىقتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق ئادەم بەدىنى تارقاتقان ئەڭ مۇھىم سىگنال بولۇپ، سۇسىزلىقنىڭ ئىپادىسى، بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ سىگنالى. بۇ ياشلار ياكى ياشانغانلاردا بولسۇن ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتىكى ھەرقانداق ئېغىر كېسەللىكنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشقان بەدەندىكى سۇ كەمچىللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئېيتىش مۇمكىن.
ھەزىم ناچارلىقتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق يەنى، ئاشقازان ياللۇغى، 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە مەيدە ئاچچىق بولۇش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقنى، ئىستېمال قىلىدىغان سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىقمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىماردا يەنە ئاشقازان-ئۈچەي يارىسى كۆرۈلسە يارىنىڭ ئەسىلگە كېلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەككە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. يېرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئېدۋاردسىبرو پروفېسسورنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەزىم قىلىشى ناچار %12 بىماردا ئالتە يىلدىن كېيىن 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ نىسبەت ئون يىلدىن كېيىن %30، 27 يىلدىن كېيىن %40 ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئىكەن. پەقەت ئىچكى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق يارىنى بايقىغاندىلا، ئاندىن كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ھەزىم ناچارلىقتىن كېلىپ چىققان ئاغرىققا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى كىلىنىكىلىق تېببىي ئىلىم كۆرۈش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشقا بەكرەك تايىنىدۇ. ئىلگىرىكىدەك تەھلىل قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقىلا تايىنىدىغان ئىش قالمىدى. ئاغرىقنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بولىدۇ.
بىمار ئاغرىغانلىقى ئۈچۈنلا دوختۇرخانىغا بارىدۇ. ئاغرىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. دوختۇر بولسا ئىچكى كۆرۈش ئىينىكى ئارقىلىق ئاغرىغان جاينى كۆزەتكەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئاغرىققا ئوخشاش بولمىغان دىئاگنوز چىقىرىدۇ. ھەزىم ناچارلىق ئاغرىقى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. كىشىلەر ئاساسلىق، كۆپ ئۇچرايدىغان ئاغرىق پەيدا قىلغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى دائىرلىك توقۇلمىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ باشلىنىش سەۋەبى سۇسىزلىنىشتۇر. مەن نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيمەن؟ چۈنكى مەن پەقەت سۇ ئارقىلىقلا 3000 دىن ئارتۇق ھەزىم ناچارلىق ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارنى داۋالاپ ساقايتتىم. باشقا دوختۇرلار بولسا ئاغرىقنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بىمارلارنى ئوخشىمىغان تۈرلەرگە بۆلۈپ داۋالايدۇ. سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ يوقىدى. سۇسىزلىنىش مەلۇم چەككە يەتكەندە بەدەن سۇغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ھېچقانداق نەرسە سۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. سۇندىن باشقا ھېچقانداق دورىمۇ كارغا كەلمەيدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزۈم داۋالاپ ساقايتقان بىمارنىڭ ئەمەلىي مىسالى ئارقىلىق سۇ بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى بىر ياش بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ھەزىم خاراكتېرلىك يارىغا گىرىپتار بولۇپ، چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەندە مېنى ئىزدەپ كەلگەن. ئۇنىڭغا ئىلگىرى قائىدىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان. <<12>> دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىغا قارشى دورىلارنى ۋە سىمىتىدىن ئىشلەتكەن.
ئەڭ يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ