چۆل - باياۋاندىمۇ «كۆكتات ئامبىرى» قۇرۇش قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟

时事   2024-12-03 19:21   新疆  

چۆل - باياۋاندىمۇ «كۆكتات ئامبىرى» قۇرۇش قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، ئومۇمىي يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي يېمەكلىك قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ قاتارلىق جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىپايان چۆل - باياۋاندا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى»نى بەرپا قىلدى. چۆل - باياۋاندىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تېرىلغۇ يەر بايلىقىنى تېجەشكە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزىلارنى نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش زىددىيىتىنى پەسەيتتى.

«چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى»نىڭ يوشۇرۇن كۈچى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى
تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىق ئارىسىدا ماڭغىنىڭىزدا، قاتار ـ قاتار زامانىۋى پارنىكلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر چۆللۈكتە ياسالغان پارنىكنىڭ يېنىدا، يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل بىر نوپۇزلۇق كادىر يەردىن بىر ئۇچۇم قۇمنى ئېلىۋىدى، يۇمشاق قۇم ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يۇمشاق قۇم، بۇنى يەرنىڭ يىل بويى قۇرغاق بولۇشتەك كىلىمات ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن، كېسەللىك باكتېرىيەسى بۇ يەردە كۆپىيەلمەيدىغان بولۇپ، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا پايدىلىق».

جەنۇبىي شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل «چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى» قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ساھەسىگە سالغان ئومۇمىي سېلىنمىسى نەچچە مىليارد يۈەنگە يەتتى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم بىر بۆلۈم مەسئۇلى يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل شۇ جايدىكى ئامما ئۈچۈن مۇقىم كىرىمنى كۆپەيتىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، چۆل - باياۋاندىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى ئېيتتى.

شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تايانچىسى. بۇ كارخانا شۇجايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، ئۈچ يىلدا تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى كۆچمە قۇم بارخانلىرىنى كۆلىمى غايەت زور زامانىۋى تۇتاش كەتكەن پارنىكقا ئۆزگەرتتى. تەخمىنەن 1000دىن ئارتۇق قۇياش نۇرى پارنىكىدا لازا، چەيزە، خـاڭگا، شوخلا قاتارلىق كۆپ خىل مېۋە ـ كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، يىللىق كۆكتات مەھسۇلاتى 70 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 240 مىليون يۈەنگە يەتتى، مىڭدىن ئارتۇق ئامما بۇ كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

كارخانا مەسئۇلى سۇڭ يىنچياڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ قىشلىق كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تـەمىنلەش نىسبىتـى تۆۋەن، بۇ چۆل ـ باياۋاندىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە نىسبەتەن غايەت زور پۇرسەت، 10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 11 ـ ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان مەزگىلدە، بۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار ناھايىتى ئاز، 11 - ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىنىڭلا بىر كۈنلۈك شوخلا ئېھتىياجى 400 توننىغا يېتىدۇ، بازار ئەنە شۇ يەردە».

يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ گۈرۈچ، ئۇن تۈرىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلمايدىغانلىقىنى، شوخلا، لازا، پىياز قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. «چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى»نىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بەزى  يېزا ـ بازارلاردا كۆكتات تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى. مۇھىم قاتناش يولى ياكى يېزا ـ بازار مەركىزىدىكى ئاشخانىلاردا، قورۇما تىزىملىكىدىكى گۆشسىز قورۇمىلار تېخىمۇ كۆپەيدى، بەزى سىچۇەن، خۇنەن قورۇمىلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قورۇمىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاشپەزلەرمۇ قورۇيالايدىغان بولدى.

چۆل - باياۋاندا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور

ئېلىمىزنىڭ «كۆكتاق» مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېرىلغۇ يەر بايلىقى قىس بولۇش مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، چۆللۈك، قۇملۇق قاتارلىق تېرىلغۇ يەردىن باشقا بايلىقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ تۈرلۈك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرىگە ئايلاندى.

شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى يېتەرلىك، چۆللۈك، قۇملۇق كۆلىمى كەڭ بولۇپ، چۆل - باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 2023 - يىلى بېسىپ تارقاتقان «مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2023 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»دا ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تېرىلغۇ يەردىن باشقا تۈرلۈك بايلىقلاردىن مۇۋاپىق، چۆللۈك، قۇملۇق قاتارلىقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شېنياڭ يېزا ئىگىلىك داشـۆسىنىڭ پىروفېسسـورى لى تيەنلەي مۇنداق دېدى: «سۇ بايلىقى يار بەرگەن شارائىتتا، چۆل - باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇۋاتىدۇ، چۆل -باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە تېرىلغۇ يەردىن باشقا يەرلەر ۋە تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلار، تېجەپ قېلىنغان نۇرغۇن ئېتىزغا ئاشلىق تېرىلىۋاتىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چۆل - باياۋاندىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ يېزا رايونلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا زىيارەت قىلىپ، بەزى رايونلاردا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، يېزىلاردا ئوخشاش بولمىغان ئەمگەك كۈچى ئېشىنچىلىقى كۆرۈلگەنلىكىنى كۆردى. ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ، لېكىن بەزى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ياكى ئۆيىدە پەرزەنتلىرى كۆپرەك ئاياللاردا يەنىلا «سىرتقا چىقالماسلىق، يىراققا بارالماسلىق» ئەھۋالى مەۋجۇت، بۇ كىشىلەر ئىزچىل كەنتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى.

يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى بىر چوڭ تىپتىكى «چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى»دا، ئۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئاز بىر قىسم تېخنىك خادىملىرىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلاردىن كەلگەنلىكىنى، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى يېزا ـ كەنتلەردىكى ئامما ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار توكسىكىلىت، موتوسىكىلىت مىنىپ پارنىكقا ئىشلىگىلى بارىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم ئاياللار تېخى كىچىك بالىلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى. شۇ جايدىكى كارخانا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «چۆل ـ باياۋاندىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ شەرتى يۇقىرى ئەمەس، مائاش تەمىناتى، ئەمگەك سىجىللىقى جەھەتتە ئەتراپتىكى پۇقرالارنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ».

ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتتا يەنىلا خىرىس مەۋجۇت
«چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى»نىڭ تەرەققىياتىمۇ تېخنىكا، بازار قاتلىمىدىكى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. چۆل - باياۋاندا «كۆكتات ئامبىرى» قۇرۇش لايىھەلەش ۋە ياساش ھۈنەر سەنئىتى ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۆللۈكتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۈن نۇرى پارنىكىنى مىسالغـا ئالساق، چوڭلىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كـۆلىمـى ئـۈچ مودىن ئاشىدۇ، بۇنىڭغا 700 ـ 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتىدۇ، كىچىكلىرىنىڭ كۆلىمى بىر مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا 200 ـ 100  مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى غەربىي شىمالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىر قىسىم پارنىكلارنىڭ پۈتۈش تەننەرخىنىڭ ئەرزان ئەمەسلىكىنى، ياساش ھۈنەر سەنئىتىنىڭمۇ ئىلمىي ئەمەسلىكىنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە يەنىلا كەسپىي لايىھەلەش ئورۇنلىرى كەمچىل ئىكەن، ئادەتتىكى لايىھەلەش ئورۇنلىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەتقىق قىلمىغاچقا، پارنىكنىڭ يۆنىلىشى، ئېگىزلىكى، ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش ۋە ئۆلچىمىنى ئىگىلىشى تەس بولۇپ، بەزى لايىھەلەرنىڭ ئىلمىي بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ھەتتا كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدىكەن: بەزى كۆكتاتلار بىۋاسىتە قۇمساڭ يەرلەرگە تېرىلىدىكەن، بەزىلىرى «تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش» ئارقىلىق تېرىلىدىكەن. قۇمساڭ تۇپراقتا ئەسلىدىنلا ئورگانىك ماددا كەمچىل بولۇپ، تېرىشتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا ئوغۇت ئىشلىتىپ تۇپراقنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدىكەن، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈشتە شەكلى مۇقىم بولغان تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش ئاساسىي ماددىسىنى سېتىۋېلىپ، كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈش ئوقۇرىغا تېرىشقا توغرا كېلىدىكەن.

كىشىلەرنىڭ ئىككى خىل تېخنىكىغا بولغان پىكرى بىردەك ئەمەس. تۇپراقسىز ئۆستۈرۈشنى قوللايدىغانلار بۇنى كەلگۈسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى دەپ قارايدۇ؛ ئۆز جايىدا تېرىشنى قوللايدىغانلار ئادەتتىكى دېھقانلار ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش ئەڭ رېئال يول دەپ قارايدۇ. بىر يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككى يول مۇكەممەل ئەمەس. بۇ پەن تەتقىقات خادىملىرى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە».

«چۆل - باياۋاندىكى كۆكتات ئامبىرى»نىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ كەسكىن رىقابەت بار. ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ياخشى بولغاچقا، غەربىي شىمالدىكى نۇرغۇن جايلار «كۆكتات ئامبىرى» قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بەزى كادىرلار، كارخانىچىلار يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «جايلارنىڭ ھەممىسى پارنىك ياساۋاتىدۇ، بىرخىللاشتۇرۇش رىقابىتى مەسىلىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى لازا، شوخلا، خاڭگا قاتارلىق بۇ بىر نەچچە خىل كۆكتاتنى تېرىسا، سېتىش قىيىن بولىدۇ».

يېشىل ئورگانىك مېۋە، كۆكتات كەسىپ توپى شىنجاڭ نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ بىرى. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار پىلان تۈزۈپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ناھىيەلەر قوغۇن ـ تاۋۇز تۈرى، كۆكتات تۈرى، پۇرچاق ئائىلىسى، يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىن باشقا، شارائىتى بار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قارا مۇئېر، ليۇشۇگۇ، شياڭگۇ، شىڭباۋگۇ، مېۋە شوخلىسى قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەردى.
يېرىم ئـايلىق سـۆھبەت ژۇرنىلـى مۇخبىرى جاڭ شياۋلۇڭ
(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章