قۇم تىزگىنلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىرلىكتە يېشىل توسۇق بەرپا قىلىش
سۈرەتتە: قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىدا ئېگىز قۇم توسۇقى ياسىماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى خۇ لىجېڭ فوتوسى
ۋىلايىتىمىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «قۇملۇق گىرۋىكى قاشالانغان بولۇش، بوستانلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇش، ئېكولوگىيە ياخشى بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»نى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قۇملۇققا ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىپ، قۇم تىزگىنلەش قەدىمىنى پۇختا ئالدى. سىياسەت، پەن - تېخنىكا، مەبلەغ، كەسىپ قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىدا، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئامما ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا توپلىنىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇم بىلەن كۈچ سىنىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.