ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلارنى

时事   2024-12-04 18:39   新疆  

شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ،كۈچ ئۇلاپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش

ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلارنى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئالماشتۇردى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر خۇ لىجېڭ) 11- ئاينىڭ  30 - كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قۇرۇشقا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلارنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش بويىچە قارشى ئېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى گۇما ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قۇرۇشقا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوماندان جاڭ گېڭجيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، گۇما ناھىيەسىنىڭ رەھبىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىر، ئىختىساسلىقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جان - دىلى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تېزدىن خىزمەتكە كىرىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا يولۇققاندا ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئىش قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. جاپاغا چىداپ كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى، شىنجاڭدا نېمە قىلىدىغانلىقى، شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا نېمىلەرنى قالدۇرىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئارزۇگۈل ئەنۋەر)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章