تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە «يېشىل سېپىل» بەرپا قىلىندى

时事   2024-12-05 18:50   新疆  

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە «يېشىل سېپىل» بەرپا قىلىندى

ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە، بىر مەيدان قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى. قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن بولۇپ، سىزىق سىزىش، ئوت - چۆپ يېيىتىش، چىڭداش قاتارلىق ھەربىر مەشغۇلات تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. ئۇلار ياسىغان ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرى خۇددى ئالتۇن رەڭلىك تورغا ئوخشاش كۆچمە قۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. يېقىن بېرىپ كۆزەتكەندە، ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرىدە گىرەلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن سۆكسۆك بىلەن يۇلغۇننىڭ شامالدا يەڭگىل تەۋرىنىپ، قەيسەر ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىز تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ، سىياسەت،  مەبلەغ،  پەن - تېخنىكا قاتارلىق بايلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئورمان بىنا قىلىش، ئوت - چۆپ تېرىش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە مۇستەھكەم ئىھاتە ئورمىنى، ئوت - چۆپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇم - بوران مەنبەسىگە قارىتا، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، قۇم - بوراننىڭ زىيىنىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتتى. بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا سالا ئېتىز، ئورمان تورى كەمچىل بولغان ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قۇم تىزگىنلەشتە بوش قالغان رايونلارغا قارىتا، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، «بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم توسۇش، چاڭ ـ توزاننى تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت بۇ نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك «تۇتاشتۇرۇلۇشى» ھەمدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا كۆپ ئۇچرىغان بۇ زېمىننىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى تەدرىجىي ئۇرغۇماقتا. يېشىل توسۇق قۇم ـ بوراننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپلا قالماي، كىشىلەر قەلبىدىكى ئۈمىد نۇرىنى تېخىمۇ يالقۇنجاتتى.
ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. سۈرەتتە: قۇم تىزگىنلەش رايونىدىكى خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى بۆلىكىدىن بىر كۆرۈنۈش.

سۈرەتتە: تىراكتورلار قۇم تىزگىنلەش رايونىدا قۇملۇقنى تۈزلىمەكتە.

سۈرەتتە: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىدا، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى يېنىغا كۆچەت تىكمەكتە.

سۈرەتتە: قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇملۇققا قىزىلگۈل كۆچىتى تىكمەكتە.

سۈرەتتە: قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىغا كۆچەت يۆتكىمەكتە.

سۈرەتتە: قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇم توسۇقى ياسىماقتا.

بۇ بەتتىكى سۈرەتلەرنى ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ تارتقان
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شۈ شياۋلۇڭ، ئابابەكرى 
(تەرجىمە قىلغۇچى: مەرۋايىت مەمەتئابدۇللا)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章