خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە

时事   2024-12-05 18:50   新疆  

خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىمىز

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 ـ قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار خـۇ لىجېڭ، ئابلىكىم، ئابابـەكرى، ئىـختىيارىـي مـۇخبىر ما شياۋيۇڭ) 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 ـ قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھازىر ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خوتەن كۈچىنى قوشىمىز.

خوتەن قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي يولىدىكى مۇھىم بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ چەت ئەل بازارلىرىغا يۈزلەندۈردى. ھەر سەيشەنبە كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىدىكى شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) سودا بازىرىنىڭ سودا كۈنى. 12 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، نۇرغۇن سودىگەر بۇ يەرگە يىغىلىپ، تاللانغان ياڭاقلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتتى، كۈندىلىك سودىدا پۈتۈشۈش مىقدارى 2000 توننىغا يەتتى.

شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) سودا بازىرى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئادىلجان ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: «‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بازار كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيدى، بۇ يەردىكى ياڭاق سودىسىمۇ بارغانسېرى جانلاندى، ياڭاقتىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ياڭاق سودا بازىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىمۇ بارغانسېرى زورايدى، بارغانسېرى كۆپلىگەن چەت ئەللىك سودىگەرلەر بۇ يەرگە ياڭاق سېتىۋالغىلى كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق تىرىشىپ، خوتەن ياڭىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، ھەقىقىي خەلقئارالىق داڭلىق مـاركىغا ئـايلاندۇرۇپ، ‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدىكى شىنجاڭ مەلۇم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ياڭاق قۇرۇتۇش مەيدانىدا، خادىملار قازاقىستانغا ئەۋەتىلىدىغان ياڭاق زاكازىنى تەييارلاۋاتاتتى، شۇ كۈنى ئۇلار ئالدى بىلەن 27 توننا ياڭاق ئەۋەتىشنى پىلانلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى بۇ شىركەت 18 مىڭ توننا ياڭاق ئېكسپورت قىلغان، مەھسۇلات قىممىتى 240 مىليون يۈەن بولغان.

بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى روزىمەمەت نۇرى مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىگىلىنىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان، بۇنىڭدىن كارخانىلار كەڭ ئىستىقبالنى كۆردى. ‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 1200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بـولىمىز. بىز ‹بىر بەلباغ، بىر يول› شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىپ، ‹بىر بەلباغ، بىريول› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىغا يارقىن رەڭ قوشىمىز».

خوتەن تاموژنىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئادا قىلىپ، خوتەننىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتۇپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تاموژنا باشلىقى سىياسەتنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش گۇۋاھنامە تالونىنى «بۇلۇت سۇپىسىدا ئىمزا قويۇپ تارقىتىش»نى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملىشىغا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل تەۋەلىك رايونىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلىرى چېگرادىن چىقىدىغان مېۋە ـ چېۋە بېغىدىن 10نى ۋە ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىك خام ئەشيالىرى تېرىقچىلىق مەيدانىدىن ئۈچنى ئەنگە ئېلىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى تۇنجى باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش كەسپىنى بېجىرىپ، 37 مىڭ توننا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان، مەھسۇلات قىممىتى 847 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۆت ھەسسە ۋە 3.1 ھەسسە ئاشقان.

خوتەن تاموژنىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «مەۋقەنى تاموژنىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا قويۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىپ، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل خوتەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تاموژنا تۆھپىسىنى قوشىمىز».

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章