مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز32-قىسىم - زىياپەتتىن ئېرىشكەن نەتىجە

文摘   小说   2024-07-24 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 42-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726




31


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

32-قىسىم

 


32-قىسىم

بىر قېتىملىق زىياپەتتىن ئېرىشكەن نەتىجە


گۈزەلنۇر سەل خاپا بولۇپ، قەيسەرگە ياردەم قىلماقچى بولغاندا، قەيسەر ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى.

قەيسەر باشقىلار يوق يەردە، ئۇنى بەزلەش ئۈچۈن،  ئاجىزلىقنى ئىپادىلىسە بولىدۇ.

ئەمما شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا،  ئايال كىشىگە تايانمايدىغان تەسىر بەرمىسە بولمايدۇدە.

قارشى تەرەپتىكى جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ ئۆز-ئارا كۈلۈمسىرەپ بېقىشلىرىنى كۆرۈپ، قەيسەرنىڭ بارماقلىرى ئىختىيارسىز چىڭىدى.

 چىڭ تۇتۇشلىرىدىن گۈزەلنۇرنىڭ بىلىكى ئاغرىپ،  قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تىركەشتى.

قەيسەر ئۆزىنىڭ ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال قولىنى بوشىتىپ،  بىلىكىنى سىلاپ قويدى.

تۇرسۇن ئەپەندى  قەيسەرگە بىر قاراپ قويۇپ، قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ، قىزى تاللىغان بۇ ئوغۇل دوستتىن سەل نارازى بولدى.

جەسۇرغا سېلىشتۇرغاندا، قەيسەر يەنىلا تۆۋەن تۇراتتى.

ئەلۋەتتە، ئۇ ناھايىتى تېزلا كەيپىياتىنى يوشۇرۇپ:

  -  جەسۇر دىرېكتور، بولمىسا بىز  ئىچىگە كىرىپ چاي ئىچىشكەچ   پاراڭلاشساق قانداق؟  - دېدى.


  -  بولىدۇ! - دېدى جەسۇر   يانغا بۇرۇلۇپ،  زىلالەنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ، ـ مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، تېزلا قايتىپ كېلىمەن.  - دېدى.

زىلالە بېشىنى لىڭشىتتى.

 جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، قولىنى سوزۇپ قەيسەرنىڭ مۈرىسىدىن تۇتتى. بارماقلىرى خۇددى ئامبۇردەك چىڭ بولسىمۇ، يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،  -  كونا ساۋاقدىشىم، بىللە بارايلى! - دېدى. 

قەيسەر باشقا سەۋەب كۆرسىتەلمەي، ئىلاجسىز كۈلۈپ قويۇپ، بىر نەچچە ئەر بىلەن بىللە   ماڭدى.

زىياپەت زالىدا، پەقەت بىر نەچچە ئاياللارلا قالدى.

 زىلالەغا خۇشامەت قىلىدىغانلا كەم بولمىدى.

- زىلالە خانقىز، ھەقىقەتەن تەلىيىڭىز باركەن! 

  -  شۇنداق، جەسۇر دىرېكتورغا ئوخشاش ئادەم كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەگەر مېنىڭ قىزىم بولغان بولسا، ئۇنىڭغا ياتلىق قىلاتتىم.

بەزىلەر گۈزەلنۇرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  گۈزەلنۇر خانقىزمۇ شۇنداق، قەيسەر دىرېكتورمۇ   بۇ شەھەردىكى   ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قابىلىيەتلىك ياش، - دېدى. 

  -  شۇنداق، شۇنداق! 

زىلالەنىڭ ئائىلىسى بىلەن قەيسەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشىنى غەيۋەتخور ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

گۈزەلنۇر بىلەن زىلالە ئوتتۇرىسىدىكى كەيپىياتنىڭ سەل توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، كۆپچىلىك بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىشىپ، باھانە تېپىپ كېتىپ قېلىشتى.


- گۈزەلنۇر خانقىز، ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم.   - دېدى زىلالە بۇرۇلۇپ يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك قويۇلغان تاماق ئۈستىلىگە قاراپ ماڭغاچ.

گۈزەلنۇر ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ، قولىنى سوزۇپ، بىر ئىستاكان كوكتېل ئىچىملىكىنى ئېلىپ:

  -  ئەر  كىشىگە تايىنىدىغان ئايال،  مۇشۇ بىر پارچە لىمونغا ئوخشايدۇ،    لىموننى سىقىپ بولغاندىن كېيىن،  ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ، -  ئەگەر يېڭى بولمىسا،  يەنىلا تاشلىۋېتىلىدۇ. -دېدى. 

كىشىلەر ئارىسىدىكى دەرد-ئەلەمنى ھېس قىلىپ باقمىغان بۇ قىز زىلالەغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكىنى قىلچە يوشۇرمىدى.

زىلالە بىر پارچە تورتنى كۆتۈرۈپ، بايا جەسۇرنىڭ قەيسەرگە يۈزلەنگەندىكى تۇرقى ۋە تەلەپپۇزىنى دوراپ:

  -  گۈزەلنۇر خانقىز كاتتا كىشىنىڭ قىزى تۇرۇقلۇق، مەن ياراتماي تاشلىۋەتكەن ئەرنى تۇتىيا بىلىۋاپسىز، - دېدى. 

 گۈزەلنۇر گىلى بوغۇلۇپ:

 - سىز....  بىز بىر-بىرىمىزنى چىن كۆڭلىمىزدىن ياخشى كۆرىمىز، سىز ۋە جەسۇرغا ئوخشاش مەنپەئەت ئۈچۈن ئويۇن قويمىدۇق، - دېدى.

زىلالە  دېگەنلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغاندەك ھېس قىلىپ،  قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولدى.

ئۇنىڭ كۆزى گۈزەلنۇرنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ، تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتى.

كۆز ئالدىدىكى گۈزەلنۇر، ئاسانلا ئەرلەرنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئالدىنىپ، ساددا ھەم ئەخمەقلىقىدا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان  بۇرۇنقى ئۆزى ئەمەسمۇ؟

 بۇنداق ئويلىغاندىن كېيىن، زىلالە تۇيۇقسىز يېنىكلەپ قېلىپ:

  -  ئۇنداقتا مەن گۈزەلنۇر خانقىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. - دېدى.

 گۈزەلنۇر ئۇنىڭ بۇنداق تەمكىن تۇرغىنىنى كۆرۈپ، سەل ھەيران قېلىپ:

   -   بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى. 

  -  بۇنداق بولغاندا، سىز ئىككىنچى زىلالە بولۇپ قالمايسىز.- دېدى زىلالە تىنچ ھالدا ئارام ئېلىش رايونىغا بېرىپ، ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ، بىر چىشلەم تورتنى ئاغزىغا سالدى.

شاكىلاتلىق قايماق ئۇنىڭ لەۋى بىلەن چىشلىرى ئارىسىدا ئېرىدى، ھۇزۇرلانغان ھالدا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ، كۆڭلىدە ئۆزىنى ماختاپ قويدى.

قەيسەرنىڭ يېڭى مۇھەببىتى بولۇشىنى تەمكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلدى.

زىلالە، سىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسىز!

جەسۇر   ئالدىراپ چىقىپ، ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى.

 كىچىك تورتنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغان زىلالەنى كۆرۈپ، دەماللىققا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئارقىدىنلا يېنىك كۈلۈپ قويدى.

قارىغاندا، جەسۇر ئۇنى تۆۋەن چاغلاپ قاپتۇ!

بۇ پارنىك گۈلى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تىرىشىپ ئۆسۈۋېتىپتۇ.

كىشىلەر توپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ،  يەڭگىل قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ كەينىگە كەلدى.

ئېڭىشىپ، كىرىسلۇنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ:

  -   تەملىكمىكەن؟  - دېدى.

زىلالە پۈتۈن دىققىتى بىلەن تورت يەپ، ئەتراپقا دىققەت قىلمىغانىدى.

ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،  سەل ھەيران بولۇپ يانغا بۇرۇلۇپ:

-  نېمانداق تېزلا يېنىپ چىقتىڭىز؟  - دەپ سورىدى.

  -  ئەلۋەتتە خوتۇنۇمنىڭ ئاچچىق يۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ بولمامدۇ، - دېدى جەسۇر ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا،   -  نەتىجىدە  بۇ يەردە تورت يەپ، ماڭا بىر قوشۇقمۇ ئېلىپ قويماپسىز، - دېدى. 

زىلالە خىجىل بولغان ھالدا قولىدىكى قۇرۇق تەخسىگە قاراپ قويۇپ:

-  بىر پارچە ئەكېلىپ بېرەي.  - دېدى.

  -    ھاجىتى يوق، ماڭا مۇشۇلا بولسىلا بولدى.  - دېدى.

مۇشۇلا؟

قايسىسى ؟

زىلالە تېخىچە ھاڭۋىقىپ تۇراتتى، جەسۇر يۈزىنى يانچە قىلىپ، ئۇنىڭ شاكىلات چاپلىشىپ قالغان لېۋىگە سۆيدى.

زىلالە قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.

بۇ دېگەن زىياپەت زالى، جەسۇر ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟

ئىختىيارسىز  ئاستا ئىتتىردى، جەسۇر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، يەنە ئۇنىمۇ بىللە ساراڭ قىلىدىغان بولدى.

بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتاتتى.

زىلالە زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي، پۈتۈن بەدىنى  يۇمشاپلا كەتتى.

كېلىشكەن ئەر، گۈزەل قىزلار خۇددى كىنودىكى ئەر-ئايال باش پېرسوناژلارغا ئوخشايدۇ، مۇھەببەتتە   رومانتىكىلىقنى چېكىگە يەتكۈزىدۇ.

تۆت ئەتراپتىكى قىز - ئاياللار زىلالەغا ھەۋەس بىلەن بېقىشىپ،  ئايال باش رولچىنىڭ ئۆزى بوپقېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى.

ئەرلەرنىڭ ھەۋەس قىلغىنى جەسۇر.

بۇ شەھەرنىڭ يۇقىرى قاتلام چەمبىرىكىدە، زىلالە ئېنىقلا ھەممە ئادەمنىڭ ئېرىشكۈسى كېلىدىغان ئېسىلزادە خانقىز ھېسابلىنىدۇ.

زىلالەنىڭ ئائىلىسى خارابلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەرلەر زىلالە توغرىسىدا باشقىچە نىيەتتە بولۇشقان.

پەقەت ئۇنىڭ قەيسەر  بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلگەچكىلا ھېچكىم ئۇنىڭغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

ئەمدىلىكتە جەسۇرنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇ گۈلنى ئۈزۈپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بېشىنى چايقاپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن ئاھ ئۇرۇشتى.

پۈتكۈل شەھەردە پەقەت  جەسۇردىن ئىبارەت بۇ كاتتا شەخس قەيسەرنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.

بۇ ۋاقىتتا جەسۇر  بارماقلىرى بىلەن قىزنىڭ نازۇك يۈزلىرىنى يېنىك سىيپاپ قويدى.

 چاپىنىنى سېلىپ زىلالەنىڭ ئۈستىگە يېپىنچاقلاپ،  قولىنى سوزۇپ تېخىچە ماغدۇرسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغان زىلالەنى كىرىسلۇدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:

  -   يۈرۈڭ، ئۆيگە قايتايلى! - دېدى. 

جەسۇر ئۇنى يېتىلەپ زىياپەت زالىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭغاچ، يۈزىنى يانغا قىلىپ،  قۇلاق تۈۋىگە يېقىن كېلىپ:

- بۈگۈن كەچتىكى تورت  بەك تاتلىق ئىكەن. - دېدى. 

زىلالەنىڭ يۈزى قىزىرىپ، ئاچچىقىدا بىرنى ئىتتىردى.

سىرتتىكىلەر ئەلۋەتتە بىلمەيدۇ، پەقەت ئۇلارنى مۇھەببەت سۆزلىرىنى دېيىشتى دەپ قارايدۇ خالاس.


 قەيسەر مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، ئىككى ئادەمنىڭ كەينىدىن قاراپ، كۆزلىرىدىن سۇس مۇزدەك نۇر چاقنىدى.

جەسۇر زىلالەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ زىياپەت زالىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ، قەيسەرگە قاراپ يېنىك كۈلۈپ قويدى.

  -    يەنە كۈلىۋاتامسىز؟ - دېدى زىلالە ئالىيىپ قاراپ، ‐ بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىۋى سورۇنلاردا قالايمىقان ئىش قىلىشىڭىزغا رۇخسەت يوق.  - دېدى.

جەسۇر نەزەر دائىرىسىنى قايتۇرۇپ، ئۇنى لىفىتقا ئېلىپ چىقتى.

ئېڭىشىپ، ھارغىنلىق بىلەن بېشىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ:

- سىزنى بەك  سېغىندىم! - دېدى. 

جەسۇر تۇيۇقسىز بۇ گەپنى قىلدى، زىلالە چۈشەنمەي ئەنسىرىگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ:

  -   كۆپ ئىچىۋالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

دەرۋەقە ئۇنىڭ بىلەن ئازراق، بۇنىڭ بىلەن ئازراق ئىچىپ يۈرۈپ كۆپ ئىچىۋالدى.

- ئۇنچىلىك ئىچكەنگە مەست بولۇپ قالمايمەن، - دېدى جەسۇر زىلالەنىڭ يۈزىنى چىمدىپ،- بايا ئۆزىڭىز مەندىن سورىدىڭىزغۇ؟ - دېدى. 

 سورىدىمۇ؟

زىلالە ئىككى سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاخىرى ئېسىگە ئالدى.

تازىلىق ئۆيىدە  قەيسەرنىڭ ئالدىدا قەستەن ئويۇن قويغاندا :

  -  نەچچە كۈن كۆرۈشمىدۇق، مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىغان. 

  -  سېغىنىم!  - دېدى جەسۇر يەنە بىر قېتىم.


 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章