مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىش

时事   2024-12-03 19:21   新疆  

جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى (2 - بۆلۈم)نىڭ شىنجاڭ بېكىتىدىكى ئاساسىي كۆرىكى ۋىلايىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىش

سۈرەتتە: سەھنىدە ماھىرلار جۇڭخۇا كىلاسسىك شېئىرلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى نۇرگۈزەل فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تـاراتقۇ خەۋىرى  (مۇخبىرلار نۇرگۈزەل، ئابدۇللا)   11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خوتەن كىنو - تىياتىرخانىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى (2 - بۆلۈم)نىڭ شىنجاڭ بېكىتىدىكى ئاساسىي كۆرىكى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كاتتا كۆرۈش - ئاڭلاش زىياپىتى سۇنۇلدى.

كۆرەكتە، پېشقەدەم دىكتورلار توغرا تەلەپپۇزى، قالتىس ماھارىتى بىلەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى؛ كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرى ئىجادىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى ھەمكارلىشىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايان قىلدى؛ شىنجاڭ بېكىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھاياجان بىلەن يەنە بىر قېتىم سەھنىگە چىقىپ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئورۇنلىدى. كۆپچىلىك قايناق ھېسسىياتى بىلەن ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىنى مەدھىيەلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىپتىخارلىق مۇساپىسىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن زال قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىغا چۆمدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى تورى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى تورىنىڭ شىنجاڭ قانىلى، شىنجاڭ مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى مەدەنىيەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ھەرقايسى ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى، ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشغان بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى، يولنى كېڭەيتتى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي رادىيو تورىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ۋاڭ يىفېڭ مـۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا كىلاسسىك ئـەسەرلىرىنى دېكلامـاتسىيە قىلىش يىغىنى (2 - بۆلۈم) ئالدىنقى بۆلۈمنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دىققەتنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىدى. بۇ پائالىيەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، خەلق قاتنىشىش، كەسپىي نوپۇزلۇق بولۇش يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دېكلاماتسىيە قىلىش شەكلىدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق، كىلاسسىك مەدەنىيەتنى تارقىتىشنى سادادىن باشلاپ، كىشىلەر قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت».

جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى (2 - بۆلۈم)نىڭ شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا پائالىيەتكە پائال قاتناشتى. ئاخىرىدا، مىڭشىن گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى، داشۆ گۇرۇپپىسى، جەمئىيەت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بەش گۇرۇپپىدىن كەلگەن 36 نەپەر ماھىر ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.

سەھنىدە، «مەن جۇڭگو پەرزەنتى»، «توغراققا ئوخشاش ياشايمەن»، «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» تېمىسىدىكى ئەسەرلەر دېكلاماتسىيە قىلىندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار جۇڭخۇا كىلاسسىك شېئىرلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا كىلاسسىك شېئىرلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى شەرھلىدى، ئۇلار بەزىدە مەردانە، جۇشقۇن دېكلاماتسىيە قىلسا، بەزىدە تۆۋەن ئاۋازدا تەسىرلىك دېكلاماتسىيە قىلىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

گۇما ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نۇرئەلى نۇرئابلا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلغاندا كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە چۈشىنىشتىن سەھنىگە چىقىپ دېكلاماتسىيە قىلىشقىچە ھەربىر قەدەمدە مول ھاسىلاتقا ئېرىشتىم. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ئېتىراپ قىلىنغانلىق، تېخىمۇ مۇھىمى رىغبەتلەندۈرگەنلىكتۇر. مەن شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى داۋاملىق دېكلاماتسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش كىچىك ئەلچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن».

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى تورى ئۆزئالدىغا پىلانلىغان چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرىكى پائالىيىتى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت تۈرىدىكى IPسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەد پۈتۈن جەمئىيەتنى جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئورتاق دېكلاماتسىيە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «كىتابخۇمار جۇڭگو»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت. 2023 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى (1 - بۆلۈم)غا تىزىملاتقانلار 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، پۈتۈن توردىكى كۆرۈلۈش مىقدارى 500 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، جۇڭگوغا خاس شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «2023 - يىللىق جۇڭگودا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش بويىچە توردىكى نادىر ئەسەر» بولۇپ باھالىنىپ، كۈچلۈك تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章