​بۇ 3 يىمىگەنلەر ئاسان يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

文摘   健康   2024-10-24 19:01   新疆  





بۇ 3 يىمىگەنلەر ئاسان يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

ئېلىمىزدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار 330 مىليونغا يېتىدۇ، ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

يېمەك- ئىچمەك يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھالقا. جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، 3 خىل يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.


ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» بۇ تەتقىقات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زادى قانداق يېيىش كېرەكلىكىنى تونۇشتۇردى.

بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ليۇ جيەن؛
پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسى سۇڭ شىن؛

دۆلىتىمىزدىكىلەر بۇ 3 خىل يېمەكلىكنى بەك ئاز يەيدۇ
خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «سۆگەت يوپۇرمىقى پىچىقى· رايون ساغلاملىقى (غەربىي تىنچ ئوكيان) » دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا، 2002~2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنغان.
نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، مېۋە-چېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق جۇڭگودىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق يېمەك- ئىچمەكتىكى خەۋپ- خەتەر ئامىلى ئىكەن.


كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ مېۋە چېۋە، دانلىق زىرائەت، كۆكتات، دادۇر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قارا گۆش ۋە قەنتلىك ئىچىملىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال قىلىش مىقدارىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. لېكىن، قارا گۆش ۋە قەنتلىك ئىچىملىكلەردىن باشقا، ئاھالىلەرنىڭ باشقا يېمەكلىكلەرنى ئوتتۇرىچە قوبۇل قىلىش مىقدارى يەنىلا ئېلىمىزنىڭ تاماق كۆرسەتمىسىدە تەۋسىيە قىلىنغان سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغان.

بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە، دانلىق زىرائەت، كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنىڭ ئاساسلىق يېمەك ئىچمەك ئامىلى؛ قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە دادۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ۋە يۇقىرى قەنتلىك ئىچىملىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى پەقەت قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


جىنس ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ ناچار يېمەك- ئىچمەك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.
ياش جەھەتتىن قارىغاندا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېمەك- ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان.
قىسقىسى، بۇ كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، جۇڭگولۇقلارنىڭ مېۋە- چېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، يېمەك- ئىچمەك سۈپىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

يېمەك ئىچمەك، يۈرەك مېڭە ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى يەر شارىدا 11 مىليون ئادەم ساغلام بولمىغان يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون ئادەم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان 113 دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك يېمەك- ئىچمەك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى 3 مىليونغا يېقىن ئادەم يېتەرلىك مېۋە- چېۋە، كۆكتات يېمىگەنلىكتىن، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن.


نېمە ئۈچۈن مېۋە- چېۋە، كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەر يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ؟

تەبىئىي ياللۇغ قايتۇرۇش تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
مەسىلەن: سىئانىدىن، بىئولوگىيىلىك فلاۋون ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، ياللۇغ فاكتورىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ غىدىقلىشىدىن يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ھەتتا راك كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول
بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئېغىر كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن لىيىڭ مۇنداق دېدى: يېمەكلىك تالاسى خولېستېرىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە خولېستېرىننىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىك تالاسى يەنە ناترىي ۋە ياغنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىپ، بەلگىلىك قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ئىچكى ئەزالاردىكى ياغنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە تەدرىجىي يول ئاچىدۇ. مەسىلەن: ترى گلىتسېرىد ئۆرلىسە، قاندا بىر قەۋەت ماي كۆپىيىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئۈچ خىل يېمەكلىكنى كونكرېت قانداق يېيىش كېرەك؟
يېمەك ئىچمەك يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم تۇتقا. يۇقىرىقى تەتقىقاتتا تىلغا ئېلىنغان يېمەك- ئىچمەك تەكلىپىنى تۇرمۇشتا كونكرېت قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟

دۆلىتىمىزنىڭ يېمەك- ئىچمەك كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى 300~500 گىرام كۆكتات؛ مېۋە- چېۋە 200 گرامدىن 350 گرامغىچە؛ دانلىق زىرائەت تۈرى 200 گرامدىن 300 گرامغىچە (دانلىق زىرائەت ۋە ئارىلاش پۇرچاق 50 گرامدىن 150 گرامغىچە) ئىستېمال قىلىشى كېرەك.


مېۋە چېۋىنىڭ رەڭگىنى ئالماشتۇرۇپ يېيىش
ھەر كۈنى يېيىشتە چىڭ تۇرۇش: تەخمىنەن ھەر كۈنى بىر تال ئالمىغا بىر تال ئاپېلسىن (ياكى بانان)نى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش. رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ يېيىش: مەسىلەن: قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەردە β كاروتىن مول، قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەردە لىكوپېن مول. ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن جىقراقنى ماسلاشتۇرۇش: مېۋە شەربىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.
مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاش: تاماقتىن 1~3 سائەت كېيىن بولسا مۇۋاپىق، كەچتە ئاز يېيىش كېرەك.

ئالاھىدە كىشىلەر توپى تاماق تاللايدىغانلار، مەسىلەن:
1. دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى قان قەنتى ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى تۆۋەن مېۋىلەرنى يېسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئەجدىھا مېۋىسى، چوڭ ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى، شاپتۇل، نەشپۈت، ئەينۇلا قاتارلىقلار؛
2. ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر: تاۋۇز، بۆلجۈرگەن، بېھى قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللىسا بولىدۇ؛
3. ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر: مېۋە كىسلاتاسى كۆپ مېۋىلەرنى ئاز يېسە بولىدۇ. مەسىلەن: نەشپۈت، ئالما، شاپتۇل، لىجى قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ.



پۈتۈن دانلىق زىرائەت: ئاساسىي يېمەكلىكنىڭ 4 / 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ
پۈتۈن دانلىق زىرائەت ئىنچىكە پىششىقلانمىغان ياكى ئېزىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، تۆرەلمە سۈتى، تۆرەلمە بىخى، دانلىق زىرائەت قوۋزىقى ۋە تەبىئىي ئوزۇقلۇق تەركىبى ساقلىنىپ قالغان دانلىق زىرائەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.


پۈتۈن دانلىق زىرائەت ئاساسىي يېمەكلىكنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىشى كېرەك. مەسىلەن: گۈرۈچ دۈملىگەندە 1 / 4~ 1 / 3 قىسىم يىرىك گۈرۈچ ياكى سۇلۇ قوشۇش، ھورنانغا پۈتۈن بۇغداي ئۇنى ئىشلىتىش ياكى بىر قىسىم قوناق ئۇنى، ئارىلاش پۇرچاق تالقىنى قوشۇش كېرەك.

پۈتۈن دانلىق زىرائەتنىڭ تەمى يىرىك بولۇپ، بەزى كىشىلەر يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، پۇرچاق سۈتى ماشىنىسى ئارقىلىق بەش خىل دانلىق پۇرچاق سۈتى ياكى گۈرۈچ ئۇمىچى تەييارلىسا، توك قازان ياكى يۇقىرى بېسىملىق قازاندا سەككىز خىل گۆھەر ئۇمىچى پىشۇرۇپ تەمىنى ياخشىلىسا بولىدۇ.

كۆكتات: ھەر كۈنى بىر جىڭ
كۆكتاتلارنىڭ يېرىمى قېنىق رەڭلىك كۆكتات بولۇشى كېرەك. ئادەتتە يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق، يوپۇرمىقى قانچە نېپىز بولسا، ئوزۇقلۇق تەركىبى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
كۆكتات سېتىۋالغاندا ئېتىگە قارىماستىن، يېگىلى بولىدىغان قىسمىنىڭ قېنىق رەڭلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. مەسىلەن: پىدىگەن، تەرخەمەك، تەكىيە كاۋا قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە قېنىق رەڭلىك چاپان كىيگەن سۇس رەڭلىك كۆكتاتلار.

ئەلۋەتتە، يېمەك- ئىچمەك ئامىلىدىن باشقا، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداشتا تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان تۇز 5 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛
قان بېسىمىنى ياخشى كونترول قىلىش، 140 / 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛
ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ناچار كەيپىياتنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛
ھەرىكەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش؛
ھاراق- تاماكىغا چېقىلماسلىق؛
ئامال بار ھەر كۈنى 7 سائەت ئۇخلاش، سائەت 23 تىن بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك.

قىسقىسى،ئۈ%80 تىن ئارتۇق يۈرەك قان تومۇر ۋەقەلىرىنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە خەتەرلىك ئامىللارنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئىلمىي ئوزۇقلىنىپ، قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى زور دەرىجىدە توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!

سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章