ھەرخىل سەۋەپلەردىن ھەيىز مەزگىلىدە ياكى ھەيىز مەزگىلىنىڭ ئالدى كەينىدە تۆۋەنكى قۇرساق قىسىمى قاتتىق ئاغرىپ، بەل توققۇز كۆز ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تاماق خالىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، كۈندىلىك پائالىيەت ۋە ئەمگەككە تەسىر كۆرسىتىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بىرلەمچى خارەكتېرلىك ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، ئىككىلەمچى خارەكتېرلىك ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئىككى تۈرگە بۈلۈنىدۇ.
بىرلەمچى خارەكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش - تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى كەينىدە تۆۋەنكى قۇرساق قىسىمى قاتتىق ئاغرىپ، بەل توققۇز كۆز ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تاماق خالىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئىككىلەمچى خارەكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش - تۇنجى قېتىم ھەيىز كەلگەن ۋاقىىتتىن باشلاپ ئاغرىتىپ كېلىش تارىخى يوق بولۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى كەينىدە تۆۋەنكى قۇرساق قىسىمى قاتتىق ئاغرىپ، بەل توققۇز كۆز ساھەسى تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1. خىل رىتسىپ- قەلەمپۇر، قارىمۇچ، پىلپىل قاتارلىقلارنى سوقۇپ، گۈل يېغى ياكى قايناقسۇدا نەملەپ، كىندىك ئۈستىگە قۇيۇپ، پىلاستىر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش.
2. خىل رىتسىپ- كاۋاۋىچىن 9 گرام، چىلان 15 تال، خام زەنجىۋىل 24 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىش.
4. خىل رىتسىپ- قارىمۇچنى يۇمشاق سوقۇپ ئاچچىقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئۇماچتەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھەيز كېلىشتىن 3 كۈن بۇرۇن پىلاستىر بىلەن تاپاننىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى مەركىزى ئويمانلىقىغا چاپلاپ 10مىنوت ئەتراپىدا ئۇۋلاش.
قارا پۇرچاق-تۇخۇم قايناتمىسى- قارا پۇرچاق 60 گرام، تۇخۇم 2 دانە، سېرىق ھاراق ياكى گۈرۈچ ھارىقى 100مېللىلېتىر. قارا پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى بىرلىكتە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئۈنۈمى- مىجەزنى تەڭشەپ، يەلنى ھەيدەش، ئاغرىقنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە. بەدەن ۋە قان ئازلىقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دولانا، دارچىن شېخى، قارا شېكەر قايناتمىسى-دولانا مېۋە ئېتىدىن 15 گرام، دارچىن شېخى 5 گرام، قارا شېكەر 50-30 گرام. دولانا ۋە دارچىننى ساپال قازانغا سېلىپ 2 قاچا سۇ قوشۇپ، سۇس ئوتتا بىر قاچا قالغۇچە قايناتقاندىن كېيىن قارا شېكەر قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئۈنۈمى- بەدەننى ئىللىتىپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە چىرايى نۇرسىز بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زەنجىۋىل-چىلان-قارا شېكەر قايناتمىسى-قۇرۇتۇلغان زەنجىۋىل، چوڭ چىلان، قارا شېكەرنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرامدىن. زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ كېسىپ، چىلاننى پاكىز يۇيۇپ ئۇرۇقىنى ئېلۋېتىپ، قارا شېكەر بىلەن بىرگە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئۈنۈمى- سۈيىنى ئىچىپ، چىلاننى يەپ بەرگەندە، بەدەننى ئىللىتىپ سوغۇقنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە سېرىق داغقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زەنجىۋىل-چىلان-كاۋاۋىچىن قايناتمىسى- زەنجىۋىل 25گرام، چوڭ چىلان 30 گرام، كاۋاۋىچىن 100 گرام. زەنجىۋىلنىڭ پوستى سويۇۋېتىپ يالپاقلاپ توغرىلىدۇ، چىلان پاكىز يۇيۇلۇپ ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلىدۇ، كاۋاۋىچىن بىلەن بىرگە ساپال قاچىدا بىر يېرىم قاچا سۇ بىلەن سۇس ئوتتا يېرىم قاچا قالغۇچە قاينىتىلىپ، سۈيى سۈزۈۋېلىنىدۇ. ئۈنۈمى- ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرگەندە، مىجەزنى تەڭشەپ ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا تېرىنى نۇرلاندۇرۇش رولىمۇ بار.
كۈدە شىرنىسى-قارا شېكەر ئىچىملىكى- يېڭى كۈدە 300 گرام، قارا شېكەر 100 گرام. كۈدە پاكىز يۇيۇلۇپ، سۈيى سىقىلىپ، ئېزىپ شىرنىسى چىقىرىلىدۇ، قارا شېكەر قازانغا سېلىنىپ، سۇ قوشۇپ قاينىتىلىپ، تولۇق ئېرىگەندە كۈدە شىرنىسى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. ئۈنۈمى- بەدەننى ئىللىتىپ قۇۋۋەت تولۇقلاش، چىراينى نۇرلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بەدەن ۋە قان ئازلىقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دولانا ھارىقى ماتېرىياللار- دولانا قېقى 300 گرام، تۆۋەن گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق 500 مىللىلېتىر. دولانا پاكىز يۇيۇلۇپ، ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلىپ ئۇششاق چانىغاندىن كېيىن چوڭراق بوتۇلكىغا سېلىنىپ، ئۈستىگە ئاق ھاراق قۇيۇلۇپ، ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ 10-7 كۈنگىچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ھەر قېتىمدا 15 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ. چىلىغان مەزگىلدە 2-1 كۈندە بىر قېتىم بوتۇلكىنى چايقاپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئۈنۈمى- تالنى قۇۋۋەتلەپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
دولانا-گازىر-قارا شېكەر قايناتمىسى- دولانا، گازىر مېغىزى 50 گرامدىن، قارا شېكەر 100 گرام ماتېرىياللارنى بىرلىكتە قازانغا سېلىپ قاينىتىلىپ، سۈيى سۈزۈۋېلىنىپ تەييارلىنىدۇ. ئۈنۈمى- بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تال ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش، قاننى نورماللاشتۇرۇپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە. قان ۋە بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەيز كېلىشتىن 5-3 كۈن بۇرۇن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
قىزىلگۈل چېيى- قىزىلگۈل ياز ۋە كۈز پەسلىدە ئۈزۈلىدۇ، يېرىم ئېچىلغان قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك غۇنچىسى ئاساس قىلىنىدۇ، بەرگىلىرى چېچىلمىغان، خۇشپۇراق بولغانلىرى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۈنۈمى- قىزىلگۈلنى چاي ئورنىدا دەملەپ ھەركۈنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زاراڭزا ھارىقى- زاراڭزا 200 گرام، تۆۋەن گىرادۇسلۇق ھاراق 1000مېللىلېتىر، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا. زاراڭزا پاكىز يۇيۇلۇپ، سۈيى تولۇق قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن قارا شېكەر بىلەن بىرگە پاكىز داكىغا ئورىلىپ ھاراق كۈپىگە سېلىنىپ ئېغىزى چىڭ ئېتىلىپ 7 كۈن تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ھەر كۈنى 2-1 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30-20 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۈنۈمى- قان تولۇقلاپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، قان زەئىپلىشىش، قان راۋان بولماسلىق، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.