ما شىڭرۇي،ئەركىن تۇنىيازپۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىساد

时事   2024-12-05 18:50   新疆  


ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ۋە بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدە، شىنجاڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.   □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پىكىر يولى، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، توغرا يۆنىلىشلىك تەھلىل قىلىش، تىك يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، سانائەتنىڭ ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تۈجۈپىلىك خىمىيە سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىشنى تېزلىتىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت جان تومۇرنى قەتئىي ياخشى ساقلاش كېرەك. قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئاي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق كەسىپ زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تېز قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچەش نۇقتىسى، بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى توغرا تەتقىق قىلىش، تولۇق تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە چارىسى ئارقىلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئىقتىدار - قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章