ئامېرىكا باش بارماق سىنىقى قان تومۇر كېسەل خەتىرىنى بىلىۋېلىڭ

文摘   2024-11-07 18:31   新疆  

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى: kedirle55




ئامېرىكا باش بارماق سىنىقى قان تومۇر كېسەل خەتىرىنى بىلىۋېلىڭ 


ئاددىي«ئالقان سىنىقى» خەتەرلىك يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ

ئائورتا ئۆسمىسى ئەمەلىيەتتە ئۆسمە ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. بىماردا ئادەتتە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر ئائورتا ئۆسمىسى يېرىلىپ كەتسە، بىمار بەدىنىدە كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كېتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئائورتا ئۆسمىسى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قورساق ئائورتا ئۆسمىسىنىڭ ياشانغانلار توپىدا قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن %5 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىسىم نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ناتونۇش.

بىزگە تونۇشلۇق بولغان بەزى داڭلىق كىشىلەرمۇ ئائورتا ئۆسمىسىنىڭ يېرىلىشى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن:
فىزىكا ئالىمى ئېينىشتېيىن ئاشقازىنىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا، دوختۇر ئۇنىڭ قورساق ئائورتا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئارتېرىيە ئۆسمىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى تەكلىپىنى بەرگەن، ئەمما ئېينىشتىيىن بۇنى رەت قىلغان.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئائورتا ئۆسمىسى قورساقنىڭ قاتتىق ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دوختۇر ئۇنىڭدىن دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا يەنە بىر قېتىم رەت قىلىنغان. ئاخىرىدا قورساق ئائورتا ئۆسمىسى يېرىلىپ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
فرانسىيە زۇڭتۇڭى دې گول، ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر گېئولوگى لى سىگۇاڭمۇ قورساق ئائورتا ئۆسمىسىنىڭ يېرىلىشى بىلەن ئۆلگەن.

يېقىندا، ئامېرىكا يالې داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى بىر تۈرلۈك «باش بارماق ئالقان سىنىقى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئائورتا ئۆسمىسى يوشۇرۇنغان ياكى يوشۇرۇنمىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ.
بۇ «باش بارماق ئالىقان سىنىقى» ناھايىتى ئاددىي: بىر قولنى كۆتۈرۈپ، ئالىقاننى ئېچىش. باشمالتىقىمىزنى ئالىقان ئىچىگە يىغىمىز (باشقا تۆت بارماقنى ئامال بار مىدىرلاتمايمىز) ، باش بارماقنىڭ ئەڭ يىراق بولغاندا قايسى دەرىجىگە يېتىدىغانلىقىغا قارايمىز.
ئەگەر باش بارمىقىڭىزنى يىغقاندىن كېيىن ئوتتۇرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولسا، نورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر باش بارماق ئاسانلا ئالىقاننىڭ گىرۋىكىدىن ئۆتۈپ كەتسە (ئوڭ تەرەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) ئارتېرىيە ئۆسمىسىنى يوشۇرۇن خەۋپىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بۇ تەتقىقاتنى يالې داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىگە قاراشلىق يالې نېۋخاۋېن دوختۇرخانىسى (Yalew Haven Hospital) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى تاماملىغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلار يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان 305 بىمارغا قارىتا «باش بارماق ئالىقان سىنىقى» ئېلىپ بارغان، بۇ بىمارلار ئوپېراتسىيەدە قىزىلئۆڭگەچ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلىق كاردىئوگرام (TEE) ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى تەكشۈرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئائورتا ئۆسمىسى بارلار جەمئىي 59 ( 19.4% ). 10 بىمار (3.3%) نىڭ باش بارماق ئالىقان سىنىقى مۇسبەت چىققان، 295 بىمار (96.7%) مەنپىي چىققان.

«باش بارماق ئالىقان سىنىقى» نىڭ ئائورتا ئۆسمىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش رولى بولۇپ، سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن تۆۋەن (% 7.5) ، لېكىن خاسلىقى بىرقەدەر يۇقىرى (% 98.5).

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا: كۆپ ساندىكى ئائورتا ئۆسمىسى بىمارلىرىدا، مۇسبەتلىك بەلگىسى يەنى باشمالتاق ئالقان گىرۋىكىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. مۇسبەت بەدەن بەلگىلىرى بار بىمارلارنىڭ ئائورتا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
رەسىمدىكى مۇسبەت باش بارماق ئالقان سىنىقى ھالىتى
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېگەن: ئارتېرىيە ئۆسمىسى ئادەتتە نەچچە ئون يىلدا ئاندىن يېرىلىپ كېتىش دەرىجىسىگە يېتىدۇ، شۇڭا مۇسبەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئارتېرىيە ئۆسمىسى كېسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى، ئائورتا ئۆسمىسى يېرىلىشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىكى تەسىرگە ئۇچرىغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.

تەتقىقاتچىلار «باش بارماق ئالىقان سىنىقى» نى ئۆلچەملىك بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ بىر قىسمى قىلىش، بولۇپمۇ ئائورتا ئۆسمىسى جەمەت تارىخى بارلارنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن.


ئەمەلىيەتتە «باش بارماق ئالىقاننى ئۆلچەش» ئىزچىل ھالدا مارۋان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ مۇھىم ھۆكۈم قىلىش ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل ئۇسۇلدا باش بارماقنى يۆتكىگەندە، بىمارنىڭ ئۇستىخىنى زىيادە ئۇزۇن بولسا، بوغۇملار بوشىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ بەلكىم پۈتۈن بەدەندىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى بىر يەرگە چاپلاپ تۇرىدىغان «شىلىم» دىن مەسىلە چىققان.

«مارۋان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» گە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك زىيىنى شۇكى، كۆپىنچە ھاللاردا ئائورتا قىستۇرما قەۋىتى ۋە ئائورتا ئۆسمىسىدىن ئىبارەت.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەر بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئارتېرىيە ئۆسمىسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەردۇر. پەقەت «باش بارماق ئالىقىنىنى ئۆلچەش» كە تايىنىپلا بىر ئادەمنىڭ ئائورتا ئۆسمىسى بار ـ يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

يۇقىرىقى مەسىلىلەر كۆرۈلسە ھەمدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بار دەپ گۇمان قىلىنسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك دىياگنوز قويۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالاشنى قارار قىلىش كېرەك.

ئائورتا ئۆسمىسى، قان تومۇردىكى تۇراقسىز بومبا
ئائورتا ئۆسمىسىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئائورتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك.
ئائورتا ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ توم بولغان بىر تال ئارتېرىيە، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان بىر تال قان تومۇر.
ئۇ يۈرەكنىڭ سول يۈرەك قېرىنچىسىدىن چىقىپ، يۇقىرىغا، ئوڭغا، يەنە تۆۋەنگە قاراپ خۇددى بىر ياسىمان نەيچىگە ئوخشاش ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، كۆكرەك بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقىدىن نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قان يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
رەسىم
ئائورتا ئۆسمىسى ئائورتا كېڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئارتېرىيە دىۋارى پاتولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە يەرلىك ئورۇن ئاجىزلاپ، قان ئېقىمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا سىرتقا كۆپۈش شەكىللىنىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئائورتا ئۆسمىسىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئادەتتە كىچىك ئارتېرىيە ئۆسمىسى پەقەت سالامەتلىك تەكشۈرگەندىلا ئاندىن بايقىلىدۇ. شۇڭا، شاللاپ تەكشۈرۈش ۋە قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش دەسلەپكى دىياگنوز قويۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئائورتا ئۆسمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئىككى ئورۇندا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىرى كۆكرەك بوشلۇقى ئىچىدە بولۇپ، كۆكرەك ئائورتا ئۆسمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى قورساق قىسمى بولۇپ، قورساق ئائورتا ئۆسمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۆلەتلەردە تەخمىنەن %50 قورساق ئائورتا ئۆسمىسى يېرىلىپ كەتكەنلەرنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن، داۋالاشنى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %50 كە يەتمىگەن.
بىراق، ئائورتا ئۆسمىسى ئۆسۈش جەريانىدا، بەزى كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن:
قورساق ئائورتا ئۆسمىسىدە:
دۈمبە ئاغرىش.
قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش.
كىندىكىدە تارتىش سېزىمى بولۇش.

كۆكرەك ئائورتا ئۆسمىسىدە:
كۆكرەك قىسمى ياكى دۈمبە قىسمى ئاغرىش.
نەپەسلىنىش ياكى يۇتۇش قىيىنلىشىش؛
يۆتىلىش.
ئاۋازى بوغۇلۇش.


بەزى ئائورتا ئۆسمىسى يېرىلىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ئۇنداق بولمايدۇ. يەنە بەزى ئائورتا ئۆسمىسى بەزى ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەخىملىنىش ھەتتا ئۆلۈش قاتارلىقلار.

قايسى كىشىلەر ئاسانلا ئائورتا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟
يېشى چوڭ، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىش، تاماكا چېكىش، تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەك، ئارتېرىيە كېسەللىكى ئائىلە تارىخى بارلار، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئائورتا ئۆسمىسىنىڭ خەتەرلىك ئامىلىدۇر.

65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر، بولۇپمۇ ئەرلەردە يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولىدۇ، تاماكا چېكىۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان، ئەتراپ ئارتېرىيە ئۆسمىسى كېسەللىك تارىخى بارلار ھەر يىلى بىر قېتىم قورساق قىسمىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى ئاساسلىقى ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، جىسمانىي ھەرىكەت ئاز بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خەتەرلىك ئامىللار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتە 7 ئاچقۇچلۇق ئامىل بار:
01. قان بېسىمىنى نورمال دائىرىدە كونترول قىلىش.
لقان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا ئاستا-ئاستا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئائورتا ئارىلىق قەۋىتىدىن ئىبارەت بۇ خىل تېز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان جىددىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇرمۇشتا خۇشاللىق، قايغۇ-ھەسرەت، تۈنەش، زىيادە چارچاش قاتارلىق قان بېسىمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش كېرەك.

تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، چوڭلارنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان ئاش تۇزىنىڭ مىقدارى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (بىر پىۋا بوتۇلكىسى مىقدارىدىن ئاز) تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ماي، تۇز، شېكەر كۆپ بولغان تاماقلارنى ئاز يېيىش، ھەر كۈنى بىر جىڭ كۆكتات، يېرىم جىڭ مېۋە-چېۋە يېيىش ھەمدە ئىمكانقەدەر ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكىلىرىنى تاللاش كېرەك.

بېلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، نېرۋا ۋاسىتىچى ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى (ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك قايماق، بەرەڭگە ياپراقچىسى، سالات قىيامى، پىرەنىك، ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەر) نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش.
02.تاماكا تاشلاپ ھاراقنى چەكلەش.
تاماكا چەكمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى تاماكىدىن مەڭگۈ يىراق تۇرۇشى، تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغان ۋە تاماكا تاشلىشى كېرەك.
ئىسپىرت يالغۇز ئىسپىرتلىق يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى، دالانچە تىترەش، يۈرەك زەئىپلىشىش، مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
03. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش.
ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز كىشىلەر بالدۇرراق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئورۇقلىشى، ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (BMI) ئارقىلىق مۆلچەرلەشكە بولىدۇ، ھېسابلاش فورمۇلاسى BMI = بەدەن ئېغىرلىقى (kg) = بوي ئېگىزلىكى (مېتىر) نىڭ كىۋادراتى بولىدۇ.

04. ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ھەرىكەت قىلىش.
قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلۈك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشى ياكى 75 مىنۇت يۇقىرى كۈچىنىشلىك ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

05. زور دەرىجىدە بۇرۇلۇش، سوزۇلۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
يېشى چوڭراق كىشىلەرگە نىسبەتەن، تۇرمۇشتا ئامال بار بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كېتىشى، سوزۇلۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
مەسىلەن: ئورنىدىن تۇرغاندا، سافادىن قوپقاندا ھەرىكەت ئاستا بولۇشى كېرەك؛ ھاجەتخانا، تەرەت قاچىسىنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشىسى تۇتقۇچ بولۇشى كېرەك، ئورنىدىن تۇرغاندا كۈچ ئارىيەت ئېلىپ تۇرۇش كېرەك؛ نەرسىلەر يەرگە چۈشۈپ كەتكەندە، ئۈستۈنكى بەدەننى ئەگمەي، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

06. باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.
كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى خولېستېرول، يۇقىرى قان قەنتى ۋە دىيابېت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى ھېسابلىنىدىكەن. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بالدۇرراق ياخشىلاش ھەمدە مۇناسىپ داۋالاش تەكلىپىنى بېرىمىز.

07. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش.
دوختۇرلار دائىم «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەر توپىغا باشقا تۈردىكى ماي تۆۋەنلىتىش دورىسى، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ياكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېزىپ بېرىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىدۇ، بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!




قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.


ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章