ئوبۇرنى سېسىق پۇرامدۇ؟ دورىسى بىر كونا پايپاق
ئوبۇرنىدىكى تەرەتدان سېسىق پۇراپ نېمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي قالامسىز؟
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، پەقەت 1 تال كونا پايپاق بولسىلا، تەرەتداندىكى سېسىق پۇراقنى بىرتەرەپ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئىشەنمەمسىز؟! قېنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ. دوستلار چەمبىرىكىگە تارقىتىپ قويسىڭىز، باشقىلارمۇ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس...
ئوبۇرنىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئامالى
كونا پايپاق ۋە سوپۇن
بىر تال كىيمەيدىغان كونا پايپاق بىلەن ئەتىر سوپۇن تەييارلايمىز. ئاۋۋال سوپۇننى پايپاق ئىچىگە تىقىمىز
ئاندىن پايپاقنى چىگىمىز
تەرەتداننىڭ سۇ ساقلايدىغان جايىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، سوپۇن سېلىنغان پايپاقنى تاشلاپ قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئوبۇرنىدىكى سېسسىق پۇراق ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىدۇ.
سودا تالقىنى بىلەن تۇز
ئوبۇرنىدىكى ئەۋرەز يولىدىن پۇراق چىقىپ بىئارام قىلسا، سودا تالقىنى بىلەن تۇزنى بىردە ئىككى نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئاۋۋال سۇ قوشماي تۇرۇپ، ئارىلاشمىنى ئەۋرەز يولى ئېغىزىغا تۆكۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە بىرقاچا قايناقسۇ قۇيۇپ، ئارىلاشمىنى تولۇق چۈشۈرىۋەتسەكلا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئايدا بىر قېتىم قوللانغاندا، غەيرىي پۇراقنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بىلەمسىز؟ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ
ئادەم بەدىنى كۆپلىگەن مىجەز-خاراكتېرنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بىر قىسىم ئىختىيارسىز قىلغانھەرىكەتلەردىن ئادەملەرنىڭ ھېسىيات تۇيغۇسىنى، تەشۋىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئولتۇرۇش ھالىتىمۇ شۇنداق، سىزنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى دەپ بېرەلەيدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز بىز سىناپ باقايلى!
تۆۋەندىكى 5 خىل ئولتۇرۇش ھالەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە ماس بولغان ھالەتنى تاللاڭ ۋە سالونىمىزغا 555 رەقىمىنى يوللاڭ، سىزنىڭ قانداق خاراكتېرلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى!
ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55