بەش خىل راكنى بىخلىتىدىغان بۇخىل يېمەكلىكنى ئاز يەڭ

文摘   健康   2024-11-17 18:30   新疆  




بەش خىل راكنى بىخلىتىدىغان بۇخىل يېمەكلىكنى ئاز يەڭ 


مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، كاۋاپ، ھامبۇرگ بولكىسى، قايماقلىق تورت يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر دائىم كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىنى ئىگىلەيدۇ.

يېقىندا، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا «يۇقىرى مايلىق يېمەك ئىچمەك ئۈچەي يولى مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، راكنىڭ بۇ يەردە پەيدا  بولۇپ بىخلىتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى» دەپ يازغان.


مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» يېڭى تەتقىقاتقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى مايلىق يېمەك ئىچمەكنىڭ زىيىنىنى يەكۈنلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.

بېيجىڭ داشۆ شوۋگاڭ دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى گۇڭ شيۇڭخۇي؛

يۇقىرى مايلىق يېمەك- ئىچمەك راكنى ئۈچەيدە بىخلىتىدۇ

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ھۈجەيرە خەۋەرلىرى (Cell Reports)» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان: ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەي يولىدىكى ئالاھىدە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ ھەمدە ئۈچەي يولىدىكى ئۆت كىسلاتاسىنىڭ مېتابولىزمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىچە، يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ بەرىكىتى ئاستىدا، چاشقاننىڭ ئۈچەي يولىدىكى ئۆت كىسلاتاسى تەركىبىنىڭ كۆپ خىللىقى تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار ئۆزگەرتكەن ئۆت كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان.

بۇ خىل ئۆزگەرگەن ئۆت سۇيۇقلۇقى كىسلاتاسى ئۈچەيدە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قېلىپ، ئۈچەي غول ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەمدە ياللۇغلىنىش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ غول ھۈجەيرىلەر قايتا يېڭىلانمىغاندا، ئۇلار ئاسانلا يىغىلىپ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، راك كېسىلىنى تېخىمۇ ئاسان پەيدا قىلىدۇ.


تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئۈچەيدىكى مىكرو ئورگانىزم ۋە ئۆت كىسلاتاسىغا بولغان سەلبىي تەسىرى گېن قاتلىمىدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۈچەي يولىنى ياللۇغلىنىش ۋە راكقا مۇناسىۋەتلىك ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەك- ئىچمەك بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، دائىم ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقىلارنىڭكىدىن 2~3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

نۇرغۇن بىمارلار تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۈچەي يولىدا ئۇزۇن مۇددەت مۇنچاق گۆش پەيدا بولغان. ئۈچەي مۇنچاق گۆشى كۆپىيىش خاراكتېرلىك، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ۋە بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مۇنچاق گۆش دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆش تەخمىنەن %30 نى ئىگىلەيدۇ، راكقا ئۆزگىرىش خاھىشى بار.

ئەگەر، ئاشقازان- ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى تۇپراق دېسەك، ئۈچەي مونچاق گۆشى بۇ يەردە ئۆسىدىغان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئۇنىڭ «بىخلىنىشى» نى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوغۇتلارنىڭ بىرى.

يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك ھەر قايسى ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ

چوڭ مېڭە يالې داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى مايلىق يېمەك ـ ئىچمەك كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغ، بىر خىل داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۆۋەن دەرىجىدىكى ياللۇغ ئىكەن. گەرچە چوڭ مېڭىنىڭ بەلگىلىك ئۆز - ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى مايلىق يېمەك - ئىچمەكنى ساقلىسىلا، ياللۇغ ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ، چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

يەنە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەردىكى ئەركىن تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مېڭە قان توسۇقىدىكى ئاقسىل توشۇغۇچى تەنچىنىڭ سانىنى ئازايتىپ، سەقەنقۇر تەنچىسى ۋە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە گلۇكوزا كەمچىل بولۇپ، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


يۈرەك، مېڭە قان تومۇر
يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك قان تومۇر ئىچكى پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، قان تومۇر قېتىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بېزى
ماينى كۆپ قوبۇل قىلىشى قاننىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى قان تومۇرلىرىنىڭ مىكرو ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قان بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ.

ئۆت سۇيۇقلۇقى
ياغنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، قاندىكى خولېستېرىننىڭ سەۋىيەسى ئۆرلەپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، خولېستېرىن زىيادە تويۇنغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئارقىدىنلا كىرىستال پەيدا بولۇپ، ئاستا-ئاستا ئۆتكە تاش چۈشۈش شەكىللىنىدۇ.

جىگەر
گېرمانىيە خېلمخولتز ميۇنخېن تەتقىقات مەركىزىنىڭ بايقىشىچە، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر جىگەردە ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كۆپەيتىپ، جىگەر ياللۇغى، ئىسپىرتسىز جىگەر يېغى ياللۇغى قاتارلىق بىر قاتار جىگەر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئېغىر بولغاندا جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


ئۈچەي يولى
قاندىكى ماي مىقدارى ئۆرلەپ، ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار ياشايدىغان مۇھىتتا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، باكتېرىيە توپىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆسۈشى، كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، پايدىلىق باكتېرىيە توپىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملار كۆپىيىدۇ.

ئاشقازان
يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پانتوتېنىك كىسلاتانىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئاسانلا ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

غىزانىڭ ساغلام بولۇشىدىكى 4 خىل ئۇسۇل

يېمەك- ئىچمەكتىن ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىغاندىن باشقا، يەنە كىشىلەرنىڭ خۇشاللىق ۋە قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم يول. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

يۇقىرى مايلىق يېمەك ئىچمەكنى ئۇدا يېمەسلىك
زىيان كۆپىنچە ئۇدا قوبۇل قىلىشتىن، ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، دائىم ھەم ئۇدا يېمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ھەر قېتىملىق يۇقىرى مايلىق يېمەك ئىچمەكتىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى بىر نەچچە كۈن سۇيۇق سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى يەپ، ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

گۆشلۈك، گۆشسىز كۆكتاتنىڭ نىسبىتىگە ئەھمىيەت بېرىش
ئادەم بەدىنىنى مول يېمەكلىك تالاسى ۋە ۋىتامىن بىلەن تەمىنلەپ، گۆشلۈك كۆكتاتنىڭ تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن خولېستېرىننىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇش كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلايدۇ.

جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسىدە ھەر كۈنى 300 گىرامدىن 500 گىرامغىچە كۆكتات، 120 گىرامدىن 200 گىرامغىچە بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، گۆش، تۇخۇم قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن كۈنلۈك قورۇمىلارنىڭ گۆشلۈك، گۆشسىز بولۇش نىسبىتىنى 1:3 ياكى 1:4 نىسبەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.


مىقدارىنى ئازايتىش
ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىشقا ياكى گۆش (مەسىلەن، قوي، كالا گۆشى) نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، ئۇنى ئاق گۆش (مەسىلەن، توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى) نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. يەنە مايدا پىشۇرۇش، قاقلاپ پىشۇرۇشنى دۈملەش، سۇدا پىشۇرۇش قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدۇ.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ياشانغانلارنىڭ بەدىنىنىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيەلىرى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ھەزىم قىلىش، مېتابولىزم ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېمەك-ئىچمەكنى سۇسلاشتۇرۇپ، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياغنىڭ خورىشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!

قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ،  قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...









ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55




Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章