گېمورۇينى زادى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ ـ يوق؟

文摘   2024-11-19 16:30   新疆  




گېمورۇينى زادى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ ـ يوق؟


كونىلاردا « ئون ئادەمنىڭ توققۇزى گېموروي» دەيدىغان گەپ بار، گېموروي مەقئەت ـ ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك، كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، نۇرغۇن دوستلار گېموروينىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتماقتا، ئۇنداقتا گېموروينى زادى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ ـ يوق؟ بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىك بىلەن بۇ توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى:


ئالدى بىلەن شۇنداق دەيمىزكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم بوۋاسىرنى ئوپېراتسىيە قىلمىسىمۇ بولىدۇ، يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ، سىز ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالسىڭىزلا، بوۋاسىرنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
بوۋاسىرنى زادى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ ـ يوق؟
ئەمما، بەزى كىشىلەردە گېموروي كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يەرلىك ئۇسۇلدا  داۋالىغاندىن كېيىن، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، بۇ بىمارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئوپېراتسىيە قىلمىسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن:

1. قاناش ياكى قان ئازلىق
قانلىق تەرەت گېموروينىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، ئېغىر گېمورويدا چوڭ قاناش ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك قانسىراش كۆرۈلۈپ، ئېغىر قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىلگىرى بىر ئەر بىمار ئۆزىدە بوۋاسىرنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى، يىراق سەپەرگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىر قېتىم ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس ھەيدەپ، بوۋاسىر كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، كۆپ مىقداردا قان ئارىلاش تەرەت قىلىپ قويغان، خۇددى ئاياللار ھەيز كۆرگەنگە ئوخشاش، ئىشتىنىمۇ ھۆل بولۇپ كېتىپ، بەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتكەن.
ئەگەر بوۋاسىردىن قان كۆپ چىقىپ كەتسە، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن، ئۇزاق مۇددەت قان چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇش سۈپىتىگە ئىنتايىن تەسىر يېتىدۇ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلالمايدۇ، ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، خۇدىنى بىلمەي قالىدۇ، ھوشىدىن كېتىدۇ.

2. قاتتىق ئاغرىش
تاشقى بوۋاسىردا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ، ئىچكى بوۋاسىر چىقىپ كېتىپ، قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، قان ئېقىمى راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەممىسى قاتتىق ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەقئەت ئەتراپىدا ئىنتايىن مول نېرۋىلار بار، ئاغرىق قوزغىلىپ كەتسە، ھەقىقەتەن سىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئەگەر قايتا ـ قايتا قوزغالسا، تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.


3. بوۋاسىر قايتا ـ قايتا چىقىپ قېلىش
ئىچكى بوۋاسىردا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار، ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرگەندە ياكى قاتتىق يۆتەلگەندىن كېيىن، ئىچكى بوۋاسىر چىقىپ قالىدۇ، ئۇنى قولى بىلەن تىقىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بىمارلاردا بولسا ئىچكى بوۋاسىر ئۇزاق ۋاقىت مەقئەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ، قولى بىلەن تىقىپ قويسىمۇ يەنە چىقىپ قالىدۇ.

مەقئەت ئېغىزىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئىچكى بوۋاسىر چىقىپ قالسا، غەيرىي سېزىم بولىدۇ، يول ماڭغاندا توختىماي سۈركىلىدۇ، شىللىق پەردە قاناش، يۇقۇملىنىش، ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇش سۈپىتىگە ئىنتايىن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. باشقىلار
بوۋاسىردا يەنە مەقئەت ئەتراپىغا پاسكىنچىلىك يىغىلىپ قېلىپ، ئاسان پاكىز بولمايدۇ، گەندە مەقئەتنى غىدىقلاپ، مەقئەت ئەتراپى تېرىسىنىڭ قىچىشىشى، ھۆل تەمرەتكە، نەملىك، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر قىچىشىشقا كۆپ ھاللاردا چىدىغىلى بولمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى تۇتالماي قولى بىلەن قاشلايدۇ.

تاتىلىغانسېرى قىچىشىدۇ، يەنە مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرىلەرنى تاتىلاپ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈپ، قىچىشىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىچىشقانسىرى تاتلىغۇسى كېلىپ، بۇھال يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ گېمورويىڭىزدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇنداقتا، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانغا ئەمەس، بەلكى بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق گېموروينى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، يۇقىرىقىدەك باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلىسىز.

بوۋاسىرنى ئوپېراتسىيەسى قىلىشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟ سىزنى پۇشايمان قىلدۇرامدۇ؟
تۆۋەندە بىز بوۋاسىرنى ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ خەتىرى ياكى ئاساسلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

1. ئاغرىش
بۇ نۇرغۇن دوستلارنىڭ گېموروي ئوپېراتسىيەسىدىن قورقۇشىدىكى بىرىنچى سەۋەب، چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدا ئىنتايىن كۆپ نېرۋىلار بولۇپ، سېزىم ئىنتايىن ئۆتكۈر، مەيلى مىكرو زەخىم ئوپېراتسىيەسى ياكى ئەنئەنىۋى ئوپېراتسىيە بولسۇن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاغرىق پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن چوڭ تەرەت قىلغاندا، ئەگەر دەل قەۋزىيەت بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قاتتىق چوڭ تەرەت يارا ئېغىزىدىن ئۆتسە، ناھايىتى قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. يەنە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دورا ئالماشتۇرغاندىمۇ، بىر قەدەر ئېغىر ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.

لېكىن، ئۇزۇن ئاغرىقتىن قىسقا ئاغرىق ياخشىراق، ئەگەر گېموروي كېسىلىڭىز بەك ئېغىر بولسا، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش پەقەت قىسقا ۋاقىتلىق ئاغرىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە ھەر خىل ئاغرىق توختىتىش تەدبىرلىرى بار، ئاغرىقنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بەرداشلىق بەرسىڭىزلا، ئاغرىق ئۈستىدىن غالىب كېلىسىز.
 
2. بوۋاسىر قايتا قوزغىلىش
بۇ كۆپچىلىك بىر قەدەر ئەنسىرەيدىغان مەسىلە، بوۋاسىر ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ھەقىقەتەن يەنە مەلۇم دەرىجىدە قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، بەزىلەر ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ھەتتا تۆت ـ بەش قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرىشىڭىزمۇ مۇمكىن، قايتا قوزغىلىشى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا بىمارنىڭ دەم ئېلىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شۇڭا، بوۋاسىر ئوپېراتسىيەسى قىلغاندا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى، ئىشەنچلىك دوختۇرلارنى تاللاش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن چوقۇم ياخشى تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، مەسىلەن: قەۋزىيەت بولۇپ قالماسلىق، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، ئۇزۇن ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرماسلىق، ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق، ھاراقنى ئاز ئىچىش، ئاچچىقنى ئاز يېيىش كېرەك، ئەگەر بۇ بىر قانچە نۇقتىنى قىلغىلى بولسا، قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.

3. چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق
مەقئەتنى تۇتالماسلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، %0.1 تىن كىچىك. مەقئەتنى تۇتالماسلىق ئاساسلىقى ئوپېراتسىيە مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلىنى زەخىملەندۈرۈپ، بىمارنىڭ چوڭ تەرەتنى پۈتۈنلەي تۇتالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوسۇرغاندا، ئاز مىقداردا چوڭ تەرەت چىقىشى مۇمكىن.
 

4. مەقئەت تارىيىش
يەنە بىر قىسىم بىمارلاردا ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەقئەت تارىيىپ، چوڭ تەرەتنىڭ ئىنچىكىلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەت قىلىش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ تارتۇقنىڭ ئۆسۈپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ كۆپ ئېلىۋېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەردە ئېغىر ئەمەس، مەقئەتنى قول بىلەن كېڭەيتىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ گېموروي ئوپېراتسىيەسىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، بىر قەدەر ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك، ئومۇمەن ئېيتقاندا، گېموروي ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كۆپ ئەمەس، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، گېمورويدىن يىراق تۇرالايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش، مەقئەت ئەتراپى قىچىشىش، ئاغرىش، ئىچكى بوۋاسىر قايتا چىقىپ قېلىش، قايتا تىقىپ قويۇشلاردىن قۇتىلىسىز، شۇڭا، ئېغىر بوۋاسىرنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى تاللاش، مۇنتىزىم دوختۇرخانىنى تاللاش ، سىزنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ.

ئەمما كۆپچىلىك ئوپېراتسىيەدىن قورقىدۇ، بىرىنچىدىن، چۈشەنمىگەنلىكتىن، نامەلۇم شەيئىلەرگە نىسبەتەن، ھامان قورقۇنچ بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئىككىنچىدىن، بەزى يامان مىساللارنى كۆرىدۇ، مەيلى توردا بولسۇن ياكى رېئال تۇرمۇشتا بولسۇن، بىر يامان مىسالنىڭ ياخشى مىسالغا قارىغاندا، ئېلىپ كەلگەن تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەم ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تورغا چىقىپ سۆز قىلىدۇ ياكى ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا دەيدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم بىمارلار ئەمەلىيەتتە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ناھايىتى مۇقىم بولۇپ، چوڭراق ئەكس تەسىر كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن بۇ بىمارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا دېمەيدۇ.

شۇڭا، تورغا چىقىپ ئىزدىسىڭىز، ھەممىسى گېموروي ئوپېراتسىيەسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىك ئىنكاسلىرى، گېموروي ئوپېراتسىيەسى بەك ئازابلىق، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، كۆپچىلىك خاتىرجەم بولسا بولىدۇ، گېموروي ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى كۆپ قىلىنىدىغان ئوپېراتسىيە، ئەگەر گېمورويىڭىز ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولسا، بالدۇرراق قىلىشىڭىز كېرەك، پۇشايمان قىلمايسىز! سىز پەقەت بالدۇر قىلمىغىنىڭىزغا، بالدۇر قۇتۇلمىغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بىلەمسىز؟ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ


ئادەم بەدىنى كۆپلىگەن مىجەز-خاراكتېرنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بىر قىسىم ئىختىيارسىز قىلغانھەرىكەتلەردىن ئادەملەرنىڭ ھېسىيات تۇيغۇسىنى، تەشۋىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئولتۇرۇش ھالىتىمۇ شۇنداق، سىزنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى دەپ بېرەلەيدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز بىز سىناپ باقايلى!

تۆۋەندىكى 5 خىل ئولتۇرۇش ھالەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە ماس بولغان ھالەتنى تاللاڭ ۋە سالونىمىزغا 555 رەقىمىنى يوللاڭ، سىزنىڭ قانداق  خاراكتېرلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى! 



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55



Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章