قاشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى قېرىلىقنىڭ بىشارىتى بولۇشى ناتايىن
1- قاش ئۇزىراپ كېتىش __ ئاسان قېرىش
ئادەتتە ياشانغانلارنىڭ قاشلىرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ ، ياشلارنىڭ قېشى بىر قەدەر قىسقا ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
چۈنكى قاشنىڭ ئۇزۇن ھەم قويۇق بولۇشى قېرىغانلىقنىڭ ئىپادىسى . ئەمەلىيەتتە قاشنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس ،بۇ قېرىشنىڭ ئالامىتى. قاشنىڭ ئۇزۇرىشى بولسا بەدەن ئىقتىدارىنى تەڭشەش مىخانىزمىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .
تەدبىرى : ئەگەر قېشىڭىزنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراپ قۇيۇقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز ، يېمەك - ئىچمەك بىلەن تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى تەڭشەڭ . كۆپرەك ھەرىكەت قىلىڭ ، ھەر كۈنى يېرىم سائەت يول يۈرۈڭ .
2- قاش قۇرغاقلىشىش __ ئۆپكە ياخشى ئەمەس
قاش ئاز ھەم قۇرغاقلىشىپ كەتسە ، ئۆپكىگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۆپكىگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك بىر قاتار ئۆپكە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تاشقى ئىپادىسى بولسا : يۆتىلىش ، قان تۈكۈرۈش ، نەپەس بۇغۇلۇش ، بەزى ۋاقىتلاردا يەنە كۆكرەك چىڭقىلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ . ئەگەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ داۋالانمىغاندا ، ئاسانلا ئۆپكە راكى پەيدا بولىدۇ . شۇڭا قاش قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، چوقۇم ئۆپكە ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك .
تەدبىر : كۆپ سۇ ئىچىش ، كىچىك تەرەتنى قىسماسلىق كېرەك ، ھەر كۈنى 8-6 ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىش ، تازلىققا دىققەت قىلىش . پاختا رەختلىك ئىچ كىيىملەرنى كىيىش كېرەك .
3- قاش چۈشۈش __ قان يېتىشمەسلىك
ئەگەر قاش بىنورمال چۈشسە ، سالامەتلىك ئەھۋالىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ، ئوخشاش بولمىغان قاش چۈشۈش ئۇسۇلى _ ئوخشاش بولمىغان كېسەللىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
قېشى شالاڭ ، ئاسان تۆكۈلىدىغان كىشىلەردە ، قان يېىشمەلىك ، بەدىنى ئاجىزلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ پۇت - قولى ئاسانلا مۇزلاپ ، بۆرەك قۇۋۋىتى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ.
تەدبىر : لۇڭيەن گۈلسامساق چىلان چېيى ئىچىش
تەييارلاش ئۇسۇلى : گۈلسامساق 10 گرام ، چىلان 10 گرام ، لۇڭيەن 5 گرام ، ئالقات 3 گرام ؛ ماتېرىياللارنى پاكىز يۇيۇپ ، قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ ماتېرىياللارنى سېلىپ قاينىتىپ ، 5 مىنۇتتىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن بۇرۇن ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بۇرنىڭىز سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ
ئەينەك ئالدىغا كېلىپ يارىشىملىق بۇرنىڭىزغا تەپسىلىي قاراڭ ، بۇرنىڭىز تۆۋەندىكى بۇرۇن شەكلىدىن قايسىغا ئوخشايدىكەن ياكى يېقىن كېلىدىكەن . بۇ ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز !
سالونىمىزغا 131 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55