ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىمۇ كىچىكلەپ كېتەمدۇ؟

文摘   2024-11-19 16:30   新疆  




ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىمۇ كىچىكلەپ كېتەمدۇ؟


ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپىيىش ئەزاسى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ بەلگىسى. ھەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ «جان تومۇرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن بەزىدە كىشىنى تولىمۇ ئامالسىز قالدۇرىدىغىنى شۇكى، «جان تومۇرى»دىكى بەزى ئەھۋاللار تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياخشى يېرى، كىچىكلەش جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن، لېكىن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە غۇرۇرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

1. قايسى ئامىللار جىنسىي ئەزانىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1) بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش

ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتسە، بولۇپمۇ قورساقتىكى ماي كۆپىيىپ كەتسە، جىنسىي ئەزانى تېخىمۇ كىچىك كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، قورساق چوڭايسا جىنسىي ئەزا تېخىمۇ كىچىك كۆرۈنىدۇ خالاس. ئورۇقلاش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

2) قېرىش

قېرىش جىنسىي ئەزانىڭ كىچىكلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھۈجەيرىلەر قېرىيدۇ، جىنسىي ئەزا كوللاگېن ئاقسىلىنى يوقىتىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر جىنسىي ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئىچكى قىسىمدىكى مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، جىنسىي ئەزانىڭ تىكلىنىش ھالىتىدىمۇ چېكىنىش بولىدۇ.


3) مەزى بېزى ئوپىراتسىيىسى

مەزى بېزىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە يىگىلەش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. مەزى بېزى ئۆسمىسىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن سۈيدۈك يولى نەيچىسىمۇ قىسقىرايدۇ. سۈيدۈك يولى نەيچىسىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، جىنسىي ئەزامۇ قىسقىراپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تىكلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوكسىگېنلىق قان كەمچىل بولۇشى مۇمكىن.

4) تاماكا چېكىش

تاماكا چېكىش بىر خىل ساغلام بولمىغان ئادەت بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ ساندىكى ئەرلەر تاماكا چېكىشنىڭ جىنسىي ئەزانىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تاماكا چېكىشتىن پەيدا بولغان خىمىيىلىك ماددىلار قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈپ، قان تومۇرلارنىڭ يېتەرلىك قان يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا تىكلىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، تاماكا چېكىشنىڭ تىكلىنىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىكى خەتەرلىك ئامىل ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


5) دورا بىلەن داۋالاش

بەزى دورىلار جىنسىي ئەزانى كىچىكلىتىۋېتىشى مۇمكىن. مەزى بېزىنى كېڭەيتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلار جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر ئىستېمال قىلىۋاتقان دورىنىڭ جىنسىي ئەزانىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ياكى جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى باشقا دورىلارنى ئىستېمال قىلىڭ.


2. جىنسىي ئەزانى قانداق قوغداش كېرەك؟

1) بەدەن ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلىش

سېمىزلىك تېستوستېرون سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارزۇ-ھەۋەسنى سۇسلاشتۇرىدۇ. قورساقتىكى ماي قاننىڭ جىنسىي ئەزا ئارتېرىيەسىگە ئېقىشىنى توسۇپ، تىكلىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ جىنسىي ئەزانىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق.

2) جىنسىي ئەزانى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك

جىنسىي ئەزانى يۇيۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تازىلىقنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. جىنسىي ئەزانى تۇتۇشتىن بۇرۇن، قول يۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. ئەگەر تېرە غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلار بىلەن ئۇچراشسا، چوقۇم بىۋاسىتە قول بىلەن تۇتماسلىق كېرەك.

3) قەرەللىك ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرۈش كېرەك

دائىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرغاندا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن بەزىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىنى تەكشۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، جىنسىي ئەزاسىدا ئۆسمە ۋە جىنسىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى، يەنە ئۇرۇقداندا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

4) يارىلىنىشتىن ساقلىنىش

جىنسىي ئەزا بەك نازۇك، جىنسىي ئەزانىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كېرەك، مەيلى جىنسىي ھەرىكەت ياكى باشقا ھەرىكەت بولسۇن، جىنسىي ئەزانى ياخشى قوغداپ، زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بەك تار ئىچ كىيىم كىيمەڭ، بۇنداق بولغاندا جىنسىي ئەزا سۈركىلىپ زەخمىلىنىدۇ.

ھېچكىم جىنسىي ئەزانىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.جىنسىي ئەزانىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر خىل سەۋەبلەر بار، بۇلار ئوپېراتسىيە قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، تاماكا چېكىش ۋە قېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىنسىي ئەزانىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشكە باغلىق. ساغلام تۇرمۇش ئادىتى جىنسىي ئەزانىڭ تارىيىش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جىنسىي ئەزانىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!

قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ،  قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...






ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章