ما ئىشنى! ئەڭ ئاسان گېموروي بولۇپ قالىدىغان قان تىپى

文摘   2024-11-18 18:31   新疆  



ما ئىشنى! ئەڭ ئاسان گېموروي بولۇپ قالىدىغان قان تىپى


گېموروينىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى

ھازىر نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش يېشى بارغانسېرى ياشلاشماقتا، مەسىلەن: گېموروي. ھاجەتخانىغا كىرىپ يانفون ئويناش، ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئۇزاق تۇرۇش، يېڭى مېۋە-كۆكتاتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار بارغانسېرى كۆپ ياشلارنى «بالدۇر بوۋاسىر» بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا.
يېقىندا، ئەنگلىيە ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ژۇرنىلى «Gut» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە، «تۇغما» ئاسانلا گېموروي كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپى تېپىلغان.

O قان تىپلىق كىشىلەر  تېخىمۇ ئاسان گېموروي بولۇپ قالىدۇ.

بۇ تەتقىقاتنى ئىسپانىيە ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئىرسىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى بىلەن گېرمانىيە كىر داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى بىرلىكتە تاماملىغان بولۇپ، ئۇلار 218,920 نەپەر گېموروي بىمارى ۋە 725,213 نەپەر نورمال ياۋروپالىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى قېتىم گېموروينىڭ ئىرسىيەتچانلىقىنى تەتقىق قىلغان.

تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى بىرىكتۈرۈپ ۋە كونترول قىلىپ، 8,494,288 دانە كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك يەككە نۇكلېئوتىدنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى (SNP) گە ئېرىشكەن، ئارقىدىن بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرنى يىغىپ تەھلىل قىلىپ، 5,480 دانە كۆرۈنەرلىك باغلىنىشنى تاللاپ چىقىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا FUMA نى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى 102 دانە يېتەكچى SNPS كە ئەكس ئەتتۈرگەن.
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار بوۋاسىر (گېموروي) نىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئاجىز ئىرسىيەت دەرىجىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەخمىنەن %5 دەپ ھېسابلىغان، يەنى ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ بوۋاسىر (گېموروي) غا كۆرسىتىدىغان تەسىرى پەقەت%5 بولۇپ، %95 ى غەيرىي ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، O قان تىپلىق كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان گېموروي بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن.

ئەڭ« خەتەرلىك» گېموروي قانداق بولىدۇ؟

پەيدا بولۇش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، گېموروي ئىچكى گېموروي، تاشقى گېموروي، ئارىلاشما گېموروي دەپ ئايرىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مەقئەت سىرتىدا ئۆسكىنى تاشقى بوۋاسىر، مەقئەت ئىچىدە بولغىنى ئىچكى بوۋاسىر دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراش خاتا.

مەقئەت گىرۋىكى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 34 سانتىمېتىر كېلىدىغان جايدا ھەرە چىشىسىمان تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى ۋە تېرىنىڭ چېگرا سىزىقى بار بولۇپ، چىش سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. چىش سىزىقىنى پاسىل قىلىپ، چىش سىزىقىنىڭ ئۈستى ۋە تۈز ئۈچەينىڭ تۆۋەن ئۇچىدا ئۆسكىنى ئىچكى گېموروي، چىش سىزىقىنىڭ ئاستىدىكى مەقئەت نەيچىسى ۋە مەقئەت گىرۋىكى ئەتراپىدا ئۆسكىنى تاشقى گېموروي، ئوخشاش بىر ئورۇندىكى توغرىسىغا سوزۇلغان چىش سىزىقىنىڭ ئاستى-ئۈستىدە ئۆسكىنى ئارىلاشما گېموروي دەپ ئاتىلىدۇ.


ئۈچ خىل گېموروي، قايسىسى ئەڭ خەتەرلىك؟

ھەر خىل گېموروي تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ.
ئىچكى بوۋاسىر، قاناش ئېغىر بولغاندا، قانسىراش خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئايلىنىپ كېتىش، شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تاشقى بوۋاسىر، ئەگەر قان نوكچىسى ياكى ياللۇغلۇق سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلسە، ئاغرىقنى ئاساس قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. بولمىسا ئەھۋال ئېغىرلىشىپ، توقۇلمىلارنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئارىلاشما گېموروي، ئەگەر ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا، يۇقۇملىنىش، نېكروزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.


گېموروينىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
ئىچكى بوۋاسىر تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ: چوڭ تەرەت قىلغاندا قان ئارىلاش كېلىش، ساڭگىلىماسلىق؛

ئىككىنچى باسقۇچ: تەرەت قىلغاندا قان ئارىلاش كېلىش، قان تامچىلاش ياكى قان پۈركۈش، ئىچكى گېموروي چىقىپ قېلىش، ئۆزلۈكىدىن قايتىش؛

ئۈچىنچى باسقۇچ: ئىچكى گېموروي چىقىپ قالغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن قايتۇرۇپ كېلىشكە بولمايدۇ، قول بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛

تۆتىنچى باسقۇچ: باشتىن-ئاخىر چىقىپ قالغان ياكى قول بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزلۈكىدىن چىقىپ قېلىش.


تاشقى بوۋاسىر خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە قوشقۇچى توقۇلما تاشقى بوۋاسىر، ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشچان تاشقى بوۋاسىر، ياللۇغلۇق تاشقى بوۋاسىر ۋە قان نۆكچىسى تاشقى بوۋاسىر دەپ ئايرىلىدۇ.

بىر ئادەمدە بۇ بىر نەچچە خىل گېموروي يالغۇز پەيدا بولىدۇ ھەم ھەممىسى يۈز بېرىپمۇ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىلىنىكىلىق تىپقا ئايرىپ ھۆكۈم قىلغاندا، بەزىدە مۇتلەق بولمايدۇ.

گېموروي كۆپ يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق تۇرۇش، ئېغىر يۈكنى زىيادە كۆتۈرۈش، قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چوڭ تەرەت قىلغاندا «ئۇزۇن زوڭزىيىپ» ، ئولتۇرۇش، بولۇپمۇ ھاجەتخانىغا كىرگەندە كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈشنى ياخشى كۆرۈش، يانفون ئوينىغاندا، چوقۇم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ پۇتى ئۇيۇشۇپ قالغاندا ئاندىن چىقىش، مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ناھايىتى ئاسانلا مەقئەت ئەتراپىدىكى ۋېنا تومۇرلىرىدا قان ئۇيۇپ كېڭىيىپ گېموروي پەيدا بولىدۇ.

بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ئاساسىي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لىن گولې پەننى ئومۇملاشتۇرۇش گېموروينىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش

گېمورروينىڭ قوزغىلىشىنى كونترول قىلىشتا چوقۇم ئېغىزنى باشقۇرۇش كېرەك، يېمەك-ئىچمەك مايسىزراق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرگە چەك قويۇش كېرەك؛ يانفون، گېزىت قاتارلىقلارنى ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ، ھاجەتخانا ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ مەقئەتنى كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق ئىشلەش كېرەك: نەپەس چىقارغاندا مەقئەتنى بوشاشتۇرۇش، نەپەس ئالغاندا مەقئەتنى تارايتىش، تېز بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، بىر مىنۇتتا ئون نەچچە قېتىم، لېكىن بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە 30 ~ 40 قېتىم داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

ئەسكەرتىش: گېموروي ئۆزلۈكىدىن ساقايمايدۇ، پەقەت ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ. گېموروي ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسىمۇ، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلمىسا، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتمىسە قايتا قوزغىلىدۇ.

گېمورروي بولۇپ قالسا، ساغرىسىنى يۇيۇشتا ماھارەت بار.
قەۋزىيەت بولۇشتىن چوڭ تەرەت قان كېلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ سوڭى چىقىپ كېتىشكىچە... گېموروي ئاغرىغاندا ئادەم ئولتۇرالماي قالىدۇ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشتىن باشقا، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن توغرا سۈرتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى پەسەيتىشكە پايدىسى بار .

بىر قېتىم سۈرتۈش
تازىلىق قەغىزى بىر نەچچە قەۋەت قاتلانغاندىن كېيىن مەقئەتكە تىك بېسىلىدۇ. ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن قەغەزنى ئىككى قاتلاپ (يەنى تۆت قەۋەت) ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ گېموروي كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قاتلاپ (يەنى ئىككى قەۋەت) ئىشلىتىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا %17.53 تۆۋەن بولغان.
چۈنكى، ئىككى قاتلانغان تازىلىق قەغىزى بىلەن ساغرىسىنى سۈرتكەندە، ئارتۇقچە قېلىنلىقى مەقئەت ئەتراپىدىكى قىل قان تومۇرلارغا نىسبەتەن، بىر يۇمشاق «كارىۋات» قا باراۋەر كېلىدۇ. بۇ خىل قېلىنلىقمۇ قان تومۇرلارنى ئۇۋۇلاش رولىنى ئويناپ، مىكرو قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېموروينى بۆشۈكتە تۇنجۇقتۇرىدۇ.

ئىككى قېتىم سۈرتۈش
ئاياللار دىققەت قىلىشى كېرەك، سۈرتكەندە تاق يۆنىلىشلىك بولۇشى، يەنى پەقەت ئارقىغا سۈرتىشى كېرەك. ھاجەتخانىدا ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇزۇنراق كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ ۋاقىتتا مەقئەت سۇلۇق ئىششىيدۇ، قەغەز بىلەن كۈچەپ سۈرتۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئۈچ قېتىم سۈرتۈش
مەقئەت پۈرۈلمىلىرى كۆپ بولغاچقا، سۈرتۈپ پاكىزلاش ناھايىتى تەس، پۈرمىلەرگە يوشۇرۇنغان باكتېرىيىلەر ئۇزاق مۇددەت ياللۇغلۇق غىدىقلانسا، ئادەم مەقئەت قىزىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاسانلا گېموروي پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا، يۇمشاق تازىلىق قەغىزى بىلەن  بۇرمىسىمان ئۇۋۇلاش» كە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە ئىككى يېرىم چەمبىرەكنى بىر قېتىم سۈرتۈپ تۈگەتكىلى بولىدۇ. بوۋاسىر (گېموروي) دىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم بىرنەچچە قېتىم تازىلاشقا دىققەت قىلىش، كۈچىگەندە مۇلايىم بولۇش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ تەرەتتىن كېيىن سوغۇق تۇز سۈيى بىلەن مەقئەت ئەتراپىنى يۇيغاندا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە پەسەيتكىلى بولىدۇ. چۈنكى، چوڭ تەرەتتىن كېيىن مەقئەتكە قان تولۇش ئېغىر بولىدۇ، سوغۇق تۇز سۈيى بىلەن يۇيغاندا، بىرىنچىدىن، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، مىكروبقا قارشى تۇرغىلى، ئىككىنچىدىن، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، قان تولۇش ھالىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

گېموروي بارلار، ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا لۆڭگە بىلەن مەقئەتنى بىر نەچچە مىنۇت بېسىپ بەرسە، چىقىپ كەتكەن نەرسىنى تېزدىن يىغىۋېلىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ساغرىسىنى يۇيىدىغان داس ۋە لۆڭگىلەرنى چوقۇم مەخسۇس ئايرىپ ئىشلىتىش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!








بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.






سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章