تاقىر باشلارنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى
چاچ
چۈشۈشنى ھازىرقى ياشلار توپىنىڭ باش قېتىنچىلىقى دېيىشكە بولىدۇ. چاچ
چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ئاتىلىق ھورمۇن
زىيادە كۆپ بولۇش، ئىرسىيەت، بېسىم زىيادە ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار.
يېقىندا بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات چېچى چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەر يۈرەك
ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى نەسكەرتىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» يېڭى تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت
قىلىپ، چاچ چۈشۈش بىلەن يۈرەك كېسىلىنىڭ باغلىنىشى، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى
ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
گۇاڭجۇ جۇڭيى تىبابىتى داشۆسى 3-تارماق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى خۇڭمېي؛
بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى جۇ چېڭ؛
چاچ چۈشۈش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى
2023-يىلى
مەملىكەتلىك جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن تېرە
كېسىلى ئىلمىي يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات شۇنى
ئەسكەرتىدۇكى، چاچ چۈشكەن كىشىلەر بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئويلىشىپلا قالماي،
يەنە يۈرەك مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ يېڭى تەتقىقاتقا 30
مىڭ 355 نەپەر قاتناشقۇچى قاتناشقان بولۇپ، تەھلىلدىن بايقىلىشىچە،
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاندروگېن خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش
بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باغلىنىش دەرىجىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى
بىمارلىرىنىڭ چاچ چۈشۈش ئورنىغا باغلىقكەن، بۇنىڭ ئىچىدە باشنىڭ
چوققىسىدىكى چاچ چۈشۈشنىڭ باغلىنىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭكەن.
ئامېرىكا
تېكساس داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى 2017 نەپەر ئەر كىشىگە قارىتا ئېلىپ بارغان
30 يىللىق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىمۇ مۇشۇنىڭغا
ئوخشاش يەكۈن چىقىرىلغان:
چاچ چۈشۈش مەسىلىسى يوق كىشىلەر بىلەن
سېلىشتۇرغاندا، چېچى يېنىك دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك
كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.09 ھەسسە يۇقىرى بولغان، يېنىك، ئوتتۇرا،
ئېغىر دەرىجىدىكى بېشىنىڭ چوققىسىدا چاچ چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك
كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئايرىم ئايرىم ھالدا 1.23 ھەسسە، 1.32
ھەسسە ۋە 1.36 ھەسسە ئاشقان.
ئەسلىدىنلا يۇقىرى قان بېسىم ياكى يۇقىرى
خولېستېرىنلىق قان كېسىلى تارىخى بار بىمارلارنىڭ بېشىنىڭ چوققىسىدىكى چاچ
چۈشۈش بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى خەۋپىنىڭ باغلىنىشچانلىقى تېخىمۇ
يۇقىرى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن چاچ چۈشۈش يۈرەككە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
لى
خۇڭمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەتقىقاتتىن قارىغاندا، چاچ چۈشۈش بىلەن
تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى تۆت نۇقتا ئامىلى بىلەن
مۇناسىۋەتلىك.
1.قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئادەتتە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ۋە قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىككىسى بىمارنىڭ قەنتكە چىدامسىزلىقى ۋە قورساق تىپىدىكى سېمىزلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسۇلىن قارشىلىقى قان تومۇرلاردىكى ئاكتىپ ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇر ئىچكى تېرە ئىقتىدارى، مىكرو قان ئايلىنىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى، قىل قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۈك خالتىسىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
2. ئارتېرىيە قېتىش
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا يۈرەك
قان تومۇرلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قېتىشىپلا قالماستىن، بەدەننىڭ باشقا
جايلىرىدىكى قان تومۇرلارمۇ ئاستا-ئاستا قاتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قان
تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ، مىكرو قان ئايلىنىش توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،
باش تېرىسىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچ چۈشۈش
ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ياللۇغلىنىش دەرىجىسى
تاجىسىمان
يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئۇزۇن مۇددەت ياللۇغلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇ
ئارتېرىيە دىۋارى، تۈك خالتىسى ئەتراپىدىكى ياللۇغلىنىش فاكتورىنىڭ
سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. قاننىڭ بىنورمال ئېقىشى
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە
گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قاننىڭ ئېقىش كۆرسەتكۈچى ساغلام
كىشىلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن، قان يۇقىرى ئۇيۇشۇش ھالىتىدە
بولۇپ، قاننىڭ ئاستا ياكى توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئېغىر
بولغاندا قان ئېقىمىنى توسۇپ، قان نوكچىسى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن بەدەن ۋە
قىسمەن قان ئايلىنىش توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، توقۇلمىلارغا قان ۋە
ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچ چۈشۈش قاتارلىق بىر قاتار
ئېغىر پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.
يۈكسەك ھوشيار بولۇش
چاچ
چۈشۈش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ باشنىڭ
چوققىسىدىكى چاچ چۈشۈش ھەر كۈنى 100 تالدىن ئېشىپ كەتسە ھەم ئىككى ئايدىن
ئارتۇق داۋاملاشسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىيابېت كېسىلى، قاندىكى ماي
نورمالسىزلىقى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك
كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كەلسە، چوقۇم يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ
يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ، ئېلېكتروكاردىئوگرامما، قان تومۇر
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىقلار ئارقىلىق يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرسە
بولىدۇ. يۈرەك مەسىلىسىدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ:
ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش
تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاش، تاماق تاللاش قاتارلىق سەۋەبلەر
تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك چاچنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى
چەكلەپ قويىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما ئامىلى
ئاتىلىق ھورمۇنلۇق تاقىرباش بىلەن ئاتىلىق ھورمۇننىڭ مېتابولىزمى زىچ مۇناسىۋەتلىك.
دورا ئامىلى
نۇرغۇن
دورىلار چاچقا زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: ئىممۇنىتېتنى تورمۇزلىغۇچى دورا،
خىمىيەلىك داۋالاش دورىسى، ئارسېن دورىسى، ۋىتامىن A كىسلاتاسى
قاتارلىقلار.
كېسەللىك ئامىلى
قان ئازلىق جىددىي خاراكتېرلىك
يۇقىرى قىزىتما، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك قاتارلىقلار، ئەگەر چاچ
يىلتىزىدىكى تۈك ئانا ماددا ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلسا، چاچنىڭ
ئۆسۈشى ۋە رەڭگىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا تۈك ئانا ماددا ھۈجەيرىسىنىڭ
نورمال بۆلۈنۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، چاچ چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ.
روھىي ئامىل
ھازىر
تۇرمۇش رىتىمى تېز، كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى بەك ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە
بەزى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى مەسىلەن: تاماكا چېكىش، تۈنەش قاتارلىقلار،
ھەممىسى ياشلارنىڭ بالدۇر چاچ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ئامىللار
چاچ
قۇرۇتقۇچ چىقارغان ئىسسىق شامالنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە،
چاچ توقۇلمىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، باش تېرىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
چاچ بۈدۈر قىلىش سۇيۇقلۇقى، چاچ بويىقىنىڭ چاچقا بولغان تەسىرى بىر قەدەر
چوڭ بولۇپ، قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كەتسە چاچ يىلتىزىغا ئېغىر زىيان
يەتكۈزىدۇ.
ئىرسىيەت ئامىلى
دۆلەت ئىچىدىكى
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتىلىق
ھورمۇنلۇق تاقىرباش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ %51.8 نىڭ جەمەت تارىخى باركەن.
چەتئەلدىكى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاتا ئانىسى ياكى بوۋىسى
تاقىرباش بولسا، ئاتىلىق ھورمۇنلۇق تاقىرباش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش
نىسبىتى چاچ چۈشمەيدىغان جەمەت تارىخىنىڭ تەخمىنەن 2.5 ھەسسىسىگە توغرا
كېلىدىكەن.
ئەگەر يۈرەك مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى نەزەردىن
ساقىت قىلغاندا، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق چاچ چۈشۈشنى ياخشىلىغىلى
بولىدۇ، مەسىلەن: ۋاقتىدا ئۇخلاش، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئاز كۆرۈش،
تاتلىق تۈرۈم، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلار.
چاچنى
بەك كۆپ ياكى بەك ئاز يۇيۇش چاچنى ئاسراشقا پايدىسىز، ئادەتتە ئىككى كۈندە
بىر قېتىم، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃40 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق، چاچنى
ئىمكانقەدەر ئاز بۈدۈر قىلىش، بوياش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55