بويۇندىكى «ماي بوبىسى» قان تومۇرلارنى بېسىۋالامدۇ؟
بوينىڭىزنىڭ كەينىنى سىلاپ بېقىڭ، تومپىيىپ چىقىپ قالغاندەكمۇ؟
بۇ «ماي بوپىسى» دەپ ئاتالغان تومپىيىپ چىقىش، يەنە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەتتا ئۇنىڭ قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، «ماي بوپىسى» نىڭ قانداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەمدە چېنىقىش ئارقىلىق ئۇنى يوقىتىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى.
شىئەن قاتناش داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئاغرىق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى، دوكتور نيې خۇييۇڭ؛
«ماي بوپىسى» دېگەن زادى نېمە؟
تېببىي ئاتالغۇلار ئىچىدە، ئەمەلىيەتتە «ماي بوپىسى» دېگەن سۆز يوق، بۇ خىل ئىپادە ئاساسلىقى بويۇن قىسمىغا زىيادە ياغ يىغىلىپ قېلىش ياكى ياخشى سۈپەتلىك ياغ ئۆسمىسى پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئاناتومىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، «ماي بوپىسى» بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن كۆكرەك ئومۇرتقىسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 7 - بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن 1 - كۆكرەك ئومۇرتقىسىدا تومپىيىپ چىققان قاتتىق مونەك.
يان تەرەپتىن قارىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان، كۆكرەك ئومۇرتقىسى كەينىگە پولتىيىپ چىققان بولۇپ، تۇتاشقان جايدا بىر قەدەر روشەن سۆڭەك چوقچىيىپ چىققان.
كۆپ ساندىكى كىشىلەردە، بۇ ئورۇندا بىر قەدەر قېلىن ماي تەگلىكى ھاسىل قىلغان بولۇپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى سۆڭەك قۇرۇلمىسىنى قوغدايدۇ.
«ماي بوپىسى» نىڭ شەكىللىنىشى بويۇن قىسمىدا ماي يىغىلىپ قېلىشتىن باشقا، يەنە ئۇزۇن مۇددەت باشنى ئېگىشتىن كېلىپ چىققان بويۇن ئارقا تارىمۇشى زەخىملىنىش، بويۇن ئالدىغا سوزۇلۇپ باش ئېگىش، دۈمچەكلىك قاتارلىق ناچار بەدەن ھالىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
تەكرار زورۇقۇشتىن تارىمۇش ۋە سېرىقئەت قاناپ، ئۆسۈپ، كالتسىيلىشىپ، قىسمەن يۇمشاق توقۇلمىلارنى قېلىنلىتىپ، قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا تېرە ئاستىدىكى ماي بىلەن بىرلىكتە «ماي بوپىسى» نى شەكىللەندۈرىدۇ.
سېمىزلەردە ياغ چۆكمىسى تېخىمۇ روشەن بولغاچقا، ئاسانلا «ماي بوپىسى» پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ بوينى قىسقىراق كىشىلەردە.
«ماي بوپىسى» بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسى، قان تومۇرنىڭ مۇناسىۋىتى
بەدەن ھالىتىنى سەتلەشتۈرگەندىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر «ماي بوپىس» نىڭ باشقا ئورۇنلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان - كۆرسەتمەيدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
دوختۇرلار بويۇن - كۆكرەك تۇتاشقان رايوننى ئوپېراتسىيە قىلغاندا، دائىم قېلىنلىقى 3 - 4 سانتىمېتىر كېلىدىغان تېرە ئاستى ياغلىرىنى ئۇچرىتىدۇ، بەزىدە يەنە كاللەك - كاللەك يىرىك ياغ دانچىلىرىنى، يەنى ياغ ئۆسمىسىنى بايقىغان.
شۇڭا، بەزى «ماي بوپىسى»دا ماي بولسا، يەنە بەزىلىرىدە ياغ ئۆسمىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ياغ ئۆسمىسى ياخشى سۈپەتلىك بولۇپ، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ماي بوپىسى ۋە قان تومۇر، نېرۋا
بويۇندىكى چوڭ قان تومۇرلار ئاساسلىقى ئالدى تەرەپتىكى بويۇن ئارتېرىيەسى ۋە يان تەرەپتىكى ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىدا بولۇپ، «ماي بوپىسى» قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىپ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
بويۇن نېرۋىسى سۆڭەك قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن ئەڭ چوڭقۇر قوغدىلىدۇ، «ماي بوپىسى» نىڭ نېرۋىنى بېسىۋېلىپ، پۇت-قوللارنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس.
لىمفا نەيچىسىگە كەلسەك، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا قايتما ئېقىمى ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭ لىمفا نەيچىسى ۋە كۆكرەك ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى ئارقىلىق قان سىستېمىسىغا كىرىدۇ، بۇنىڭ «ماي بوپىسى» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ماي بوپىسى ۋە بويۇن ئومۇرتقىسى
ماي بوپىسى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە باراۋەر ئەمەس، لېكىن ئۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بويۇن ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوغۇمنى تىرەپ تۇرىدىغان مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئېلاستىكلىقىنى تەدرىجىي يوقىتىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تىرەش ۋە تارتىش كۈچى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
ماي بوپىسى بويۇننىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت باش ئېگىش ئادىتى بولسا، باشنى ئالدىغا ئېگىش ھالىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىشى، ئومۇرتقا تېنىنىڭ گىرۋىكى ۋە كىچىك بوغۇملاردا سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بويۇن نېرۋىلىرى بېسىلىپ، پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
4 خىل ئادەت ماي بوپىسىنى «يوقىتىدۇ»
ئەگەر بويۇنغا «ماي بوپىسى» ئۆسۈپ قالسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ماي يىغىلىش ياكى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ زەخىملىنىشى ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ كۆپىيىشى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشانلىق «يوقىتىش» كېرەك.
ئەگەر ماي يىغىلىپ قالغان بولسا، بەدەندىكى ماينى ئازايتىش كېرەك؛ ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەن بولسا، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا داۋالىنىش كېرەك.
«ماي بوپىسى» نى كىچىكلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىمىز:
1. دائىم بۇ 4 ھەرىكەتنى مەشىق قىلىش
تامغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇرۇپ، ئالدىغا قاراپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئېڭەكنى يېنىك ئىتتىرىپ تۇرۇپ، باشنى كەينىگە سۈرۈشنى 3-4 قېتىم ئىشلەش.
ئىككى بىلەك بىلەن ئىشىك كېشىكىنى تۇتۇپ، بەدەننى ئالدىغا قارىتىپ، مۈرە مۇسكۇلىنى سوزۇپ، 2~3 سېكۇنت تۇرۇش.
ئۆرە تۇرۇپ، ئىككى بىلەكنى يان تەرەپكە تەكشى كۆتۈرۈش، ئالقاننى يۇقىرىغا قارىتىپ، بىلەكنى كەينىگە ئايلاندۇرۇش، 2~3 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىككى بىلەكنى 10 قېتىم يۇقىرى- تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.
قولنى باشنىڭ كەينىگە قويۇپ ئون بارمىقىنى گىرەلەشتۈرۈپ، باشنى كۆتۈرۈپ، كۆكرەك كېرىش.
باش قىسمىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتمەيمىز. 5-10 سېكۇنت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، 5~10 سېكۇنت ئارام ئېلىپ، تەكرارلاش.
2. يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش
ئادەتتە ئوكسىگېنلىق چېنىقىش، مەسىلەن: يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق بويۇن ئومۇرتقىسىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
بويۇن ۋە مۈرە ھەرىكىتى قىسمەن مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ كىچىك بوغۇملىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، بويۇن بىئارام بولۇشنى ئازايتىپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. يانفون ئىشلىتىش ۋاقتىنى قىسقارتىش
ھەر يېرىم سائەت يانفون ئىشلەتكەندە، بويۇن ئومۇرتقىسىنى بەش مىنۇت ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىش، بېشىنى كۆتۈرۈش، بېشىنى ئوڭ سولغا قىيسايتىش ھەمدە بېشىنى چايقاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.
ھەرىكەت قىلغاندا ئاستا بولۇش، دائىرىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش، يەنە مۈرە بوغۇمى ھەرىكىتى ۋە كۆكرەكنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
4. ئوخشاش بىر قىياپەتتە بەك ئۇزۇن تۇرۇشتىن ساقلىنىش
ئەگەر خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئۇزاق ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئولتۇرۇش ھالىتىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەر يېرىم سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
ئولتۇرغاندا، يەنە مۇۋاپىق ھالدا كەينىگە ئىگىش ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى،،
ماي بوپىسى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ بىرى. ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسىلەن: باش قېيىش، باش ئاغرىش، يۇقىرىقى مۈچە تارتىشىپ ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، تۆۋەنكى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، سىستېمىلىق، قېلىپلاشقان تەكشۈرۈش ۋە داۋالىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55