كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە شىپالىق روللىرى

文摘   2024-11-21 20:20   新疆  



كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە شىپالىق روللىرى


ئوزۇقلۇق قىممىتى
1.  كاۋا تەركىبىدە ئاقسىل بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپ ئاقسىلنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، چۈنكى كاۋا تەركىبىدىكى قان بۇزۇلۇشقا قارشى تۇرغۇچى كىسلاتا ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىم يۇقىرى.

2. كاۋا تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە سىستىن، لىزىن، لىسىن كىسلاتاسى، فېنىل ئالانىن، ئىزولياڭ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى.

3. كاۋا تەركىبىدە پولىساخارىد تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، كاۋا پولىساخارىدى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، چۈنكى كاۋا پولىساخارىد ئالاھىدە بولمىغان ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش دورىسى بولۇپ، ھۈجەيرە فاكتورى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ.

4. كاۋا تەركىبىدە كاروتىن مول، ئەمما كاروتىن ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ، ۋىتامىن A بولسا ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋىتامىن بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراپ، ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5. كاۋا تەركىبىدە ۋىتامىن C بار، ۋىتامىن C بولسا ناھايىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولىغا ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلايدۇ ھەمدە نىتراتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە نىترىتوئىدلارغا ئايلىنىشىنى توسىدۇ، نىترىتلار بولسا بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا.


6. كاۋا تەركىبىدە يەنە مېۋە يېلىمى مول بولۇپ، مېۋە يېلىمى ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلۈش سۈرىتىنى تەڭشەپ، قەنت مىقدارىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە كاۋا تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بولغاچقا، يېمەكلىك تالاسى ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلمەيدۇ، ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قان قەنتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كونترول قىلىدۇ.

7. كاۋا تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق خولېستېرىن بىلەن بىرلىشىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرۈشىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، يەنى قاندىكى ماي مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ.

8. كاۋا تەركىبىدە مول مىكرو ئېلېمېنتلار بار، بولۇپمۇ كوبالت ئېلېمېنتى بارلىق كۆكتاتلار ئىچىدە  مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، كوبالت ئېلېمېنتى بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنىلا ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىلىرى ئېھتىياجلىق مىنېرال ماددىلار بولۇپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىتامىن B12 نىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شىپالىق روللىرى

1. زەھەر قايتۇرۇش:
تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، مېۋە يېلىمىنىڭ ناھايىتى ياخشى سۈمۈرۈشچانلىقى بار بولۇپ، بەدەندىكى باكتېرىيە توكسىنى ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارنى، مەسىلەن: ئېغىر مېتاللار تەركىبىدىكى قوغۇشۇن، سىماب ۋە رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنى يېپىشتۇرۇپ ۋە يوقىتىپ، زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

2. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ:
كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى يەنە ئاشقازان يېلىم يولى شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، قوپال يېمەكلىكلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلاپ، يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىغا ماس كېلىدۇ. كاۋا تەركىبىدىكى تەركىبلەر ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

3. دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ:
كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول كوبالت بار بولۇپ، كوبالت ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى جانلاندۇرۇپ، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن B12 نىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشتە ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.

4. راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى يوقىتىدۇ:
كاۋا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىتروزامىننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش رولىنى يوقىتىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە ھەمدە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىپ، جىگەر، بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

5. ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:
كاۋا تەركىبىدە مول سىنك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى يادرو كىسلاتاسى، ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنىنىڭ خاس تەركىبى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ماددا.

ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى
ئادەتتىكى كىشىلەر توپى بىردەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
پەرھىز قىلىنىدىغان كىشىلەر توپى
ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، يەل تۇرۇپ قالغانلار، ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئاز يېيىشى كېرەك؛
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇت تەمرەتكىسى، سېرىقلىق چۈشۈش، يەل تۇرۇپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章