ئەر-ئاياللارنىڭ لەۋ-كالپۇكىغا قاراپ خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش
جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ،ئەرلەرنىڭ ئېغىزى چوڭ بولسا ياخشى ،ئاياللارنىڭ ئېغىزى چوڭ بولسا ياتلىق بولالمايدۇ دەپ قارىلىدۇ،ھازىرقى جەمىيەتتە بەزى ئېغىزى چوڭ ئاياللارمۇ ،جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشماقتا ! بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن نۇرغۇنلىغان ئالامەتلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ،تۆۋەندە بىز ھاياتلىق پىسخىلوگىيسى نۇقتىسىدىن بۇنىڭ سىرىنى كۆزىتىمىز!
1.تۆت خىل كالپۇك شەكلى
1- خەنزۇچىدىكى تۆت خېتى شەكلىدىكى ئېغىز
بۇ خىل ئېغىز شەكلىدىكى ئادەم بىر ئۆمۈر ئاسايىشلىقتا ئۆتىدۇ .
2- ھىلال كالپۇك
بۇخىلدىكى ئادەملەر تولىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇپ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە ماس كېلىدۇ .
3- ئەگمە كالپۇك
بۇ خىلدىكى ئادەملەر ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە،ئادەتتە ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ .
4- گىلاس ئېغىز
بۇلار ئەقىللىق ،ئۆزىگە تايىنىپ ئويلىغان نەرسىسىگە ئېرىشەلەيدۇ .
2.ئەرلەرنىڭ ئېغىزىدىن خاراكتىرىنى كۆرۈش
* ئاستى – ئۈستى كالپۇكى چوقچۇيىپ چىققانلار
بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ ،ھىيلىسى كۆپ ، تۇرمۇشتا يېنىدىكى كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلىشىشقا ماس كەلمەيدۇ.
* كالپۇكى نېپىزلەر
ئۇلارنىڭ ئىنكاسى تېز ،ئەقىللىق زېرەك ،پۇرسەتپەرەس ،ھوقۇقنى ئۈستۈن كۆرىدۇ ،ئادەتتە نوپۇزلىق ئەمەلداربولالايدۇ .
* كالپۇكى قېلىنلار
ئۇلارنىڭ خاراكتىرى مۇلايىم ،ھىسسىياتنى ئۈستۈن كۆرىدۇ ،كىشىلەرگە سەمىمى مۇئامىلە قىلىدۇ ،كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر،ئادەەتىكى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامراق .
3.ئاياللارنىڭ ئېغىزىدىن خاراكتېرىنى كۆرۈش
* ئۈستۈنكى كالپۇكى دومسيىپ چىققانلار
ئۇلارئىچ مىجەز ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى ياقتۇرمايدۇ، قانائەتچان كېلىدۇ ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ،باشقىلار بىلەن تالىشىشنى ياقتۇرمايدۇ ،گەپ- سۆزگە ماھىر ئەمەس.
* گىلاس ئېغىزلار
ئۇلارنىڭ خاراكتېرى مۇتەسسىپ ،قارا نىيىتى يوق ،ئىجتىمائى پائالىيەتكە ماھىر ئەمەس، قورقۇنچاق ، ئىرادىسىز،مۇھەببەتتە ئۇغۇللارنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئىتى يوق
* قېلىن كالپۇك ئاياللار
بۇ خىلدىكى ئاياللار ئىش قىلغاندا پۇختا ،ئېغىر- بېسىق ،ئۇلار ھىىسسىياتنى چوڭ كۆرىدۇ ،يۈرەكلىك ھالدا مۇھەببەت قوغلىشىدۇ ،ئۇلار مۇھەببەت ۋە ئىگىلىكتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق
ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .
سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55