پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاپ10كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى
1-ئاش تۇزى
تۇزنىڭ بەلگىلىك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولۇپ، پۇت تەمرەتكىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
2- زەنجىۋىل
تېرىدىكى قىل قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، قىسمەن قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، سوغۇقتىن قورقىدىغان، دائىم پۇت ـ قولى مۇزلايدىغان ياشانغانلارغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
زەنجىۋىلدىن 15 ـ 30 گىرام ( تەخمىنەن ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى زەنجىۋىل يېرىم پارچە ) ئېلىپ، ياپىلاقلاپ توغراپ، كىچىك يېرىم قازاندا 10 مىنۇت قاينىتىپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قوشۇپ 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تەڭشەپ ( كۆيگەندەك ھېس قىلمىغان دەرىجىدە ) پۇتنى چىلايمىز.
3- قوۋزاقدارچىن桂皮
مۆتىدىل بۆرەك مۇسبەتلىكىدىن بولغان، بۆرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىششىقنى پەسەيتىدۇ. قوۋزاقدارچىن پوستىدىن 15 گىرام ئېلىپ، سۇ قوشۇپ 10 مىنۇت قاينىتىپ، سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تەڭشەپ پۇت چىلايمىز.
4- ئاق ئاچچىقسۇ
ئىسسىق سۇغا ئاچچىقسۇ قوشقاندا، ئاچچىقسۇنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۈڭگۈز ماددىسىنى يۇمشىتىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، پۇت ـ قول مۇزلاش، روھىي ھالىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ.
3 لىتىر ئەتراپىدىكى ئىسسىق سۇغا ئاق ئاچچىقسۇدىن 150 مىللىلىتىر ( تەخمىنەن يېرىم كىچىك قاچا ) قوشۇپ، پۇتنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە چىلاپ، ئاندىن قول ياكى لۆڭگە بىلەن پۇتنىڭ دۈمبىسى، پۇتنىڭ مەركىزى ۋە پۇت بارمىقى قاتارلىق ئورۇنلارنى قايتا ـ قايتا ئۇۋۇلاش ياكى پۇتنىڭ ئاستىدىكى يۇڭچۈەن پەللىسىنى ئۇۋۇلاش كېرەك.
جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن پۇت چىلاشتا دائىم ئىشلىتىدىغان رېتسېپلار
ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىسسىق سۇغا جۇڭيى دورىسى قوشۇپ پۇتنى چىلاپ بەرسە، بىر قەدەر ياخشى تەڭشەش، قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
1- يۇقىرى قان بېسىم
ئۈجمە شېخى桑枝، ئۈجمە يوپۇرمىقى، بىجىقنىڭ 茺蔚子 ھەر بىرىدىن 15 گىرامدىن ئېلىپ، 1000 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ، 400 ـ 600 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن تەييارلىنىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن 50 مىللىلىتىر ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بېرىش كېرەك.
2- قاندىكى يۇقۇرى ماي مىقدارى
دولانادىن山楂 30 گىرام، چۇەنچيۇڭدىن川穹 10 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، سوغۇق سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرىمىز ھەم 50 مىللىلىتىر ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇپ پۇتنى چىلايمىز.
3- يۇقىرى قان قەنتى
سۇمۇ苏木، زاراڭزا红花، كاشىمنىڭ 川芎 ھەر قايسىسىدىن 10 گرام، ئەمەن يوپۇرمىقى艾叶، فرىما ئوتى透骨草، سىڭىر ئوتنىڭ伸筋草 ھەر قايسىسىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەپ ( سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ياخشى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك ) چىلاپ بېرىش كېرەك.
4- ئۇيقۇسىزلىق
ۋۇ جۇشۈەن 40 گىرام سۇدا قاينىتىپ تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىدىن 50 مىللىلىتىر تەييارلاپ، ئۈچ لىتىرغىچە سۇ ئىسسىتىپ پۇتنى چىلايدۇ.
5- ئۆكچە ئاغرىش
فرىما ئوتى ، مىڭ پېلەكىنىڭ 鸡血藤ھەر قايسىسىدىن 30 گىرام،مەستتىكى رومى 乳香، مۇرمەككى 没药، دەرەخ يىلىمى 血竭، چۆگۈنگۈل 王不留行 ھەر قايسىسىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، قاينىتىلغان شەربەتكە مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قوشۇپ تەڭشەپ پۇتنى چىلاپ بېرىش كېرەك.
6- گېموروي
تۇخۇمەك چىۋىقىدىن槐条 60 گىرام، ئەمەن يوپۇرمىقى، زەمچە白矾، سىمىز ئوت 马齿苋، كۈمۈش گۈل银花، چۈچۈكبۇيانىڭ甘草 ھەر قايسىسىدىن 30 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ تەڭشەپ پۇتنى چىلايمىز.
7 - زۇكام
زەنجىۋىلدىن 200 گىرام ياكى چىنار شېخى 海桐枝干ياكى سۇلۇق قارىغاي شېخىدىن水松枝叶 مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، سوغۇق سۇ قوشۇپ تەڭشەپ پۇتنى چىلاپ بەرسە بولىدۇ.
8- سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش
فرىما ئوتى 透骨草 50 گىرام، قامچىئوت يىلتىزى 虎杖 30 گىرام، زاراڭزا 红花 20 گىرام، قۇرتتىن全虫 15 گىرام، سەكسەنپۇت蜈蚣 ئون تال، دارچىن شېخىدىن桂枝 10 گىرام ئېلىپ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىۋېتىپ، تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ تەڭشەپ پۇتنى چىلايمىز.
9- ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى
بەش پەنجىلىك ئەجدىھا五爪龙 60 گرام، كاسىنە辛夷花، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ苍耳子 ھەرقايسىسىدىن 20 گرام، ئاق سەندەل白芷، قوڭغۇراقگۈل桔梗، قاندالا 升麻، يالپۇز薄荷، ئاساروننىڭ 细辛ھەرقايسىسىدىن 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ تىرىپىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن سوغۇق سۇ قوشۇپ تەڭشەپ پۇتنى چىلايمىز.
10- قۇلاق غوڭۇلداش
لېپەكگۈل牛膝، كىرەش 当归، ماگنېت تېشىنىڭ 磁石 ھەر قايسىسىدىن 15 گىرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ پۇتنى چىلاش كېرەك.
ئەلداۋادىن ئالاھىدە ئەسكەرتىش
1. جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك دورىلىرىغا پۇتنى چىلاپ بەرگەندە پۇت قىسمىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش، قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، سۇلۇق قاپارتما چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
2. مېتال چېلەك ياكى داس ئىشلەتمەسلىك
چۈنكى مېتاللار جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى بىلەن ئاسانلا رېئاكسىيەلىشىپ، تۆمۈر تاننىن كىسلاتاسى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا پۇتنى چىلاش پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، كېسەل داۋالاشتا يەنە دورىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئۈچ يۇقىرى بىمارلار، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ماينى تۆۋەنلىتىش، قەنتنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلىرىنى قارىغۇلارچە ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بولمايدۇ، كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىدا كېچىكىپ قېلىش ھەتتا خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
پۇت چىلاشنىڭ بىر قانچە خىل پايدىلىق تەرىپى ۋە بىر قانچە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ياخشى ئىگىلەپ، پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ۋە جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ پۇتنى چىلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىش راھەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55