ئاسانلا قان تومۇر توسۇلۇپ نوكچا پەيدا بولىدىغان قان تىپى
قان
نوكچىسى قان تومۇر ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرگەن ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ، قان تومۇر
توسۇلۇپ قالسا، قاننىڭ توشۇش سىستېمىسى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ،
نەتىجىدە جانغا زامىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قان نۆكچىسى ھەرقانداق ياش،
ھەرقانداق ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ، ھاياتلىققا ھەم ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت
سالىدۇ.
قان تومۇر نېمە ئۈچۈن توسۇلۇپ قالىدۇ؟
قان نوكچىسى ئەڭ «جىمغۇر» قاتىل.
مەيلى قەيەردىكى قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسۇن، ھەممىسىدە بىر ئورتاق «قاتىل» ــ قان نوكچىسى بولىدۇ. ئاممىباب
قىلىپ ئېيتقاندا قان نۆكچىسى «قان لەختىسى» بولۇپ، ئۇ خۇددى پۇرۇپكىغا
ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ يوللىرىنى
توسۇۋېلىپ، ئالاقىدار ئەزالارنى قان بىلەن تەمىنلىنەلمەي، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ
كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان نوكچىسى مېڭە قان تومۇرلىرىدا پەيدا بولسا مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان نوكچىسى تاجىسىمان ئارتېرىيەدە پەيدا بولسا، يۈرەك تىقىلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
قان نوكچىسى ئۆپكىگە كەپلىشىپ قالسا «ئۆپكە كەپلەشمىسى» نى شەكىللەندۈرىدۇ.
قان
نوكچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇل
تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى، تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇر كېسەللىكى
قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان نوكچىسىدىن بولۇپ ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان
يەتكۈزىدۇ.
كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، %99 قان
نۆكچىسىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ۋە سېزىم بولمايدۇ، ھەتتا
دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ ئادەتتىكى
تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، قاندىكى ماي، قان بېسىمى، ئېلېكتىروكاردىيوگرامما
قاتارلىق بارلىق كۆرسەتكۈچلەر نورمال بولىدۇ، ئەمما كىشىلەر يۈرەك-مېڭە قان
تومۇرلىرىدا مەسىلە يوق دەپ قارىغان ئەھۋالدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ.
بۇ خىل قان تىپىدا ئاسانلا قان نۆكچىسى پەيدا بولىدۇ.
قان
تىپى بىلەن قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بەزى قان
تىپلىرىدا ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا داۋاملىق چۈشۈنۈپ
باقايلى.
ئەگەر سىز O تىپلىق قان بولسىڭىز، ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن، سىز قان نوكچىسى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدىغان قان تىپى.
ياۋروپادىكى
كىشىلەر توپى توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قان تىپى O
بولمىغان كىشىلەرنىڭ پۇتتىكى چوڭقۇر ۋېنالىرىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش
خەۋپى O قان تىپلىق قاننىڭ 1.92 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۆپكە
كەپلەشمىسىنى پەيدا قىلىش خەۋپى O قان تىپلىق قاننىڭ 1.75 ھەسسىسىگە توغرا
كېلىدۇ.
O قان بىلەن O قان تىپى ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا يۈرەك
مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە سەكتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارتېرىيەدە قان
نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن O قان
تىپىدىكىلەرگە قارىغاندا يەنىلا O قان تىپى بولمىغانلارنىڭ 1 دىن سەل
يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر سىز AB تىپلىق قان بولسىڭىز، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپى بارلىق قان تىپى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
تەتقىقاتلاردا
كۆرسىتىلىشىچە، AB قان تىپىدىكى كىشىلەردە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپى O
قان تىپىدىكىدىن %4 يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز
بېرىش خەتىرى O تىپلىق قانغا قارىغاندا 20 ئارتۇق بولىدۇ. AB قان تىپى قان
نۆكچىسىنىڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ، قان نۆكچىسى كېسەللىكىنىڭ
تەخمىنەن %20 ىنى ئىگىلەيدۇ.
A تىپلىق قان بىلەن B تىپلىق قان توپى
ئارىسىدا ۋېنا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن
ھەممىسى O تىپلىق قاندىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ بەلكىم بۇ ئىككى خىل قان
تىپىنىڭ O تەڭ ئورۇنلۇق گېننى ئېلىپ يۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى
مۇمكىن.
ۋېنادىكى قان نۆكچىسى تېخىمۇ« يوشۇرۇن قاتىل» دۇر.
قان
نۆكچىسى خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئارتېرىيە قان نۆكچىسى ۋە ۋېنا قان
نۆكچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئارتېرىيە قان نۆكچىسى نىسبەتەن كۆپ
ئۇچرايدۇ، لېكىن ۋېنا قان نۆكچىسى ئىلگىرى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك دەپ
قارىلىپ، ئىزچىل تۈردە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.
1. ئارتېرىيىدىكى قان نۆكچىسى: يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ مەنبەسى
بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ مەنبەسى ئارتېرىيە قان نوكچىسى.
نۆۋەتتە،
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدە، قاناش خاراكتېرلىك ئاپوپلېكسىيەدە
تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، ئەمما تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ
قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ،
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن بولغىنى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى. مېڭە قان تومۇر
تىقىلمىسى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا ئوخشاش، يۇقىرى كېسەل بولۇش
نىسبىتى، يۇقىرى مېيىپ بولۇش نىسبىتى، يۇقىرى قايتا قوزغىلىش نىسبىتى،
يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتتى!
2. ۋېنادا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش: «يوشۇرۇن قاتىل»
«قان
نوكچىسى يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ـ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە
سەكتىسى ۋە ۋېنا قان نوكچىسى كەپلىشىش كېسىلىنىڭ ئورتاق قوزغىلىش
مېخانىزمى.
ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئامما كەڭ دائىرىدە
چۈشەنگەن، گەرچە ۋېنا قان نوكچىسى توسۇلۇش كېسىلى ئۈچىنچى چوڭ يۈرەك قان
تومۇر قاتىلى بولسىمۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ئاممىنىڭ بىلىش نىسبىتى
ناھايىتى تۆۋەن.
ۋېنادىكى قان نۆكچىسى «يوشۇرۇن قاتىل» دەپ
ئاتىلىدۇ، ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋېنادىكى قان
نۆكچىسىنىڭ ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ.
ۋېنادا قان
نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئامىلى بار بولۇپ، قاننىڭ ئېقىشى
ئاستىلاپ، ۋېنا دىۋارى زەخىملىنىپ، قان يۇقىرى ئۇيۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ.
ۋېنا
ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشكە گىرىپتار بولغان بىمارلار، يۇقىرى قان شېكىرى،
يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي تەركىبى بىنورمال بولغان بىمارلار،
يۇقۇملانغان بىمارلار، ئۇزاق مۇددەت ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆرە تۇرىدىغان
كىشىلەر، ھامىلىدار ئاياللار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋېنا قان نۆكچىسى
پەيدا بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى.
ۋېنادا قان نۆكچىسى پەيدا
بولغاندىن كېيىن، يېنىكلىرىنىڭ ۋېنالىرىدا قىزىرىش، ئىششىش، قېتىش، تۈگۈنچە
پەيدا بولۇش، سپازما خاراكتېرلىك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئېغىرلىرىدا
چوڭقۇر ۋېنا ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، كېسەللەنگەن مۈچە تېرىسىدە قوڭۇر
رەڭلىك قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ، ئارقىدىن سۆسۈن-سۇس قىزىرىپ ئىششىيدۇ،
يىرىڭلاپ كېتىدۇ، مۇسكۇللىرى يىگىلەپ نېكروزلىنىدۇ، پۈتۈن بەدىنى قىزىيدۇ،
كېسەللەنگەن مۈچە قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پۇت-قولىنى كېسىۋېتىشى
مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر قان نۆكچىسى ئۆپكىگە يۆتكىلىپ،
ئۆپكە ئارتېرىيىسىنى توسۇۋېلىپ، ئۆپكە كەپلەشمىسىنى پەيدا قىلسا، ھاياتىغا
خەۋپ يېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ۋېنادا قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى، تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
دۇنيا
سەھىيە تەشكىلاتى ئۇدا تۆت سائەت ھەرىكەت قىلمىسا ۋېنادا قان نوكچىسى
پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا، ۋېنادىكى قان
نۆكچىسىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك «ھەرىكەتلىنىش» ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش
ۋە كونترول قىلىش تەدبىرىدۇر.
1. ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش: ئەڭ ئاسان قان نوكچىسى پەيدا قىلىدۇ.
ئىلگىرى
تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇزۇن يوللۇق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش
بىلەن چوڭقۇر ۋېنادا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، ئەڭ
يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا
ئولتۇرۇشمۇ كېسەل پەيدا قىلىدىغان بىر چوڭ سەۋەبكە ئايلانغان، تېببىي
مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل كېسەلنى «ئېلېكترونلۇق قان نۆكچىسى» دەپ ئاتىغان.
كومپيۇتېردىن 90 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرسا، تىز قىسمىدىكى قاننىڭ ئېقىشى %50 ئازىيىپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ.
لوندون
قان ئىلمى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور بېۋېرلى خېنت مۇنداق تەكلىپ بەرگەن:
كومپيۇتېرنى بىر سائەت ئىشلەتكەندە بىر ئاز ئارام ئېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ
مېڭىپ، بىلىكىنى سوزۇپ پۇت تېپىش، ئوشۇق بوغۇمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش،
پاقالچاق مۇسكۇلىنى سوزۇش كېرەك.
«ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت
قىلماسلىق قان نوكچىسىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ» دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ،
تۇرمۇشتا «ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق» ئادىتىنى ئۆزگەرتىش قان
نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر ئۇسۇلدۇر.
2. يول مېڭىش: بەدەننى مىدىرلىتىپ، بېشىدىن تاپىنىغىچە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
1992-يىلى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يول مېڭىش دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى
بولۇپ، ھەم ئاددىي، ھەم ئاسان بولىدۇ، ھەم ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، مەيلى
ئەر-ئايال، قېرى-ياش بولسۇن، بۇ ھەرىكەتنى قاچان باشلىسا كېچىكمەيدۇ، دەپ
كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا يۈرەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى دوكتور
ۋايت مۇنداق دېگەن: تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا،
پىيادە مېڭىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ھەرىكىتى.
قان نوكچىسىنىڭ
ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، يول ماڭغاندا ئوكسىگېن مېتابولىزمىنى ساقلاپ،
يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە
بولغان قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاندىكى ماينىڭ قان تومۇر دىۋارىغا
يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى
ئالىدۇ.
3. يول ماڭغاندا قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «3، 5، 7» پرىنسىپىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
«3»
ھەر كۈنى 3000 مېتىردىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش، يەنە كېلىپ 30 مىنۇتقا
كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، مۇۋاپىق بولۇش، ھەددىدىن
زىيادە كەسكىن ھەرىكەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
«5» بىر ھەپتىدە بەش قېتىمدىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«7»
ھەرىكەتتىن كېيىنكى يۈرەك رىتىمى + ياش = 170 نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:50
ياشلىق ئادەمنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى يۈرەك رىتىمى 120 قېتىمغا يېتىدۇ.
(سالامەتلىكى ياخشى بولغانلار 190 قېتىمغا يېتىدۇ، سالامەتلىكى ياخشى
بولمىغانلار 150 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بەدىنىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي
ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىشى كېرەك)
ئەگەر« ئۈچ، بەش، يەتتە»
پىرىنسىپىنى ئەستە ساقلاش بەك قىيىن بولسا، بىر جۈملە سۆزنى ئەستە تۇتۇش
كېرەك: ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت تېز مېڭىپ، بەدەن قىزىغاندا، ھەتتا
ئازراق تەرلىگەندە، چېنىقىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55