جۇڭيى تېبابىتىدە يۈزگە قاراپلا كېسەلنى تاپالىشىدىكى سەۋەب
جۇڭيى تىبابىتىدە، يۈزگە قاراپ دىياگنوز قويۇش قىزىقارلىق ئىلىم بولۇپ، يۈزنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنىڭ رەڭگىدىن بەش ئەزانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نوپۇزلۇق جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، چىرايىغا قاراپ كېسەل كۆرۈش توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
پايتەخت تېببىي داشۆسى جۇڭيى تېبابىتى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى چيەن خۇينەن؛
بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى جۇڭگو تېبابىتى تەن ساپاسى ۋە كۆپىيىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇڭمو؛
ساغلام چىراي قانداق بولىدۇ؟
ساغلام چىراينى تىلغا ئالغاندا، كىشىلەر ھەمىشە «ئاقىرىش ۋە قىزىرىش» دېگەن سۆزنى ئېسىگە ئالىدۇ، لېكىن ئاسىيالىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېرىسى سېرىق بولىدۇ، ئۇنداقتا ساغلام چىراي زادى قانداق بولىدۇ؟
جۇڭيى تېبابىتىدە يۈز رەڭگى ئاساسىي رەڭ، مېھمان رەڭ ۋە كېسەل رەڭ دەپ ئايرىلىدۇ. ئاساسلىق رەڭ ئادەمدىكى بىر ئۆمۈر ئۆزگەرمەيدىغان تېرە رەڭگى. بۇ سېرىق رەڭ ئاساسىدا، بەزى كىشىلەر يەنىلا قارامتۇل، ئاق، سېرىق رەڭگە مايىل بولىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال؛ ئەمما ساغلام بولمىغان ۋاقىتتا پەيدا بولغان سېرىق، ئاق، قارا قاتارلىقلار ساغلام ئەمەس.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ساغلام تېرە رەڭگى قىزىل، سېرىق، سۇس، سۈزۈك ۋە نازۇك بولىدۇ. ساغلام بولمىغان سېرىق رەڭ بولسا، كۆپ ھاللاردا سۇس سېرىق، پارقىرىمايدىغان بولۇپ، خۇددى ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قۇرۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.
ئاساسلىق رەڭدىن باشقا، چىرايدا يەنە «مېھمان رەڭ» بار بولۇپ، كىلىمات، يېمەك-ئىچمەك، كەيپىيات ئۆزگىرىشى، ھەرىكەت، خىزمەت مۇھىتى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان چىراي ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ھەرىكەتتىن كېيىن يۈزى قىزىرىپ كېتىش، سوغۇق قىش پەسلىدە چىرايى تاتىرىپ كېتىش، ئۇزاق مۇددەت سىرتتا خىزمەت قىلىشتىن تېرە رەڭگى قارىداپ كېتىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال كاتېگورىيەگە كىرىدۇ.
بەش ئەزادىكى كېسەللىكنىڭ ھەممىسى يۈزدە ئىپادىلىنىدۇ
پىروفېسسور ۋاڭ خۇڭمو بەزى ئاددىي ئۇسۇللارنى تونۇشتۇردى، يەنى يۈزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىنىڭ رەڭگىدىن ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىدا زادى قانداق مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئۆپكىدىكى كېسەللىككە ئىككى قاشنىڭ ئارىلىقىدىكى رەڭگە قاراش
بۇ رايون يىنتاڭ (印堂) دەپ ئاتىلىدۇ، ئەڭ ياخشىسىدا ئاق ئىچىدىن قىزىل رەڭ چىقىپ تۇرىدۇ، بۇيەرنىڭ قارىداپ كېتىشتىن ئەڭ ھەزەر ئەيلەش لازىم، چۈنكى، بۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان ئېغىر كېسەلگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر بەك قىزىل بولسا، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئاقىرىش قان زەئىپلىشىش ياكى ماغدۇرسىزلىق؛ كۆكىرىش بولسا قان ئۇيۇشنى بىلدۈرىدۇ.
يۈرەك كېسىلىدە قاڭشار رەڭگىگە قاراش
زىيادە قىزىرىش يۈرەكنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن، بۇ بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا نېرۋىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قاڭشاردا كۆكىرىش كۆرۈلسە، قان ئۇيۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنى تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
جىگەردە بۇرۇن كۆۋرۈكى(قاڭشار بىلەن بۇرۇن ئۇچىنىڭ ئوتتۇرىسى) رەڭگىگە قاراش
بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى قىزىرىپ قالسا، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆز تورلىشىش، ھەيز كۆپىيىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ؛ كۆك-قارا رەڭ پەيدا بولسا، جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدا بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رەڭگە قاراش
جىگەر رەڭگىنىڭ ئوڭ تەرىپى ئۆت رەڭگى بولۇپ، بۇ يەر سۇس ئاق بولسا، دېمى سىقىلىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاسان چۆچۈپ كېتىدۇ؛ ئادەتتە قىزىرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ رەڭگى تۇتۇق ياكى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە بولسا سازاڭسىمان مەددە قۇرت بولۇشى مۇمكىن.
جىگەر رەڭگىنىڭ سول تەرىپى ئاشقازان ئاستى بېزى رەڭگى بولۇپ، بۇ يەر سارغىيىپ قالسا، ئاشقازان ئاستى بېزى زەئىپلىشىپ، سوغۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئاياللاردا ئاسانلا بەل، قورساق تېلىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ رەڭگى سارغۇچ بولۇپ، ئاشقازان ئاستى بېزى بىلەن ئاشقازاننىڭ ئىناقسىزلىقى بولۇپ، كۆپىنچە ئىشتىھاسىزلىق، كىسلاتانىڭ قايتىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
تالدا بۇرۇن ئۇچى رەڭگىگە قاراش
ئەگەر بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ قالسا، تال ۋە ئاشقازاندىكى ئىسسىقلىق يىغىندى كېسەللىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يەنى ئالاھىدە يېيىشلىك بولىدۇ، يەپ تويمايدۇ. ھەتتا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؛ ئاقىرىش بولسا يەل زەئىپلىشىش؛ كۆكىرىش بولسا قان توختاپ قېلىش، قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازاندا بۇرۇن قانىتىنىڭ رەڭگىگە قاراش
بۇ يەر ۋە ئىككى تەرىپى سۇس ئاق بولسا، بۇ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كۆپىنچە ئىشتىھاسىزلىق، تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رەڭگى سۇس قىزىل، قۇرغاق بولۇش ئاشقازاندا بەدەن سۇيۇقلۇقى يېتىشمەسلىكتىن بولىدۇ، ئادەتتە ئېغىز قۇرۇپ كالپۇك يېرىلىدۇ، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىدۇ؛ رەڭگى زىيادە قىزىل بولسا ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، ئېغىز پۇراش ۋە چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
بۆرەك كېسىلىدە ئېغىزنىڭ ئىككى تەرەپتىكى رەڭگە قاراش
بۇ يەر يورۇق، پارقىراق رەڭدە بولۇش، ساغلاملىقنىڭ ئىپادىسى، ئەكسىچە ئەڭلىكتەك قىزىل رەڭ پەيدا بولسا، بۇ كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بالىياتقۇ، مەزى بېزىدا كالپۇكنىڭ ئۈستىدىكى رەڭگە قاراش
بۇ يەرنىڭ ئاقىرىشى قان زەئىپلىشىش، ماغدۇرسىزلىق؛ سارغىيىش تال زەئىپلىشىش؛ قىزىرىش بولسا قىزىش ئالامىتى، ئاياللاردا كۆپىنچە بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، ئەرلەردە بولسا مەزى بېزى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ؛ كۆك ياكى قارا بولۇش سوغۇقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە راك كېسىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
چىراينى يېمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەش
ئەگەر چىرايىڭىز دېگەندەك ساغلام بولمىسا، لېكىن ئېغىر كېسىلىڭىز بولمىسا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
چىرايى ئاق، تاتىراڭغۇ بولسا
قارا مور، چىلان، لۇڭيەن، قوي جىگىرى قاتارلىق قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ئادەتتە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك كېرەك.
ئەگەر بەدەندە ھۆللۈك بولسا، مۇۋاپىق مىقداردىكى كاۋاۋىچىننى سۇدا قاينىتىپ پۇتنى چىلىسا بولىدۇ، بۇ ئىسسىتىش، ھۆللۈكنى تارقىتىشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.
چىرايى سارغۇچ بولسا
تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار يېمەكلىكلەردىن گۈلسامساق، پىچەكگۈل، كالا قورسىقى، قوي قورسىقى، تېرىق، ئادەمگىياھ قاتارلىقلار بار.
ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان دورىلاردىن ئارپا، قىزىل پۇرچاق، تەكىيە كاۋا پوستى ۋە نېلۇپەر يوپۇرمىقى، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ ئارپا ھەم تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ھەم ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، چىرايى سارغىيىپ كەتكەنلەر كۆپرەك يېسە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر يەنە تال ۋە ئاشقازاننى قوغداش ئۈچۈن، زەھەر قايتۇرۇش دورىسى قاتارلىق ئاچچىق، سوغۇق دورىلارنى ئاز يېيىش كېرەك.
چىرايى قىزىل بولسا
بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە مېۋە-چېۋىلەر ئالدىنقى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن: مانگۇستان، چوڭ ئاپېلسىن، لىمون، نەشپۈت، يېشىل پۇرچاق، تاۋۇز، شۇنداقلا تەرخەمەك، ئاغىچا، زىزانىيە ياڭىقى قاتارلىق كۆكتاتلار. بولۇپمۇ مانگۇستان ۋە چوڭ ئاپېلسىن، جەنۇبلۇقلار دائىم ئۇلارنى يەپ ئوتنى ئۆچۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەيدىغان بەزى يېمەكلىكلەرنىمۇ قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: كۈنجۈت، ئاق مور، نومى گۈرۈچى، دېڭىز ئادەمگىياھى، مېدۇزا، سۈت قاتارلىقلار كەيپىياتنى پەسەيتىپ، چىراينى ياخشىلايدۇ. يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، روھىي ھالەت چوقۇم تىنچ بولۇشى، ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى كېرەك.
چىرايى قارا بولسا
زەنجىۋىلنى كۆپرەك يەپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش كېرەك، ئىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى قوي گۆشى، زەنجىۋىل، كىرەش بىلەن شورپا قايناتسا بولىدۇ. بۇغا گۆشى، راك، كۈدە، ئارپىبەدىيان قاتارلىقلارمۇ مۇسبەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، دىخۇاڭ كۇمىلىچى تۈرىدىكى قۇۋۋەت دورىلىرىنى يېسىڭىز بولىدۇ.
چىرايى كۆكۈش بولسا
دولانا، پۇراقلىق موگۇلارنى كۆپرەك يەپ، قىزىلگۈل، ئەتىرگۈللەردە چاي دەملەپ ئىچسە، ئاياللاردىكى يەل، قان قۇۋۋەت توختاپ قېلىش، چىرايى كۆكۈرۈشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
ئەرلەر دولانا، پۇراقلىق موگۇ، قارا پۇرچاق، نېلۇپەر قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55