كەينىچە مېڭىش بەل ئاغرىقى ۋە بويۇن ئاغرىقىغا شىپا قىلامدۇ؟

文摘   2024-11-03 16:00   新疆  



كەينىچە مېڭىش بەل ئاغرىقى ۋە بويۇن ئاغرىقىغا شىپا قىلامدۇ؟


كەينىچە مېڭىپ بەرسە، بەل ئاغرىقى ۋە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە شىپا بولۇشى ناتايىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىنى بىر خىل سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى دەپ قارايدۇ.

مەسىلەن، بەل ئاغرىقى كەينىچە ماڭغاندىن كېيىن، ئاغرىق پەسىيىدۇ ۋە يوقايدۇ، بۇ كەينىچە مېڭىشنىڭ تۆھپىسى دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا بەدىنىمىزنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىدىن كەلگەن.

كەينىچە ماڭغاندا، بەدەندە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

ئۇنداقتا كەينىچە مېڭىش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل چېنىقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاندىن بۇ خىل چېنىقىشنى داۋالاشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە كەينىگە مېڭىشمۇ بىر خىل ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بولۇپ، ئارقا تەرەپتە دائىم ئىشلىتىلمەيدىغان مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بەدەنگە بەلگىلىك پايدىسى بار.

مەسىلەن، تەتۈر ماڭغاندا يانپاش بوغۇمى كەينىگە سوزۇلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەل مۇسكۇلى، ساغرا مۇسكۇلى، تېلىپ مۇسكۇللىرىنى ناھايىتى ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

بەدەننىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مۇسكۇللار قارشىلىشىش شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ بىز ئادەتتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇ خىل ئاز قوزغىتىش ئەندىزىسى سالامەتلىككە پايدىلىق.

كەينىچە مېڭىشنىڭ بەل ئومۇرتقىسىغا پايدىسى بارمۇ؟

ئەمما بەل ئاغرىقى ۋە بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشى ناتايىن، بەل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ.

ئەگەر بەل ئاغرىقىدا ياخشىلىنىش بولسا، ئادەتتە بەل مۇسكۇلى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى بولۇپ، ھەرىكەتتىن كېيىن بىر ئاز راھەت ھېس قىلىدۇ.

باشقا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلىگە ئوخشاش، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.


ئەگەر بىر ئادەم بېشىنى ساڭگىلىتىپ كەينىچە ماڭسا، بوينىغا يەل تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قانداقمۇ پايدىلىق بولسۇن؟


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق


ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا  تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.


ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .


سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章