قورساقنىڭ نەرى ئاغرىسا نېمە كېسەل؟ رەسىمگە قاراپلا بىلەلەيسىز

文摘   2024-11-06 18:31   新疆  



قورساقنىڭ نەرى ئاغرىسا نېمە كېسەل؟ رەسىمگە قاراپلا بىلەلەيسىز


جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە دائىم قورسىقىنى تۇتقانچە ، « دوختۇر ، قورسىقىم ئاغرىۋاتىدۇ، مانا بۇ يەر ئاغرىيدۇ ، بۇ يەردە نېمە باردۇ ؟ » دەپ كېلىدىغان بىمارلار كۆپ ئۇچرايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، قورساق قىسمىنى رايونلارغا ئايرىش ئانچە تەس ئەمەس ، مېنىڭچە بۇ كۆپلىگەن ئادەملەر ئىگەنلەشكە تېگىشلىك ساۋات . ئاغرىغان ئورۇننى بەلگىلەش ئارقىلىق ، ئومۇمىي جەھەتتىن قايسى ئەزادىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ، كېسەلگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشتا پايدىلىق .  بۈگۈن ئەلداۋا ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى :


ئالدى بىلەن ، قورساق قىسمىنى ئاساسلىق 9 رايونغا بۆلىمىز ، ئامال تولىمۇ ئاددى :
1- ئوڭ يۇقىرىقى قورساق : جىگەر ، ئۆت كېسەللىكلىرى ؛
2- يۇقىرىقى ئوتتۇرا قورساق قىسمى : قىزىلئۆڭگەچ ۋە يۈرەك ؛
3- سول يۇقۇرقى قورساق قىسمى : ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ؛
4- ئوڭ ئوتتۇرا قورساق : بۆرەك ؛
5- ئوتتۇرا قورساق : ئاشقازان ۋە ئۈچەي ؛
6- سول ئوتتۇرا قورساق : بۆرەك ؛
7- ئوڭ ئاستىنقى قورساق : بوغماق ئۈچەي ، مەزى بېزى ، بالياتقۇ ، داس بوشلۇقى قاتارلىقلار ؛
8- ئاستىنقى ئوتتۇرا قورساق : تۈز ئۈچەي ، داس بوشلۇقى ، مەزى بېزى ، سۈيدۈك يولى قاتارلىقلار؛
9- سول ئاستىنقى قورساق : بوغماق ئۈچەي ، تۇخۇمدان ، بالىياتقۇ قاتارلىقلار؛


بۇ خىل ئايرىش ئارقىلىق ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەھۋالىغا تەخمىنەن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ

بىز ئاۋۋال ئۈستۈنكى قورساق قىسمىغا قاراپ باقايلى.
قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئاساسەن جىگەر ، ئۆت ئىككى ئەزا بار ، بۇ ئورۇندىكى ئاغرىش ئاساسلىقى بەلكىم جىگەر ، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش قاتارلىقلاردىن بولۇشى مۇمكىن ؛ ئەمما ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىشتا بولسا ، قىزىلئۆڭگەچ ۋە يۈرەك مەسىلىسىنى ئويلاشسا بولىدۇ ، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى تىپىك بولمىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ، يەنە بەلكىم يۈرەك ، ئاشقازان كېسىلى ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن ؛
سول يۇقىرىقى قورساق قىسمى ئاغرىسا بەلكىم ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدىن مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن ، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكتىن ئاساسلىقى ئاشقازان ياللۇغى ، ئاشقازان يارىسى ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار .


ئەمما كىندىك ئەتراپى بۇ توغرا كەسمە يۈزدىكى ئورۇن ، ئوڭ بىقىن ئاغرىسا  بۆرەكتە مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى بىزدە ئوڭ - سول ئىككى بۆرەك بار ، ئاغرىشى بەك كۈچلۈك بولسا ، بۆرەككە تاش چۈشۈش ، بۆرەك ياللۇغى ، سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش چۈشۈشتىن بولۇشى مۇمكىن ، يەنە ئۈچەي يولى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . ئەمما كىندىك ئەتراپى بۇ قورساق قىسمى ، ئاساسلىقى ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرىدىن مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن ، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردىن ئىچى سۈرۈش ، ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى ، ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلار.

تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا چېتىلىدىغان ئەزالار بىر قەدەر كۆپ ، ئاۋۋال ئوڭ ئاستىنقى قورساقتا سوقۇر ئۈچەي ، مەزى بېزى ، بالياتقۇ ، داس بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردىن چاتاق چىقسا ، ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ؛ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قورساقمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، سول ئاستىنقى قورساق ئاغرىقىنى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى ، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق ، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ، بوغماق ئۈچەي كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن .
تۆۋەنكى قورساق ئاغرىشنى ئاساسلىقى داس بوشلۇقى ياللۇغى ، مەزى بېزى ياللۇغى ، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى ، تۈز ئۈچەي راكى ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن .


ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ، سىز ئېھتىمال قايسى ئەزانىڭ ، قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكى توغرىسىدا خېلى چوڭ چۈشىنىش ھاسىل قىلدىڭىزغۇ دەيمەن ...


ئۇندىن باشقا، ئەلداۋا يەنە كۆپچىلىككە كېسەللىكنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىماقچى:
ئەڭ ئاساسلىقى بولسا ئاغرىش ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش . مەسىلەن: ناھايىتى قاتتىق ئاغرىش ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنۇلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ : ئادەتتە ئۆت خالتىسى ياللۇغى ، ئۆت تېشى ، بۆرەك تېشى ، سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش چۈشۈش ، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش قاتارلىقلار ؛


ئەگەر تېلىپ ئاغرىش بولسا : ئاساسلىقى بىر قىسىم سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ، مەسىلەن: جىگەر ياللۇغى ، ئاشقازان ياللۇغى ، ئۈچەي ياللۇغى ، ئاشقازان يارىسى ، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار .


ئەلۋەتتە ، كۆپچىلىككە يۇقارقى بىلىملەرنى ئۆگەتكەنلىك ، ئۆز ئالدىغا دوختۇر بولۇۋېلىش ئەمەس ، بەلكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، ھەرگىز ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ ، بىلەرمەنلىك قىلىپ داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈپ ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك. چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇنتىزىم تەكشۈرۈش قىلىپ ، ۋاقتىدا داۋالىنىپ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.



قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.






سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章