قان تومۇرلاردا توسۇلۇپ قالىدىغىنى مانا مۇشۇ
«قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش» ئادەمنى ئاسانلا ۋەھىمىگە سالىدىغان سۆز، يۈرەك قان تومۇرى توسۇلۇپ قالسا يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇپ قالسا مېڭە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش» تەك بۇ ئىشتا، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن پىتنە ـ ئىغۋا ۋە خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، كىشىلەر دەماللىققا بۇ گەپلەرنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.
بۈگۈن ئەلداۋا كىشىلەر دائىم دەيدىغان قان تومۇر توسۇلۇش توغرىسىدىكى 7 چوڭ مەسىلىنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. مەزكۇر ماقالىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
1- قان تومۇر ئىچىدە توسۇلۇپ قالغىنى نېمە؟
خاتا قاراش:
قان تومۇردا توسۇلۇپ قالغىنى توكسىن، ئەخلەت بولۇپ، توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قان تومۇردىكى «زەھەر»نى ھەيدەشكە توغرا كېلىدۇ ......
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
قان تومۇرلاردا ئەخلەت مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى بار، مەسىلەن، مۇسكۇل ئانگىدرىدىنى، بۇلارنى ئورگانىزم تەبىئىي ھالدا قەرەللىك تازىلاپ تۇرىدۇ.
يۈزەكى قىلىپ ئېيتقاندا، قان تومۇرلارنى ھەقىقىي تۈردە توسۇپ قالىدىغىنى ياغ ماددىسى تۈرىدىكى ماددىلار، يەنى بىز دائىم دەيدىغان «قاندىكى ماي» مىقدارى ئېشىپ كېتىش ياكى «خولېستېرىن» ئېشىپ كېتىش.
ئەگەر ئۇلار قاندا زىيادە كۆپ يىغىلىپ قالسا، قان تومۇر دىۋارىدا «بوتقىسىمان قېتىشقان داغ پارچىلىرى» ھاسىل بولۇپ، بارغانسېرى چوڭىيىپ، قان تومۇرلارنى بارا ـ بارا توسۇۋېلىشى مۇمكىن.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى:قان تومۇردا ھەيدەيدىغان «زەھەر» بولمايدۇ، قاندىكى ماينى كونترول قىلىش ھەقىقىي مۇھىم، بولۇپمۇ« تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن»نىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، نۆۋەتتە ھەرقانداق نەرسە دورا ئارقىلىق قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
2-قان بەك قويۇق بولۇپ كەتسە قان تومۇرلار ئاسان توسۇلۇپ قالامدۇ؟
خاتا قاراش:
قان بەك يېپىشقاق بولۇپ كەتسە قان تومۇر توسۇلۇپ قالىدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ كەتكەن ھامان، قەرەللىك ئوكۇل سېلىپ قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ......
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
تېببىي ئىلىمدا، «قان قويۇق» بولۇش ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تەكشۈرۈش ( قاننىڭ ئېقىشى ئۆزگىرىش ) نىڭ ئەمەلىي كىلىنكىلىق ئەھمىيىتى ناھايىتى كىچىك، ئىلمىي ئاساسى كەمچىل.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: قان تومۇرنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ـ قالماسلىقى بىلەن ئاتالمىش قان يېپىشقاقلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ «قويۇق ـ قويۇق ئەمەسلىكى» بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس، ھەقىقىي قان تومۇر توسۇلۇپ قالسا «قان نوكچىسى »شەكىللىنىدۇ، بۇ داغ پارچىلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سانىغا باغلىق.
دورا ئىچىش ياكى ئوكۇل سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنۇش ئۇسۇلىنىڭ بىمارغا پايدا ئېلىپ كېلىشى ناتايىن.
3- قان تومۇر توسۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
خاتا قاراش:
قان تومۇرلاردا توسۇلۇپ قالغان ئەخلەتلەرنى چوقۇم قەرەللىك تازىلاپ، بۇ ئەخلەتلەرنى پارچىلاپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قان تومۇرلارنى قايتىدىن راۋانلاشتۇرۇش كېرەك ......
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
ئەپسۇس، قان تومۇر دىۋارىغا ئۆسۈپ چىققان «بوتقىسىمان قېتىشقان داغ پارچىلىرى» پەقەت ماينى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قەنتنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق دورىلىق داۋالاش ئارقىلىق داۋاملىق چوڭلاش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئەكسىگە قايتۇرغىلى ياكى ئاتالمىش «داغنى تازىلىغىلى» بولمايدۇ.
ئەگەر ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، بىز «تىرەك قويۇش» ئۇسۇلنى قوللىنىپ تار قان تومۇرلارنى كېڭەيتىمىز. بۇمۇ ئاتالمىش «تازىلاش» بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا ئاسپىرىن ، تاتىن تۈرىدىكى دورىلاردىن پايدىلىنىپ قان پلاستىنكىلىرىنى كونترول قىلىشى كېرەك ، داغ پارچىلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش بولسا قان تومۇر «توسۇلۇپ» قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە .
4- قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، قان تومۇرنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
خاتا قاراش :
ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشى ئوكسىدلىنىش سەۋەبىدىن ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش مۇھىم ھالقا ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبى بولغان مەھسۇلاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇرنى قوغدىغىلى بولىدۇ . . .
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
قان تومۇر دىۋارىدا «بوتقىسىمان قېتىشقان داغ پارچىلىرى»نىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى ئەمەلىيەتتە تېخى ئېنىق ئەمەس، ھەقىقەتەن قان تومۇر ئىچكى تېرىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ياغ ماددىسىنىڭ ئوكسىدلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن نۆۋەتتە ھېچقانداق ئاتالمىش «ئوكسىدلىنىش»قا قارشى تۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ جەريانلارنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولمايدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، «ئوكسىدلىنىش»قا قارشى تۇرۇپ، قان تومۇرلارنى ئاسرايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كۆپرەك تىلغا ئېلىنسا، تېخىمۇ ئىشەنچىسىز بولۇپ قالىدۇ.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: قان تومۇرلارنى قوغداش يەنىلا تۇرمۇشتىكى خەتەرلىك ئامىللارنى تىزگىنلەشتە. سېمىزلىك، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت، تاماكا چېكىش قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللار قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش سۈرىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئۇلارنى كونترول قىلىش قان تومۇرنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق.
5-قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قەنتنى تۆۋەنلىتىش، ماينى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى بەك چوڭمۇ؟
خاتا قاراش :
دائىم قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ، ياغنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېسە جىگەر ۋە بۆرەكنى بۇزۇپ قويىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەم ئۆلمەي تۇرۇپ ئاۋۋال دورا يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ، ساپ تەبىئىي ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى بولمايدۇ...
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا يەپ ، يۇقىرى قان بېسىم دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىدۇ ، چۈنكى بۆرەكتىكى قان تومۇرلارمۇ بۇ كېسەللىكلەر زىيان يەتكۈزىدىغان نىشان ئەزالارنىڭ بىرى .
ھالبۇكى، ئاتالمىش جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى تاتىن تۈرىدىكى دورىلارنى他汀类 خالىغانچە ئىشلىتىشنى توختۇتۇش، يۈرەك مېڭە قان تومۇر ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىشلىتىپ داۋالىغاندا، جىگەر، بۆرەككە بولغان ئەكس تەسىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلەتكەنلەرمۇ قەرەللىك ھالدا زىيارەت قىلىپ، قايتا تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى تەڭشەپ، دورا تۈرى قاتارلىقلارنى تەڭشىشى كېرەك. ئاتالمىش ساغلاملىق بۇيۇملىرى، ساقلىقنى ساقلاش تۈرى قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەكس تەسىرى بولماسلىقى ناتايىن.
6- ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلا قان تومۇرلار توسۇلۇپ ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟
خاتا قاراش:
ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، قان تومۇرلار ئاسانلا توسۇلۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسىنى كۆپرەك تولۇقلاپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ...
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە بىۋاسىتە سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق.
لېكىن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىش، مەسىلەن: زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياكى كۆپ تاماكا چېكىش ۋە قاتتىق چارچاپ كېتىش يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئالدىنقى شەرتى بىمارنىڭ ئۆزىدە بەلگىلىك خەتەرلىك ئامىللار ئاساسى مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: ئەگەر ئادەتتىكى ئىلىمىي تەكشى ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىيوخىمىيەلىك تۈرلۈك ئاقسىل كۆرسەتكۈچلىرىمۇ نورمال بولسا، ئاتالمىش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممىسى شەخسىي ئارزۇغا تايىنىدۇ.
7- قان تومۇر توسۇلۇپ قالسا، ئېلېكتروكاردىئوگرامما دولقۇنىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلەمدۇ؟
خاتا قاراش:
يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگىرممىسىدىكى « T » دولقۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ سىزنىڭ يۈرەك كېسىلىڭىزنىڭ بارلىقىنى ، يۈرەك قان تومۇرلىرىڭىزنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ، يەنە داۋالاش قىلمىسىڭىز كېچىكىپ قالىدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ .
ئەلداۋا يەكۈنلىگەن ئىلمىي قاراش:
ساغلام ئادەمنىڭ يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگىرممىسىدىمۇ T دولقۇنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويغىلى بولمايدۇ.
T دولقۇننىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەتتا تۇغما ئېلېكتروكاردىئوگرامما T دولقۇنى تۆۋەن بولىدۇ.
ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى:
چوقۇم كەسپىي دوختۇرلار كېسەللىك ئالامىتى، كېسەللىك تارىخى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەھۋاللارغا ئاساسەن T دولقۇنىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ قالايمىقان يەكۈن چىقىرىشقا تايىنىپ قالايمىقان دورا ئىشلىتىش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
قىسقىسى يەنىلا شۇ گەپ، بىمار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئاساسىدا، ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىشلىتىش يۈرەك مېڭە قان تومۇرى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھېسابلىنىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟
سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...
سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55