سەل قارالغان8يىلدا ئېنىق دىئاگنوزقويغىلى بولىدىغان ئاياللاركېسىلى
ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش نۇرغۇن ئاياللارغا ئازاب ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنى نورمال ھادىسە دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئاغرىق نىقاپلىنىشقا ئۇستا!
ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى «بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى».
يېقىندا، بىر تۈرلۈك تەتقىقات بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللىرىنى ئېچىپ بەردى.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش كېسىلىنىڭ نېمىلىكىنى، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ۋاڭ يۈ؛
جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ياۋ شۇجۇڭ؛
بۇ خىل قاتتىق ئاغرىش، دائىم خاتا ھالدا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ قارىلىپ كەلدى
بۇ قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردا قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن %15 ~ %10 بولغان بىر خىل كېسەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۆسۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ئورۇندا ئۆسۈپ، 200 مىليونغا يېقىن ئايالغا تەسىر كۆرسەتكەن.
نورمال ھەيز دەۋرىيلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش (ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش) بىلەن ئوخشىمايدۇ، قاتتىق ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغان ئاياللارنىڭ خېلى بىر قىسمىدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى قاتارلىق ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەۋجۇت.
يېقىندا «ئىلىم - پەننى مېدىتسىناغا ئايلاندۇرۇش» (Science Translational Medicine) ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن شەكىللىنىش ئامىللىرى ئېچىپ بېرىلدى.
ياپونىيە ناگويا داشۆسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئۆمەكلىرى 155 نەپەر ياپونىيەلىك ئايالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %64 بىمارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە موكىسىمان تاياقچە باكتېرىيە بارلىقىنى، ساغلام ئاياللارنىڭ ئاران %7 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالىياتقۇ دائىم «مىكروبسىز» مۇھىت دەپ قارىلىدۇ، موكىسىمان تاياقچە باكتېرىيەنىڭ پەيدا بولۇشى تەتقىقاتچىلارنى ئۇنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.
تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار موكىسىمان تاياقچە باكتېرىيە (梭杆菌) بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنىڭ قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە ئوخشاش توقۇلمىلارنىڭ بالىياتقۇ سىرتىغا تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتنىڭ يەنە مۇئەييەن چەكلىمىلىكى بار، مەسىلەن: موكىسىمان تاياقچە باكتېرىيە نېمە ئۈچۈن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىدۇ، ۋەھاكازالار.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش:
2022 - يىلى، ئەنگلىيە بىرمىڭخام شەھەر داشۆسى بىلەن مانچېستېر شەھەر داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى بىمارلىرىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز يىلدا ئاندىن ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاغرىق ئالامەتلىرىگە سەل قاراش.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى گەرچە ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن ئىنفىلتراتسىيىلىك ئۆسۈش، ئاسان قايتا قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، داس بوشلۇقىدىكى قۇم - بورانغا ئوخشىتىلىدۇ، بارغانلا يېرىدە نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
داس بوشلۇقى، قورساق بوشلۇقىدىن باشقا، يەنە يىرىق، كىندىك، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى، تاشقى قۇلاق، باش تېرىسى قاتارلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ نورمال ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بىلەن بولغان پەرقى نېمە؟
ئادەتتىكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى تارىيىش، بالىياتقۇ كەينىگە ئورۇنلىشىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ھەيز قېنى راۋان بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، كۆپىنچە ھەيز كېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ھەيز راۋان بولسا ئاغرىق پەسىيىدۇ.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى كۆپىنچە ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش (ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش) تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ، پۈتكۈل ھەيز مەزگىلىگە ئەگىشىپ، دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
ئۇ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنىڭ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىچىدە، ئەڭ تىپىك بولغىنى ئاغرىق. كىلىنىكىدا %80 ~ %70 بىماردا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ئاستا خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ئاغرىش، چوڭ تەرەت قىلىشتا ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۈچەيگە ئۆسۈپ قئالسا، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، قەۋزىيەت بولۇش، ئۈچەيدە توسۇلۇش بولۇشىمۇ مۇمكىن؛
دوۋساققا ئۆسۈپ قالسا، قان سىيىش بولۇشىمۇ مۇمكىن؛
تۇخۇمدانغا ئۆسۈپ قالسا، تۇخۇمدان توقۇلمىلىرىنى بۇزۇپ، تۇخۇمدان ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ھامىلدار بولالماسلىق قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتىگە ئۆسۈپ قالسا، تەرەققىي قىلىشچان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش (پاتولوگىيەلىك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
سۈيدۈك نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش، بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كېسەللىك ئالامەتلىرى زىيادە كەڭ بولغاچقا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىگە ئاياللار بۆلۈمىدە بولمىغان دوختۇرلار ئاسانلا خاتا دىئاگنوز قويىدۇ.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
تۇغۇت يېشى مەزگىلى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ %40 تىن كۆپرەكىدە بۇ كېسەل بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:
ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن، ھەيز مەزگىلىدە بىللە بولۇشتىن، شۇنداقلا زۆرۈر بولمىغان سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛
كۆپ يۈز بېرىدىغان جەمەت كېسەللىك تارىخى بار ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ يىگىلەش خەتىرىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ؛
ئەگەر ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش تەرەققىي قىلىشچان ئېغىرلاشسا، مەسىلەن: كۆيۈش سېزىمى، تارتىشىش سېزىمى، سىقىلىش سېزىمى، سانجىپ ئاغرىش سېزىمى كۆرۈلسە، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى ھەم ئالدى بىلەن ئاياللار بۆلۈمىدە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش كېرەك، ئوپېراتسىيە قىلمايلا كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ؛
مۇرەككەپ كېسەللەردە داس بوشلۇقى يادرو ماگنىتى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشقا بولىدۇ.
نۆۋەتتە، ئوپېراتسىيە قىلىپ دىياگنوز قويۇش يەنىلا ئىچكى غەيرىي كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇشتىكى «ئالتۇن ئۆلچەم» بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، چوقۇم بالدۇر داۋالاش، ئۇزاق مۇددەت باشقۇرۇش، بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈش، قايتا تەكشۈرۈش ۋاقتى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، قىسقا بولغاندا بىر ئايغا يەتمەيدۇ، ئۇزۇن بولغاندا بىر يىلغا يېتىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55