بۇ 7 خىل ئاغرىشقا سەل قارىماي جىددىي دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ، بولمىسا…

文摘   2024-11-21 20:20   新疆  



بۇ 7 خىل ئاغرىشقا سەل قارىماي جىددىي دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ، بولمىسا…


ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى : ئاغرىش بىر خىل كېسەللىك ، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ . ئەگەر سىزدە  بۇ 7 خىل ئاغرىق كۆرۈلسە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ !!!

62 ياشقا كىرگەن ئالىم تاغا ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە باغچا ئەتراپىغا بېرىپ يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ كەلگەن ، ئالدىنقى ھەپتە تۇيۇقسىز قاپاق ۋە يۈز قىسمىدا ئالاھىدە ئاغرىش ھىس قىلغان ، تېخى ئەتىگەنلىك سالقىن شامالنىڭ غىدىقلىشىدىن بولغان دەپ ئويلىغان . ئويلىمىغان يەردىن بىر ھەپتىدىن كېيىن قىزىل نەرسىلەر چىققان ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بەلۋاغسىمان قوقاق چىققانلىقىنى بىلگەن ، بۇ چاغدا ۋىرۇس  يۈز نېرۋىسىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتىن ، كۆزى مايماق بولۇپ يۈز قىسمى تارتىشىپ قالغان .    

ئاغرىق ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ، ھەقىقىي ھېسسىياتنىڭ بىرى . نۇرغۇن ئادەملەر ئاغرىققا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ ، نەتىجىدە داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى كىچىكتۈرۈپ ياكى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ، يەنە داۋالاشقا نۇرغۇن خىراجەت قىلىدۇ .


بولۇپمۇ بەزى بويۇن مۈرە - بەل - پۇت ئاغرىيدىغان بىمارلار ، كۆپ ھاللاردا ئاغرىقتىن ماڭالماي ھەتتا ئورنىدىن تۈرالماي قالسىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ . سوزۇلما ئاغرىشقا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە تەخمىنەن % 40 بىمارنىڭ تەشۋىشلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ . پىسخىك ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش ئاغرىش ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ .

لېكىن ، جىددىي خاراكتېرلىك ئاغرىق ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مەسىلەن: جىددىي خاراكتېرلىك كۆكرەك ئاغرىش ــ يۈرەك سانجىقى ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ؛ جىددىي خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش ئاشقازان ئۇچەينىڭ تېشىلىشىدىن ، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق ، ئۈچەينىڭ تولغىشىپ قېلىشى ياكى نېكروزلىشىش قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ، « بۇ جىددىي خاراكتېرلىك ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ، بولمىسا ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ ! ». 

ئاغرىقنى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ 7 خىل ئاغرىققا «چىداپ» ئولتۇرماي تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈنىشىنى ئەسكەرتىدۇ

1- ئېغىر دەرىجىدە دۈمبە قىسمى ئاغرىش
ئەگەر تاشقى كۈچ كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسا ، تۇيۇقسىز دۈمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىش بەلكىم ئارتېرىيە ئۆسمىسىنىڭ كېڭىيىشىدىن ياكى يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن .  


2- كۆكرەك قىسقا ئاغرىش
يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن بولۇشى مۇمكىن . گەرچە بۇ خىل ئاغرىقنىڭ داۋام قىلىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك .


3- قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش
بۇ بەلكىم ئاشقازان - ئۈچەي تېشىلگەن بولۇشى ، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى ئۆت خالتىسى ياللۇغلىنىشتىن بولۇشى مۇمكىن . 


4- سىجىل پۇت ئاغرىش ياكى پەي ئاغرىش
بۇ بەلكىم كۈچىنىش خاراكتېرلىك سۇنۇش ( سۆڭەك يېرىقى ) دىن بولۇشى مۇمكىن .


5- پۇت ئاغرىش ھەم ئىششىش
باسقاندا ئاغرىش ياكى قىزىش تۇيغۇسى خۇددى سۇس ئوتتا ئىچىدىن - تېشىغا قاقلاۋاتقاندا تۇيغۇدا بولۇش ، چوڭقۇر ۋېنا قان نوكچىسىدىن بولۇشى مۇمكىن . 


6- كىچىك تەرەت قىلغاندا قاتتىق ئاغرىش
دوۋساق ياللۇغى ياكى دوۋساق راكىدىن بولۇشى مۇمكىن .


7- چاتراق تۇيۇقسىز ئاغرىش
يەنە بەزىدە ئىششىش قوشۇلۇپ كېلىش ، ئۇرۇقدان قايرىلىپ قېلىش ياكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغىدىن بولۇشى مۇمكىن .   


مۇتەخەسسىسلەر داۋالىنىشنى خالىمايدىغان بىمارلارنىڭ ئۆيدە ، ئاغرىغاندا ئۆز ئالدىغا قارىغۇلارچە ئاغرىق توختىتىش دورىسى يېسە بولمايدىغانلىقىنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ . ئاغرىش ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بەدىنىنىڭ بەرگەن سىگنالى . ئەگەر ئېنىق بولمىغان ئاغرىش ئەھۋالى يۈز بەرگەندە خالىغانچە ئاغرىق توختىتىش دورىسى يېگەندە ، ئاغرىقنى توختىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۆزىدىكى ئەسلى كېسەلنى بىلمەي قالىدۇ ، دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە ھۆكۈم قىلىشىغا پايدىسىز ، كەينىگە سۈرگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ھەتتا ئېغىرلىشىپ قالىدۇ . 



ئۇندىن باشقا، بەزى غەيرىي ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭ تەركىبى ، پاراتسېتامول ( 扑热息痛 ) ( ئاتسېتامىنوفېنغا نىسبەتەن对乙酰氨基  ) ، برۇفېن( 布洛芬) قاتارلىقلار ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغىلا ئەمەس يەنە ، بۆرەك ، جىگەر ، يۈرەك - مېڭە قان تومۇرلىرىغا بەلگىلىك ئەكس تەسىرى مەۋجۇت ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان تېشىلىش ، بۆرەك زەئىپلىكى ، جىگەر زەئىپلىشىش ، يۈرەك مېڭە قان تومۇرلاردىكى تاسادىپىيلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章