قۇلاق شەكلىگە قاراپ بىرئادەمنىڭ تەقدىرىنى بىلىش
بىر ئادەمنىڭ قۇلىقىنىڭ شەكلىگە ۋە چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ كەلگۈسىنى، ئىجىتىمائىي ئورنى ۋە ئىقتىدارىنى بىلگىلى بولىدۇ
ئاۋۋال بىر ئادەمنىڭ پىشانىسىنىڭ كەڭ ياكى تارلىقىغا قاراپ كېيىنكى ئىجتىمائىي ئورنىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. پىشانىسى كەڭ بولسا تەلەيلىك، ئامەتلىك، يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. كەڭ پىشانىلىك ئادەملەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. پىشانىسىنىڭ ئارىلىقى قانچە كەڭرى بولسا شۇنچە تەلەيلىك بولىدۇ
قۇلىقى چوڭ، ئۇزۇن بولسا، قۇلاق يۇمشىقى چوڭ ھەم قېلىن بولسا يۇقىرى تەبىقىلىك بولىدۇ. ئەقىللىق، تەدبىرلىك، تەلەيلىك بولىدۇ. ئادەتتە كىچىك بالىلارنىڭ بەدىنى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە بولغاچقا بىلگىلى بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قۇلاق يۇمشىقىغا قاراپ كېيىنكى ئورنىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە قۇلاق يۇمشىقىغا قاراپ بىر ئادەمنىڭ 60 ياشتىن كېيىنكى تەلەيلىك بولۇش دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ
قۇلاق ئۈستىدە مەڭ بولسىمۇ بەخت-تەلەينىڭ ئىپادىسى. قۇلىقىدا مەڭ بولسا ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان، ئىقتىدارلىق، ئىش بىجىرگەندە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ
قۇلاقنىڭ شەكلىمۇ نەچچە خىلغا ئايرىلىدۇ
قۇلىقى ئۇزۇن، ئەمما نېپىز كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئادەتتە ئىلمىي، ئەستايىدىل، كۆيۈمچان كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ
قۇلىقى كىچىك كىشىلەر كۆپىنچە ئالدىراقسان كېلىدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، جىددىيلىشىدىغان خاراكتېرگە ئىگە
قۇلىقى ئۇزۇن ھەم قۇلاق يۇمشىقى قېلىن كىشىلەر ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئېغىر بېسىق، خۇشچاقچاق، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغان، كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىمايدىغان خاراكتېرگە ئىگە
قۇلاق يۇمشىقى قانچە چوڭ، قانچە يۇمشاق ھەم قېلىن بولسا شۇنچە تەلەيلىك بولىدۇمەزكۇر مەزمۇن بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلانغان، توغرا بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق
ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .
سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55