ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى

文摘   2024-11-08 16:31   中国  




ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى


ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىزگە ناھايىتى يېقىن بولغان بىر خىل روھىي كېسەللىك، ئۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىزدە تەخمىنەن 15 مىليون ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىمارى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەشتىن ئۈچ قىسىم بىمارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش كەچۈرمىشى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بەشتىن بىر قىسىم بىمارلار ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن بىرلىكتە بۇ قورقۇنۇچلۇق روھىي كېسەلگە ئالاقىدار بىرقانچە بىلىملەر بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.


ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى دېگەن نېمە؟

ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىر گۇرۇپپا كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئېغىر روھىي كېسەل بولۇپ، كۆپىنچە ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ئاستا خارەكتىرلىك ياكى جىددىي خارەكتىرلىك قوزغىلىدۇ، كىلىنىكىدا كۆپىنچە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمىغان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ سېزىم، تەپەككۇر، ھېسسىيات ۋە ھەرىكەت قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى توسالغۇ ھەمدە روھىي پائالىيەتنىڭ ماسلاشماسلىقىغا بېرىپ چېتىلىدۇ.

دەسلەپتە ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئەقلى ئىقتىدارى ئاساسەن نورمال بولىدۇ، لېكىن، قىسمەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك جەريانىدا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئادەتتە ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ، قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ، شۇنداقلا كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىدۇ، يەنە قىسمەن بىمارلاردا پۈتكۈل بەدەن جەھەتتىن چېكىنىش، شۇنداقلا روھىي مېيىپلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە بىمارلار داۋالانغاندىن كېيىن، ساقىيىش ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ساقىيىش ھالىتىگە قايتىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنى سىناش سىناق سوئالىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ سوئالنى كۆرۈپ باقايلى:

1. سىزدە ئورۇنسىز جىددىيلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدىمۇ؟

2. كاللىڭىزدا بىمەنە خام-خىياللار پەيدا بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدىمۇ؟

3. سىزدە تىل خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولدىمۇ؟

4. سىزدە تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىش، شۇنداقلا ئۇزۇن ۋاقىت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلەمدۇ؟

5. سىزدە ئۈمىدسىزلىنىش ياكى زىيادە بوشاڭلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدىمۇ؟

6. سىزدە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەپەككۇر پەيدا بولدىمۇ؟

7. سىزدە ھېسسىيات بۇزۇلۇش، شۇنداقلا ھېسسىيات سۇسلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدىمۇ؟

8. سىزدە پاسسىپ، شۇنداقلا كونترول قىلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدىمۇ؟


9. سىزدە كۆپ ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق، شۇنداقلا، غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدىمۇ؟

10. سىزدە تەپەككۇر بوشىش، سۆزلەش راۋان بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدىمۇ؟

11. سىزنىڭ تەپەككۇر لوگىكىڭىزدە خاتالىق كۆرۈلدىمۇ؟

سىناق نەتىجىسى: ئەگەر يۇقىرىقىلاردىن 7-11 كۆرۈلسە، ھەمدە كېسەللىك ئالامىتى ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا، ياخشىلىنىش بولمىسا، كەسپىي خادىملاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمىز، بۇ سىناق سوئالدىن پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ دىئاگنوز قويۇپ ئۆز ئالدىغا دورا ئىچىشكە بولمايدۇ.


ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

1. ياش قۇرامى: ياشلىق مەزگىلى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى يېتىلىدىغان، تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىدىغان باسقۇچ بولۇپ، ۋېگېتاتىپ نېرۋا سىستېمىسى تۇراقسىز، كەيپىياتى ئاسانلا داۋالغۇپ، تاشقى دۇنيادىكى سېزىمچان ئامىللارغا سەزگۈر بولىدۇ. ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بۇ مەزگىلدە ئاسان يۈز بېرىدۇ، بۇ بەلكىم ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

2. خاراكتېر ۋە مۇھىت: قىسمەن ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرى بولىدۇ، مەسىلەن: باشقىلارغا ئارىلاشماسلىق، ئاز گەپ قىلىش، خىجىل بولۇش، سەزگۈر بولۇش، گۇمانخور بولۇش، چېچىلاڭغۇلۇق، خام خىيالغا بېرىلىپ كېتىش قاتارلىقلار، بۇ خىل نورمال كىشىلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان خاراكتېر «روھى توسالغۇسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر روھىي توسالغۇسىنىڭ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسلىق تەسىر ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇڭا ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىلەن روھى توسالغۇنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارىغان.

3. فىزىئولوگىيە جەھەتتە: ئاساسلىقى ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ئەزا خاراكتېرلىك ئامىللار، مەسىلەن: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ باققان كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ئورگىنانلىق جەھەتتە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مېڭە ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىزلىشىش ۋە ھەر خىل مېڭە ماددىلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى بىنورمال بولىدۇ. پىسخىكا جەھەتتە، ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى جىددىي بېسىم (تەبىئىي ئاپەت، بالا-قازا قاتارلىق تۇرمۇش ۋەقەلىرى) قاتارلىق پىسخىكىلىق ئامىللار كۆپىنچە ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

4. روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىش: مەسىلەن، تەبىئىي ئاپەت، سۈنئىي بالا-قازا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كېتىش، ئىشسىز قېلىش قاتارلىقلار، روھىي جاراھەت ۋە زور تۇرمۇش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىش پىسخىكىلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، پىسخىكىلىق بېسىم ۋە روھىي جەھەتتىكى سېزىمچانلىقنىڭ كۆپىنچىسى بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بولۇشى مۇمكىن.


قانداق قىلغاندا ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1. بەزى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قاتارلىق تۇرمۇش بېسىمىغا قارىتا بىمارلار چوقۇم كۈندىلىك تۇرمۇشنى قانداق تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆزىنىڭ زېھنىنى زىيادە خوراتماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن يەنە روھىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، گەرچە خاراكتېر شەكىللەنگەن ھامان ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، لېكىن ئىشەنچ بولسىلا، ياخشى بولغان روھىي ھالەتنى تۇرمۇشقا سىڭدۈرگىلى بولىدۇ، ھەر قانداق ئىشتا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەنى ساقلىغاندا، كېسەل چىرمىۋېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

3. قانداق قىلغاندا ئەتراپتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئازراق ئىشنى دەپ يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە زىغىرلاپ كەتمەسلىك كېرەك، بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى جىددىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئائىلە مۇناسىۋىتى، خىزمەتداشلار مۇناسىۋىتى، قوشنىلار ئارا ياكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالاھىدە چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.



قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!




قولنى ئەركىن يۇمۇش شەكلىڭىز،قابىلىيىتىڭىزنى سۆزلەپ بېرىدۇ


گىرمانىيەنىڭ قولنى ئەركىن يۇمۇش شەكلىگە ئاساسەن قابىلىيەتنى بىلىش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن قولىڭىزنى ئەركىن يۇمۇپ ، ئاندىن ئۇنىڭ يۇمۇلۇش شەكلىگە قاراڭ :

A.  باش بارماق بىگىز بارماقنىڭ ئۈستىدە بولۇش
B. باش بارماق بىگىز ۋە ئوتتۇرا بارماق ئۈستىدە بولۇش
C. باش بارماق بىگىز بارماقنىڭ يان تەرىپىدە بولۇش
D. باش بارماق باشقا بارماقلارنىڭ ئاستىدا بولۇش


سالونىمىزغا 655 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.



ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章