يەل سوغۇق ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىققا قارىغاندا ھۆللۈكنى داۋالاش تەس
ياز پەسلىدە، ھاۋا ئىسسىق، يامغۇر كۆپ ياغقاچقا، بەدەندە بىر قاتار نازۇك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ: ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، تېرە مايلىشىش، دانىخورەك چىقىش.
كونىلاردا « ھۆللۈك بار يەردە، كېسەل بار يەردە، ھۆللۈك يوقايدۇ، كېسەل يوق يەردە » دېگەن گەپ بار. نەملىك نۇرغۇن بىئاراملىقنىڭ، ھەتتا كېسەللىكنىڭ مەنبەسى.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، تومۇز «ھۆللۈكنى يوقىتىش» نىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قانداق چىقىرىپ تاشلاش توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
ئەنخۇي جۇڭيى تېبابىتى داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا رېماتىزم كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جيەن؛
بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسى ئۇۋۇلاپ داۋالاش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گوشېڭ
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش دوختۇرخانىسى تال، ئاشقازان كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى دۇڭ فېڭ؛
تومۇز نەملىكنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى
ھۆللۈك ئۇ جۇڭگو تېبابىتىدىكى شامال، سوغۇق، ئىسسىق، نەملىك، قۇرغاقلىشىش ۋە ئوتتىن ئىبارەت ئالتە خىل تاشقى كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئەڭ تەس.
ھۆللۈك سىرتقى ھۆللۈك ۋە ئىچكى ھۆللۈك دەپ ئايرىلىدۇ:
سىرتقى ھۆللۈك ئاساسلىقى تېرە كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: دانىخورەك، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار، كۆپىنچە ھاۋا نەم بولۇش، سۇ كېچىپ يامغۇردا قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئىچكى ھۆللۈك كۆپىنچە تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چوڭ تەرەت يېپىشقاق بولۇش، سېمىزلىك ۋە ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىشىشى، تالنىڭ ساغلاملىقىنى يوقىتىشى، سۇ ۋە ھۆللۈكنىڭ يىغىلىشىنىڭ توختىتىشىدىن بولىدۇ.
جۇڭگو تېبابىتىدە مۇنداق بىر گەپ بار "مىڭ سوغۇقنى يوقىتىش ئاسان، بىر ھۆللۈكنى يوقىتىش تەس"
بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، يەل، سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىققا سېلىشتۇرغاندا، ھۆللۈكنى داۋالاش تېخىمۇ تەس، ئۇنىڭ يامان تەرىپى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
ئاسان سىڭىپ كېتىدۇ
نەم ھاۋا، ناچار ھاۋا بىلەن بىرلىكتە «ئىش تېرىش» نى ياخشى كۆرىدۇ. ھۆللۈك بىلەن سوغۇق بىللە بولسا، سوغۇق ھۆللۈك دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئىسسىق بىلەن بىللە بولسا، ھۆل ئىسسىق دەپ ئاتىلىدۇ؛ شامال بىلەن بىللە بولسا، رېماتىزم دەپ ئاتىلىدۇ. ئاسانلا ئىچكى ئەزالارغا تاجاۋۇز قىلىپ كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت قاتارلىق يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، زىققا، ئۆپكە تۈگۈنچىسى قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، جىگەر - بۆرەك كېسەللىكلىرى، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۆللۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يوقىتىش تەس
ھۆللۈكنى «قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ»، خاتا ئۇسۇل بىلەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىش ناھايىتى تەس. جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، ھۆللۈك يېپىشقاق بولغاچقا، ئاسانلا باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، ساقايتىش تەس بولۇپلا قالماي، تاقابىل تۇرۇشمۇ ئەڭ تەس.
ھازىر كىشىلەر يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە سېمىز، تاتلىق، قويۇق ياكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ- ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سوغۇققا ئىنتىلىپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەگەر ھۆللۈكنى چىقىرىشنىلا بىلىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە دىققەت قىلمىسا، تۈپتىن ساقايتقىلى بولمايدۇ.
تومۇز ھۆللۈكنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى
ھازىر ھەر قايسى چوڭ جۇڭيى دوختۇرخانىلىرى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلىنى يولغا قويدى. قىشلىق كېسەللەرنى يازدا داۋالاشتا، ئەمەلىيەتتە داۋالايدىغىنى ھۆللۈك.
ياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى قان ۋە قۇۋۋەت ۋە مۇزەككەر قۇۋۋىتى نىسبەتەن ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇ جۇڭگو تېبابىتىنىڭ كېسەل داۋالاش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇپ، بەدەندىكى «كۈچلۈك ئوت» ئارقىلىق ھۆللۈكنى قوغلىۋېتىشكە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتنى ھۆللۈكنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى دېيىشكە بولىدۇ.
قارىغۇلارچە ھۆللۈكنى ھەيدەش سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ
ھۆللۈكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى مۇرەككەپ، ئۆز ئالدىغا قارىغۇلارچە تەڭشەشتە ھۆللۈكنى يوقىتالمايلا قالماستىن، يەنە بەدەنگە يېڭى «ئاپەت» ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
تىل گېزى سارغىيىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چوڭ تەرەت شەكىللەنمەسلىك قاتارلىقلار بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، چۈنكى بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى «ھۆل» لا ئەمەس.
جۇڭگو تېبابىتى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەمىشە ھۆللۈكنى يوقىتىشقا بولمايدۇ. نەم ھاۋانىڭ بەدەنگە چاپلىشىۋېلىشى ھەرگىزمۇ بىرلا خىل كېسەللىك ئالامىتى ئەمەس، پۈتۈن بەدەننىڭ ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر سەۋەبى توغرا تېپىلمىسا، خاتا تەڭشەش ئۇسۇلىنى قوللانسا، ئەكسىچە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ، بەدەنگە «مىنا كۆمۈپ» قويىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، نەم ھاۋا ئوخشاش بولمىغان جايلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، مۇناسىپ ئىپادىلىرى بولىدۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك:
باش قىيىش، باش خۇددى تېڭىلغاندەك، بەدەن خۇددى باغلانغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ؛
ھۆللۈك جۇڭجياۋ (تال، ئاشقازان، جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا يىغىلىپ قالسا، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ؛
تۆۋەنكى جياۋ ( بۆرەك، چوڭ ئۈچەي، ئىنچىكە ئۈچەي، دوۋساقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا يىغىلىپ قالسا، چوڭ تەرەت يېپىشقاق بولۇش، كىچىك تەرەت دۇغلىشىش ياكى تۈگىمەسلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
ئەگەر جىڭلو توسۇلۇپ قالسا، بەل، دۈمبە، پۇت - قوللار تېلىپ چىڭقىلىش، ئاغرىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛
ئەگەر مۇزەككەر قۇۋۋەتنى زەخىملەندۈرسە، پۇت - قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، سوغۇقتىن قورقۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قانداق قىلغاندا ھۆللۈكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟
ھۆللۈكنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى چوقۇم سىرتقى ھۆللۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشى، يەنە ھۆللۈكنىڭ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. كۈندىلىك ھۆللۈكنى چىقىرىۋېتىشنى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ :
يېمەك - ئىچمەك سۇيۇق - سەلەڭ مۇۋاپىق بولۇش
كۈندىلىك تاماق ئەتكەندە، دائىم قورۇمىلارغا پىياز، زەنجىۋىل سېلىپ، باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سوغۇق خۇسۇسىيىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. تەكىيە كاۋا پوستى، پالما مەرىزى، ئاپېلسىن پوستى، چىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تالنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.
يەنە ئىسسىقنى قايتۇرىدىغان، ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان، تالنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: شاپتۇل، تاۋۇز، پىدىگەن، شوخلا قاتارلىق پەسىللىك كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يېيىش كېرەك.
بىر قېتىمدا خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، زىيادە كۆپ يەۋالماسلىق، بەك مايلىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
دائىم ھەرىكەت قىلىپ تەرلەش
ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، تىز مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاننى جانلاندۇرۇپ، سۇ مېتابولىزمىنى ئاشۇرۇپ، ھۆللۈكنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.
لېكىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر ھاۋا ئىسسىق بولسا، زىيادە ھەرىكەت قىلىش ياكى كۆپ تەرلەشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەتىگەن ۋە كەچتە سالقىن ۋاقىتنى تاللاش ھەمدە ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
نەم مۇھىتتىن يىراق تۇرۇش
باشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تولۇق سۈرتۈش، چاچ تېخى ھۆل بولغاندا بىۋاسىتە ئۇخلىماسلىق كېرەك. يامغۇردا قالغاندىن كېيىن كىيىم، ئاياغلارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
يەنە ئۆينىڭ قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك؛ ئەگەر سىرتنىڭ نەملىكى بەك ئېغىر بولسا، شالدۇرغۇچ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلارنى ئېچىپ ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن
ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولسا، بەدەندىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئۆزلۈكىدىن يېپىلىپ، تەر چىقىپ كېتەلمەيدۇ، نەم ھاۋامۇ تارقىلىپ كېتەلمەي بەدەنگە يىغىلىپ قالىدۇ. ئادەتتە ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى، نەملىك بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى نەملىكنى يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىش كېرەك.
كەچتە بالدۇرراق ئۇخلاش
جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تۈنەش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئاسانلا تال زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھۆللۈكنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن ئۇخلاپ، 6~8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
دائىم «نەملىكنى چىقىرىش» ھەرىكىتى
ئادەم بەدىنىدىكى «نەملىك چىقىرىش ئېغىزى» دىن ياخشى پايدىلىنىش:
تيەنلى سەنجياۋ (三焦) نوقتىسى
ئۆرە تۇرۇپ، ئىككى پۇتنى مۈرە كەڭلىكىدە تەكشى ئېچىپ، ئىككى بىلەكنى, ئالقاننى پۇتنىڭ يان تەرىپىگە چاپلايمىز. ئاندىن ئىككى قولنى بەدەننىڭ يان تەرىپىدىن ئاستا - ئاستا باش چوققىسىغىچە كۆتۈرۈپ، ئون بارماقنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئالقاننى يۇقىرىغا قارىتىپ، خۇددى بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاپاننى كۆتۈرىمىز.
ئىككى قول بىلەن ئالقاننى تۆۋەنگە قارىتىپ، بەدەننى بويلاپ قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمىغىچە ئاستا بېسىپ، تاپاننى ئەسلىگە قايتۇرىمىز. يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنى 10 قېتىم ئىشلەش كېرەك.
تيەنشۇ پەللىسى بىلەن داخېڭ پەللىسى 天枢穴和大横穴
كىندىكنى مەركەز قىلىپ، ئالقان تۈۋى ۋە قالغان تۆت بارماق بىلەن تيەنشۇ پەللىسى، داخېڭ پەللىسىنىڭ ئاستىدىكى ماي قەۋىتىنى سىقىپ، كۈچەپ باسقاندا، ئاغرىققا چىداپ 5 ~ 10 سېكۇنت داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
ئۈچ سېكۇنت ئارام ئالغاندىن كېيىن تەكرار چىمداش، ھەر قېتىم ئۈچ مىنۇت مەشغۇلات قىلىش، تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بىر قېتىمدىن ئىشلەش كېرەك.
يىنلىڭچۈەن ۋە چېڭشەن پەللىسى 阴陵泉和承山穴
ئىككى پەللىنىڭ ھەممىسى پاقالچاق قىسمىدا بولۇپ، ھەر قېتىمدا 3~5 مىنۇت بېسىپ بېرىشنى، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئىشلەش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55