ئىشىنەمسىز؟ ئۇخلاش ئارقىلىق ماينى يوقاتقىلى بولىدۇ
1. ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، بۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
لېكىن، يېتىپ ئۇخلاش ئارقىلىق مىدىرلىمايمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، بۇ راستمۇ؟!!!!!!!...
بۇ ھەقىقەتەن راست.
چۈنكى ئۇخلىغان ھالەتتە، ھەرقانداق ئادەم بىر نەرسە يېمەيدۇ ......
2. ئۈچ ئايغا سوزۇلغان بىر تۈرلۈك ستاتىستىكىلىق تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلايدىغان ئادەمنى ھەر كۈنى 6 سائەت ئۇخلايدىغان ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر ئىككىسى ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، 5 كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.
ئەمما، بۇ 5 كىلوگىرام بىلەن 5 كىلوگىرام ئوخشاش ئەمەس. ئوخشاش مىقداردىكى ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بىرەيلەن 6 سائەت يەنە بىرەيلەن 8 سائەت ئۇخلاپ ئوخشاش 5 كىلو ئورۇقلىغان گەپ.
ياغنىلا مىسالغا ئالساق، ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلايدىغانلار 41% ياغنى ئارتۇق ئازايتالايدىكەن.
3. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېتەرلىك ئۇخلىسىڭىز، ئورۇقلاش جەريانىدا مۇسكۇللىرىڭىز يوقىلىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي خورايدۇ.
بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى قەيەردە؟
بەلگىلىك مۇسكۇل گۆش مىقدارىنى ساقلاپ قالغاندا، بەدەننى تېخىمۇ چىڭ، تېخىمۇ ئېلاستىك قىلغىلى بولىدۇ، قانچە ئورۇق بولغانسېرى شۇنچە ئاجىزلاپ كەتمەيسىز.
يېتەرلىك مۇسكۇل يەنە ماي كۆيدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
4. يېتەرلىك ئۇخلىغاندا، ئاساسىي ماددا ئالمىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرنى ھەر كۈنى 6 سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۈندۈزى جىمجىت ھالەتتە تۇرغاندا، %10 ئەتراپىدىكى ئىسسىقلىقنى كۆپ سەرپ قىلىپ، سىزنى تېخىمۇ تېز ئورۇقلىتىدۇ.
5. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، بەدەن تېخىمۇ كۆپ ئېچىرقاش ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قورسىقىڭىز تېخىمۇ تېز ئاچىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يەيسىز، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ ياغقا ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
بۇلا ئەمەس، بەدەندىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاچلىق ھورمۇنى يەنە چوڭ مېڭىڭىزگە ئۇچۇر يوللاپ، سىزنى ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
6. قەنت تەركىبى ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەك ـ ئىچمەكلەر، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇيقۇ رېتىمىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇقىرى شېكەر، يۇقىرى ماي ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمنى ئۇخلاتماي، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەڭپۇڭ، ساغلام بولغان يېمەك ـ ئىچمەك ئورۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇغىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ. كۈندۈزى كۆپرەك ھەرىكەت قىلسا، كەچتە تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
7. مەشغۇلات ۋاقتىنى ياخشى تەڭشەپ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى 7 ـ 8 سائەت ئۇخلاش ۋاقتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس، بەك قىسقىمۇ ئەمەس.
8. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئورۇقلاش قىيىن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئورۇقلايدىغانلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى سۇ، مۇسكۇل بولۇپ، تەخمىنەن %20 ى ھەقىقىي تۈردە ئازايتىشقا تېگىشلىك ياغ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاسانلا قاڭقىش، يەنى قايتا سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. شۇڭا، ئورۇقلاشتا ھەرىكەتنى ياخشى قىلىپلا قالماي، ياخشى نەرسىلەرنى يېيىشتىن باشقا، يەنە ياخشى ئۇخلاش كېرەك.
بۈگۈندىن باشلاپ، ياخشى ئۇخلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇقلاشتىن بەھرىمەن بولايلى!!!
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
ئامىرىكا پىسخىك سىنىقى : نامسىز بارماق ئۇزۇنلىقى خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئوڭ قولىڭىزنى تۆۋەندىكى رەسىمدەك چىقىرىپ قاراپ بېقىڭ نامسىز بارمىقىڭىز ئاستىدىكى رەسىمدىن قايسىسىغا چۈشىدىكەن ؟
ناسىز بارماقنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقى ئارقىلىق خاراكتېرىڭىزنى چۈشىنىپ بېقىڭ :
A. نامسىز بارماق كۆرسەتكۈچ بارماقتىن ئۇزۇن ؛
B. نامسىز بارماق كۆرسەتكۈچ بارماقتىن قىسقا ؛
C. نامسىز بارماق كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن تەڭ ؛
ئەلداۋا سالونىغا 656 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋابىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55