تەتقىقات| ئۇيقۇ چوڭ مېڭىدىكى «زەھەر»نى تازىلايدۇ
ھەرىكەت ياخشى دوختۇر بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. لېكىن «سۆگەت يوپۇرمىقى پىچىقى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە: ئەگەر ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى 6 سائەتتىن ئاز بولسا، ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان ئادەم بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ھەرىكەتنىڭ پايدىسى يوق
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان لوندون داشۆسى تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى «سۆگەت يوپۇرمىقى پىچىقى. ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ بىر تۈرلۈك ئەنگىلىيە كىشىلەر توپىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن ئەترەت تەتقىقاتى بولۇپ، ئەنگىلىيە قېرىلىشىش تىك يۆنىلىشلىك تەتقىقات سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى 8958 ئادەم (50 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا كىرگۈزۈلگەن.
قاتناشقۇچىلارنىڭ خىزمەت كۈنىدە ھەر كۈنى كەچتىكى ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتىغا ئاساسەن، ئەنگلىيە لوندون داشۆسىدىكى ئالىملار ئۇنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلگەن: قىسقا ئۇيقۇ گۇرۇپپىسى (6 سائەتتىن ئاز)، ئەڭ ياخشى ئۇيقۇ گۇرۇپپىسى (6~8 سائەت) ۋە ئۇزۇن ئۇيقۇ گۇرۇپپىسى (8 سائەتتىن ئارتۇق).
10 يىل ۋاقىت ئىچىدە، تەتقىقاتچىلار ئەستە ساقلاش ۋە تىل راۋانلىقىنى سىناش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى باھالىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بەدەن ھەرىكىتى بىر قەدەر كۆپ، ئەمما ئۇخلاش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا (6 سائەتتىن ئاز) كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي بىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەيدىكەن؛
ھەر كۈنى كەچتە 6~8 سائەت (ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى) ئۇخلايدىغانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى يۇقىرى بىلىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
بىراق، 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيقۇسى بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ، ھەرىكەت يەنىلا چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىقكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېخىمۇ يۇقىرى چاستوتىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىش پايدىسى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، تېخىمۇ تېز بولغان بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ياخشىلىيالمايدىكەن.
ئۇيقۇ چوڭ مېڭىدىكى «زەھەر»نى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ
تەتقىقات ئاپتورى، لوندون داشۆسى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاش تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى Andrew Steptoe مۇنداق دېدى: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرىكەتنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى، لېكىن، يەنە ئۇخلاش ئادىتىنى ئويلىشىپ، بىلىش ساغلاملىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىسىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈش كېرەك».
بېيجىڭ داشۆسى شۇگاڭ دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى گاۋ ۋېي «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ تەتقىقاتتا ئۇيقۇ ۋە ھەرىكەتنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا بولغان مۇھىملىقى تەكىتلەندى، بولۇپمۇ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە مېڭە ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ».
ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھاسىل بولۇش ۋە قايتا قۇرۇشقا باشلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيقۇ يەنە چوڭ مېڭىدىكى «توكسىن» نى تازىلاشقا ياردەم بېرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇشۇنداق جەريان ئارقىلىق چوڭ مېڭىمىز قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايدۇ.
ئەگەر ئاندا ـ ساندا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، مۇۋاپىق تولۇقلاپ بەرسە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما، ئۇزاق مۇددەت يېتەرلىك ئۇخلىيالمىغاندا، مەيلى ھەرىكەت ياكى مېدىتسىنادا بولسۇن، چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
گاۋ ۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ھەر كۈنى ئامال بار 6 - 8 سائەت ئۇخلىشى كېرەك، «ياخشى ئۇخلاپ + ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ».
«سۆگەت يوپۇرمىقى پىچىقى» ژۇرنىلىدا قېرىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 12 خىل خەتەرلىك ئامىل كۆرسىتىلگەن:
تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش؛ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، مېڭە تاشقى زەخىملىنىش، يۇقىرى قان بېسىم، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، سېمىزلىك كېسىلى؛ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاماكا چېكىش، خامۇشلۇق، ئىجتىمائىي ئالاقە كەمچىل بولۇش، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش، دىئابېت كېسىلى، تۇرمۇش مۇھىتى ناچار.
بۇنىڭ ئىچىدە تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، ئوتتۇرا ياشلىق گاس بولۇپ قېلىش ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاماكا چېكىشنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، ئوتتۇرا ياشتا گاس بولۇپ قېلىش ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاماكا چېكىشنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان.
كىلىنىكىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى قېرىلىقنى ۋاقتىدا بايقاشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلىش تۆۋەنلەپ كېتىش (SCD) نىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگەندە، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
SCD 7 كلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى
1. ئۆزلۈك تۇيغۇسى خاتىرىسى تۆۋەنلەش.
2. بۇ خىل تۇيغۇ يېقىن بەش يىل ئىچىدە پەيدا بولىدۇ.
3. بۇ خىل تۇيغۇ 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى پەيدا بولىدۇ.
4. بۇ خىل تۇيغۇ بەك ئەنسىرەيمەن، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن قورقىمەن.
5. بۇ خىل تۇيغۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
6. بۇ خىل تۇيغۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق ئىشكالىنى تەكشۈرۈش پۈتۈنلەي نورمال بولسىمۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئىشكالىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىگەن - تۆۋەنلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.
7. ئەھۋالنى بىلگۈچى مەسىلەن: ئۇزاق مۇددەت بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تۇغقانلىرى ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىمارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ياكى يېنىك دەرىجىدىكى روھىي ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.
ياخشى ئۇخلاشتىن باشقا، يەنە قانداق قىلغاندا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟
بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ياشانغانلار تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كاڭ لىن زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر يېقىندا چوڭ مېڭە مەشىقى ئېلىپ بارمىغان، ئۇنتۇغاق بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن بولسا، «ئەستا ساقلاش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى» ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يوتا مۇسكۇلىنى سوزۇش
مۇقىم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىكى پۇتنى ئالدىغا سوزغاندا چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، دۈمبىنى ئىگىۋالماسلىق، ئاغرىق سېزىمى بولمىغان ھالدا ئاستا سوزۇش. ئوڭ - سول يوتىنى 60 سېكۇنت سوزسا بولىدۇ.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇش
توڭلاتقۇدا نېمە بارلىقىنى ئەسلەش ۋە ئېيتىپ بېرىش؛ سىرتتا سەيلە قىلغاندا نېمىنى كۆردىڭىز؛ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە نامى؛ تۈنۈگۈن كەچلىك تاماقتا نېمە يېدىڭىز ياكى يېقىنقى خەۋەر، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا قاتارلىقلار.
دىققىتىنى چېنىقتۇرۇش
ھەرىكەت قىلغاندا، بىر تەرەپتىن ئۆيگە كۆز يۈگۈرتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن: قانچە يۇمىلاق جىسىم بار؛ قانچە تال قىزىل رەڭلىك جىسىم بار؛ قانچە تال يېشىل رەڭلىك جىسىم بار؛ ئەڭ ئېغىر جىسىم نېمە؟ ئەڭ كونا نەرسە نېمە؟ تازىلاشقا تېگىشلىك نېمىلەر بار؟ دەپ سوراپ جاۋاب بېرىش.
ئولتۇرغاندا ياكى سەيلە قىلغاندا ماس كېلىدىغان مەشىق
بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن، سەيلە قىلغاندا ياكى ئولتۇرغاندا، 1 دىن بئاشلاپ يۇقىرى ئاۋازدا 30 غىچە ساناپ، ساناق رېتىمىغا ئاساسەن ئىككى پۇتنى ئالماشتۇرۇپ قەدەم ئېلىش، 3 نىڭ ھەسسىلىك سانى ( 3،6،9 ...) ياكى 4-5 نىڭ ھەسسىلىك سانىنى ساناش.
ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە پائالىيەت قىلغاندا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئاكتىپلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قىيىنچىلىقنى يەڭگەندە ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشمۇ چوڭ مېڭە پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55
چھۋ؟"