سىزنىڭ قولىڭىزمۇ مۇشۇنداقمۇ ئۇنداقتا بۆرەكتە
بۆرەك ئاجىز بولسا، ئادەتتە بەل-پاچاقلار ھالسىزلىنىدىغان، ئوڭاي تېلىپ ئاغرىيدىغان ئەھۋال بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇ خىل ھالسىزلىنىش ۋە تېلىپ ئاغرىشنىڭ ھېرىپ - چارچاشتىن ياكى بۆرەكنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پەيدا بولغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولماي قالىدۇ. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە تورداشلارغا بۆرەك ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالىقانغا يوشۇرۇنغان بەلگىسىنى دەپ بېرىدۇ. بۆرىكىدىن دەرگۇمان تورداشلار ئالىقىنىغا قاراپ باقسا ئىش ئايدىڭ بولغۇسى.
1. ئالقان قىزىرىۋالغان بولسا
ئالىقان روشەن قىزىرىۋالغان ياكى قىزىل-ئاق رەڭ ئارىلىشىپ، تىك سىزىق سىزىقچىلار بولسا، بۇ بەلكىم جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇلارغا قوشۇلۇپ قاپاقلىرى، يۈزى ياكى پۈتۈن بەدىنى ئىششىپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.
2. ئالقان تەكشى بولمىسا
ئالىقان تېرىسى ئېگىز-پەس، تەكشى ئەمەس بولسا، بۆرەك مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىقانلىقىدىن بېشارەت.
3. ئالقان تەرلىسە
تېبابەتچىلىكتە، بۆرەك ئاجىزلاشسا، ئوغرى تەر چىقىدۇ، ئالىقان ئوڭاي تەرلەپ شىلىمشىق بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئالقىنى دائىم تەرلەيدىغانلار بۆرەك ئاجىزلىشىشتىن ئېھتىيات قىلغىنى تۈزۈك.
4. چىمچىلاق بارماقنىڭ سىرتقى تەرىپىدە كۆك تومۇر كۆرۈنسە
چىمچىلاق بارماقنىڭ سىرتقى تەرىپىدە كۆك تومۇرنى غۇۋا كۆرگىلى بولسا، بۇمۇ بۆرەككە قۇۋۋەت يېتىشمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بەل-پاچاقلار ھالسىزلىنىش قوشۇلۇپ كەلسە، بۆرەك ئاجىزلىشىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كەسپىي تېببىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ياكى مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
5. تىرناق سۇس سۆسۈن رەڭدە بولسا
نورمال تىرناق قىزغۇچ رەڭدە بولىدۇ. بۆرەك ئاجىزلاشقا ياكى زەئىپلەشكەن ئەھۋالدا تىرناققا ئوخشاش ئاخىرقى ئۇچلارغا قان يېتىشمەي، تىرناق رەڭگى قارىدىۋالىدىغان، سۇس سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، تىرناق رەڭگىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر.
بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە ئۇنى يېمەك ئىچمەك بىلەن داۋالاش
بۆرەك ئاجىزلىقى-خىلىتسىز كەيپىياتلارنىڭ ياكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا ياخشى داۋالاتماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا كۆپ سىيىش، كېچىلىك سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چىرايى تاتىرىش، ئورۇقلاش، ھەزىم ناچارلىشىش، تېرە ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەش، تېرە قۇرغاقلىشىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. تۆۋەندە، ئەلداۋا كۆپچىلىك بىلەن بۆرەك ئاجىزلىقىنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش بىلەن ئورتاقلاشماقچى
1) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پىرىنسىپى:
ئۆزى كۈچلۈك، تۇزسىز، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى تۆۋەن بولغان لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. مۇۋاپىق مىقداردا ئالىي سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھايۋانات مايلىرى ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D لار مول بولغان، سۈيدۈك ھەيدەش، بۆرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ، بۇغداي، نوقۇت، يېشىل پۇرچاق، ماش، پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى، غاز گۆشى، ئۆردەك گۆشى، بېلىق گۆشى، راك، كۆك كاۋا، چامغۇر، سەۋزە، پىدىگەن، غولپىياز، مور، ئالىقات، ئۈزۈم، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.
2) يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى:
كالا گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش، تۇخۇم پوشكىلى، چىلىغان سەي، گۆشگىردە، سامساق، پېتىر مانتا قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، تۇزلۇق ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟
سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...
سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55