بۇرۇن ياللۇغىنى ئۇۋۇلاپ داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
ئۆز ـ ئۆزىنى ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ئېلىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ تارقالغان بىر خىل توغرا ئۇسۇللۇق ، يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ياخشى ئۇسۇل.
ئۆزىنىڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاش
پەللىلەرنى غىدىقلاپ، قان ۋە يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئورگانىزمنى تەڭشەش، ئاغرىق ۋە بىئاراملىقنى پەسەيتىش، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇ ئاددىي، ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، ئالاھىدە ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنىلەر ھاجەتسىز، مەيدان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
ئارام ئالغاندا، ئۆزىنى ئۆزى ئۇۋۇلاپ قويسا ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇۋۇلاپ قويسا، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىدە، بۇرۇن قان تومۇرلار كۆپ يىغىلىدىغان جاي بولۇپ، بىۋاسىتە بۇرۇن ياكى بۇرۇن يېنىدىن ماڭىدىغان 12 تومۇر بار، شۇڭا ئۆزىنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۆزگىچە ئۈنۈمى بار، دەپ قارىلىدۇ.
ئۆز ـ ئۆزىنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىدا دائىم ئۆزى مەشغۇلات قىلالايدىغان ئاددىي ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى تاللاپ قوللانسا بولىدۇ، دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن:
1. بارماق بىلەن بېسىش ئۇسۇلى
باش بارماق ياكى باشقا تۆت بارماق بىلەب بەدەن سىرتىدىكى داۋالاش ئورنىنى كۈچەپ، تىك يۆنىلىشتە بېسىش ئۇسۇلى
2. ئوۋۇلىغۇچى ئالقان بوغۇمىنى تەبىئىي تۈز سوزۇپ، بېغىشنى سەل ئېگىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماق، نامسىز بارماقنى جۈپلەپ بەدەن سىرتىدىكى داۋالاش ئورنىغا چاپلاپ، بېغىش بوغۇمى بىلەن بىللە ئايلانما ھەرىكەتتە ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش، چاستوتىسى مىنۇتىغا 120 قېتىم
3. ئۇۋۇلىغۇچى كۆرسەتكۈچ بارماقنى ئوتتۇرا بارماققا چاپلاپ، ئوتتۇرا بارماق بىلەن قورساقتىكى پەللىنى ئۇۋۇلاش
4. باش بارماق ۋە باشقا بارماقلار بىلەن نىسبەتەن كۈچەپ، داۋالاش ئورنىنى چىڭ تۇتۇش ھەمدە ئاستا ـ ئاستا كۈچەپ سىقىش، داۋالاش ئورنىدىكى تېرىنى كۆتۈرۈپ، ئۇدا ئۇۋىلاش ياكى ئۇۋىلاش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك
5. باش بارماق ياكى تۆت بارماق بىلەن قورساقنىڭ سىرتىنى ئاستى ئۈستىگە يۆتكەپ ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ
6. باش بارماق بىلەن داۋالاش ئورنى ياكى پەللىگە كۈچەپ، يەككە يۆنىلىشلىك تۈز سىزىق بويىچە بېسىپ سۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ
7. باش بارماق بىلەن قورساقتىكى داۋالاش ئورنىغا كۈچەپ، بېغىشنىڭ ئۇياق ـ بۇياققا تەۋرىنىشىدىن پايدىلىنىپ، جىڭلو قىسمىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
مىنۇتىغا 120 قېتىم ئەتراپىدا
2- ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش
1. ئالقاننى ئۇۋۇلاپ بۇرۇننى ئىسسىتىش: تېز سۈرەتتە ئىككى قول گۆشىنى ئۆز ئارا سۈركەپ ئىسسىتىپ بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ، بۇرۇننى ئىسسىتىشنى، بەش قېتىم تەكرارلاش.
2. ئىككى بارماقنى بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن قۇياشقا پەللىسىگە 太阳قارىتىپ 20 قېتىم سۈرتۈش
3.كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن 迎香 نى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش
4.كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن 曲差ئۇۋلاش، بىر مىنۇت پەرقلەندۈرۈش
5. بىر بارماق بىلەن سىيرىش، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بۇرۇننىڭ يىلتىز تەرىپىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ سېرىش، 10~15 قېتىم
6. كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن风池 بىر مىنۇت بېسىڭ
7. باش بارماق بىلەن چوڭ ئومۇرتقىنى بىر مىنۇت بېسىڭ
8. بەش بارماق بىلەن پاتاڭنى سىقىش
9. كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۆپكە پەللىسىنى 肺俞 بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش
10. ئىككى قولى بىلەن دۈمبىسىنىڭ بەل قىسمىنى سۈرتۈپ ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش
11. بىر بارماق بىلەن合谷 نى بېسىپ ئىتتىرىپ بېسىش، بىر مىنۇت
3- ئۆتكۈر بۇرۇن ياللۇغى
( 1 ) كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن 上星 نى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش
( 2 ) كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن 印堂نى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش
( 3 ) ئوتتۇرا بارماقنى يىغىپ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن 大杼 نى 2 مىنۇت بېسىش
( 4 ) باش بارماق گۆشى بىلەن كۆكرەكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى توغرىسىغا سۈرتۈپ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بۇرنىڭىز سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ
ئەينەك ئالدىغا كېلىپ يارىشىملىق بۇرنىڭىزغا تەپسىلىي قاراڭ ، بۇرنىڭىز تۆۋەندىكى بۇرۇن شەكلىدىن قايسىغا ئوخشايدىكەن ياكى يېقىن كېلىدىكەن . بۇ ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز !
سالونىمىزغا 131 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55