قان بېسىمنى ئاجايىپ تۆۋەنلىتىدىغان تەبىئىي دورا ئۆيىڭىزدىلا!

文摘   2024-11-07 18:31   新疆  


قان بېسىمنى ئاجايىپ تۆۋەنلىتىدىغان تەبىئىي دورا ئۆيىڭىزدىلا!


ئالىمنىڭ دادىسى ھاراق ئىچىشكە بەك ئامراق بولغاچقا، خاسىڭنى زاكۇسكا ئورنىدا يېيىشكە ئامراق. ھەممىمىزگە مەلۇم ، خاسىڭنىڭ ھاراق يېشىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى زاكۇسكا قىلىپ ھاراق ئىچىدۇ.

بىر قېتىم، ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئالىمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندە ئاشقازان يارىسى ئىكەنلىكى بايقالغان.
دوختۇر ئۇنىڭغا ھاراقنى ئاز ئىچىش، بولۇپمۇ خاسىڭنى زاكۇسكا قىلماسلىققا نەسىھەت قىلغان. بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك بىرلەشسە ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

يەر ياڭىقى يەنى خۇاسېڭنىڭ ئىستېمال قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر ياڭىقى يېيىشنىڭ نۇرغۇن پايدىسى بار، ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشتىھانى كونترول قىلىش، سۈت بىلەن قاننى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

1. يەر ياڭىقى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
يەر ياڭىقى ئاقسىلى تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئون نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى氨基酸 بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، لىسىن كىسلاتاسى 赖氨酸بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، گلۇتامىن كىسلاتاسى 谷氨酸ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.


2. يەر ياڭىقىنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
يەر ياڭىقى يەنە «ئۆستۈرۈش مېۋىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەر ياڭىقى تەركىبىدىكى چاي ماددىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى ناھايىتى ياخشى، لىسىن كىسلاتاسىمۇ بەدەننىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا، يەر ياڭىقىنى دائىم يەپ بەرسە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

3. يەر ياڭىقى ئىشتىھانى كونترول قىلىدۇ.
يەر ياڭىقى ئادەمگە تويۇش سېزىمى بېرىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان نۇرغۇن ماددىلار بار، ئازراق يېسە تويۇش تۇيغۇسى بولىدۇ، ئەگەر ئىشتىھانى كونترول قىلىپ، كۆپ يەۋالماي دېسە، ناشتىدا يەر ياڭىقى يېسە بولىدۇ.

4. يەر ياڭىقى سۈتنى، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ.
يەر ياڭىقى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ياغ قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، ئەگەر ئاياللاردا تۇغۇتتىن كېيىن سۈت يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، يەر ياڭىقىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.

5. يەر ياڭىقى قاندىكى ماينى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
خاسىڭنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى يامان ئەمەس، لېكىن كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، خاسىڭ پوستىنىڭ ئۈنۈمىمۇ قىلچە بوش كەلمەيدۇ.
يەر ياڭىقى پوستىنىڭ قاندىكى ماينى ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنىڭدىن باشقا، خاسىڭ شاكىلىدىن ئايرىۋېلىنغان ماددىلار يەنە ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، باكتېرىيەنى تىزگىنلەپ بەلغەمنى يوقىتىش قاتارلىق پايدىلىق تەرەپلەرگە ئىگە بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى پەسەيتىشتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

6. يەر ياڭىقى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خاسىڭ يېغى تەركىبىدە لىنون كىسلاتاسى تەركىبى بار بولۇپ، لىنون كىسلاتاسى تەركىبى خولېستېرىننى ئۆت كىسلاتاسىغا پارچىلاپ، شۇ ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، خولېستېرىننىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىپ، خولېستېرىننىڭ بەدەندە چۆكۈشىدىن ساقلىنىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
يەر ياڭىقى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ ماس كېلىشى ناتايىن، بۇ 3 خىل ئادەم يەر ياڭىقىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك:
1. ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋەتكەنلەر.
ئۆت سۇيۇقلۇقى ماينىڭ ھەزىم قىلىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئادەم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆت خالتىسى تارىيىدۇ، يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆت خالتىسىنى غىدىقلىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلىغىلى بولمىغاچقا، يەر ياڭىقى قاتارلىق ياغنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.

2. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى بار.
يەر ياڭىقى ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك بولغاچقا، كۆپ يېگەندە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شۇڭا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە يەر ياڭىقىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلىنىشى كېرەك.

3. ئاشقازان يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بارلار
بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاستا خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتە ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك. يەر ياڭىقى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئاقسىل ۋە ياغ مىقدارى يۇقىرى، ھەزىم قىلىنىشى ناھايىتى تەس، شۇڭا بۇ خىل بىمارلار يېمەسلىكى كېرەك.

ئۇنداقتا، يەر ياڭىقى يېيىشكە بولمايدىغان ھاراقكەش دوستلار قايسى زاكۇسكا ۋە قورۇمىلارنى يېسە بولىدۇ؟
1. بەدىيان پۇرچىقى茴香豆
بەدىيان پۇرچىقى كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىك بولۇپ، تەمى مەززىلىك، يېيىشلىك ھەم چۈرۈك بولۇپ، ناھايىتى ياخشى زاكۇسكا، خاسىڭنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

2. تەرخەمەك سوغۇق سەي
ھاۋا ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك مايلىق نەرسىلەرنى يىگەندە، بىر تەخسە سوغۇق تەرخەمەك يېسە، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ . تەرخەمەك ناھايىتى تەملىك زاكۇسكا، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىسسىقنىڭ تەسىرىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز، ئەمما تەرخەمەكنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يەر ياڭىقىنىڭ ئىستېمال قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۇنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان قاتتىق پوستلۇق مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىك دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ. لېكىن بەزى ئالاھىدە كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خاسىڭنى كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.





ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章