يانغا، ئارقىغا، ئالدىغا يىقىلىشنىڭ قايسىنىڭ زىيىنى چوڭ؟
سىزنىڭ يېنىڭىزدا مۇنداق مىساللار بارمۇ؟ بەزى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن، يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېتىپ قالىدۇ ...
«جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» غا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈەن لۇڭپىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى - ئۈچ ئاي ئىلگىرى بىر قېتىم يىقىلىپ چۈشكەن.
يېقىندا، 68 ياشلىق ئارتىس جۇ رۈنفا يۈگۈرگەندە يانچە يىقىلىپ چۈشۈپ، ئالقىنى ۋە قوۋۇرغىسى يارىلانغان، يۆتەلسىمۇ ياكى كۈچەپ نەپەس ئالسىمۇ قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلىدىكەن.
يىقىلىپ چۈشكەندە، بەدەن بىر تەرەپكە، ئالدىغا ياكى كەينىگە يىقىلسا، قايسىسىنىڭ زىيىنى چوڭ بولىدۇ؟ ئوخشاش بولمىغان قىياپەتتە، زەخىملىنىشنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؟
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، يىقىلىپ چۈشۈش زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى:
جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ شىياڭ؛
جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى جۇڭگو تېبابىتى ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى خەيسۇڭ؛
ئوخشاش بولمىغان يىقىلىپ چۈشۈش ھالىتىنىڭ قايسىسىنىڭ زىيىنى چوڭ؟
يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 300 مىڭ ئادەم يىقىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئىكەن.
ئېلىمىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 65 ياشلىق كىشىلەر توپىنىڭ تاسادىپىي يىقىلىپ چۈشۈشتىن يارىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەن.
يىقىلىپ چۈشۈپ يانپاش سۆڭىكى سۇنۇش، مېڭە زەخىملىنىش، قول بېغىشى چىقىپ كېتىش، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەھدىتى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئالدىنقى ئىككى خىلى. بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى گاۋ شياۋيەن مۇنداق دېدى: مەيلى قايسى خىل يىقىلىش ھالىتىدە بولسۇن، ئامال بار يانپاش سۆڭىكى سۇنۇش ۋە مېڭە زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
يانچە يىقىلىپ چۈشكەندە، يانپاش بوغۇمى ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ. ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانپاش سۆڭىكى سۇنۇش «كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆڭەك سۇنۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئورۇن تۇتۇپ يېتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغى، كۆرپە يارىسى، ئۆپكە كەپلەشمىسى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مېيىپ بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
كەينىگە يىقىلىپ چۈشكەندە، ئاسانلا مېڭە تاشقى زەخمىسى، باش سۆڭىكى قاناش ۋە يانپاش سۆڭىكى سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىي بىخەتەرلىككە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئالدىغا يىقىلغاندا، ئادەتتە قول بېغىشى سۇنۇش، تىز بوغۇمى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئورۇن تۇتۇپ يېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كەينىگە يىقىلىش بىلەن يانچە يىقىلىش ئېلىپ كېلىدىغان خەتەر بىر - بىرىدىن قېلىشمايدۇ، نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىغا يىقىلىشنىڭ زىيىنى كىچىكرەك بولىدۇ.
يىقىلىپ چۈشكەندە، بىرىنچى ئىنكاسنى قانداق توغۇرلاش كېرەك؟
ئەركىن مۇشتلىشىش، يەككە تاختىدا قار تېيىلىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە «بىخەتەر يىقىلىش» چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك باشلانغۇچ ساۋات دەرسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل ئامېرىكا پېنسىيەگە چىققانلار جەمئىيىتى ھوللىۋودنىڭ ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسى 61 ياشلىق ستېۋارت ۋىلسوننى كۆپچىلىككە قانداق قىلغاندا يىقىلىپ چۈشكەندە بىخەتەر ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى.
يانچە يىقىلىپ چۈشكەندە يوتا ۋە بىلەك بەدەننى تىرىۋېلىش
يانچە يىقىلىپ چۈشۈش داس سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب. 65 ياشتىن ئاشقان يانپاش سۆڭىكى سۇنغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
توغرا ئۈلگە كۆرسىتىش:
يانچە يىقىلماقچى بولغان پەيتتە تىزنى ئېگىپ، ئېڭەكنى يىغىپ، بىلەكنى كۆكرەككە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئامال بار يوتىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە يىقىلىش، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمىدا يەرگە يانچە تىرەش، ئەھۋالغا قاراپ گەۋدە ۋە ئۈستۈنكى دۈمبە قىسمىنى ئىشلىتىش لازىم.
جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ شىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە، يوتا ۋە بىلەك بەدەننى كۆتۈرۈپ، يانپاشنى ئۈچ بۇلۇڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، يانپاشنىڭ «مەجبۇرىي چۈشۈش» خەتىرىنى ئازايتىدۇ. ئەگەر بىلەكنى پەسكە چۈشۈرسەك، مۈرە، جەينەك ۋە بېغىشنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
ئارقىغا يىقىلغاندا ساغرا بىلەن دۈمبە ئالدى بىلەن يەرگە تەگسۇن
يىقىلىپ چۈشمەكچى بولغاندا، دەرھال ئېڭەكنى مەيدىسىگە قويۇپ، بەدەننى، بولۇپمۇ ساغرىسىنى يەرگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىش. يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن تىزنى ئېگىپ، يېرىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشقا ئوخشاش ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش.
بۇنداق بولغاندا ساغرا قىسمى ئاۋۋال يەرگە تېگىپ، ئاندىن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى ئايلىنىپ، دۈمبىنىڭ يان تەرىپى ۋە مۈرە قىسمىغا ئۆرۈلۈپ، بىلەكنى بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىگە ياكى كۆكرەك قىسمىغا قويۇپ، زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش، بۇ بىر يۈرۈش ھەرىكەتنى ئىشلىگەندە باشنى كۆتۈرمەڭ ياكى بويۇننى سوزماڭ، بولمىسا باش ئاۋۋال يەرگە تېگىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىلەكنى كەينىگە سوزۇپ يەرنى تىرەپ تۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا قول بېغىشى سۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن.
ئالدىغا يىقىلىشتا يوتىنىڭ سىرتقى تەرىپى ئاۋۋال يەرگە تەگسۇن
بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلغاندا، بەدەن تەبىئىي ھالدا ئالدىغا ئېگىلىدۇ، ئادەم رېفلېكسلىق ھالدا ئىككى بىلىكىنى تۈزلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا يىقىلغاندىن كېيىن قول بىۋاسىتە يەرگە تېگىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىلەك، جەينەك سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن.
يىقىلىپ چۈشكەن شۇ دەقىقىدە تىزنى ئېگىپ، بەدەننى بىر تەرەپگە قىيسايتىپ، ئېڭەكنى كۆكرەك قىسمىغا چىڭ چاپلايمىز، بۇنداق بولغاندا باشنىڭ ئاۋۋال يەرگە تېگىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئامال بار يوتىنىڭ سىرتىنى ئالدى بىلەن يەرگە تەگكۈزۈپ، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى ئاستا-ئاستا يەرگە تەگكۈزۈش كېرەك. يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن، ئامال بار بىلىكىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى قۇچاقلاپ، بەدىنىنى تۈگۈۋېلىش كېرەك.
ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە، ئادەم ئالدىغا ئېڭىشىش جەريانىدا يانغا ئېڭىشىپ يەرگە قونىدۇ ھەمدە «بەدەننى قۇچاقلاش» ھالىتىنى قوللىنىپ، باش ۋە تىز بوغۇمىنىڭ زەخىملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
قىسقىسى، ئىككى «ئامال» نى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك:
1. ئامال بار «قاتتىق چۈشۈش» تىن ساقلىنىپ، بەدەننى قوغداش؛
2. يانپاش ۋە باشنىڭ ئالدىنى يەر بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلاشقە تىرىشىش، بۇ ئىككىسى زەخىملەنسە، ئۇزۇن ۋاقىت كارىۋاتتا يېتىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.
يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 4 تۇتقا
ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشۈشكە بەرداشلىق بېرەلمىسە، سۆڭەك سۇنۇپ، بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ھەتتا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، يىقىلىپ چۈشۈش خەۋپىنى ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
1. مۇسكۇل كۈچى ۋە تەڭپۇڭلۇق ئاشۇرۇش
ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچ پارچە مۇسكۇل «پۇتنى تىرەش» رولىنى ئوينايدۇ، يىقىلىپ چۈشسىمۇ، يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى بولىدۇ، ھالقىلىق پەيتتە ئەسقاتىدۇ.
بۇ 3 پارچە مۇسكۇل: ساغرا چوڭ مۇسكۇلى (ساغرا)، يوتا تۆت باشلىق مۇسكۇلى (يوتىنىڭ ئالدى تەرىپى)، پاقالچاق ئۈچ باشلىق مۇسكۇلى (پاقالچاقنىڭ ئارقا تەرىپى) دىن ئىبارەت.
كۆپ ھاللاردا ئىقتىدار دائىرىسى ئىچىدە تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، يەنە تامغا يۆلىنىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، تاپاننى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
2. ئۆي جاھازلىرىنى ئۆزگەرتىش
ئۆي ياشانغانلار ئەڭ كۆپ يىقىلىدىغان جاي، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارغاندا يىقىلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئۆيگە تۇتقۇچ ۋە رېشاتكا ئورنىتىش، بولۇپمۇ مۇنچا ۋە ئىشىك ئالدىدىكى ئاياغ ئالماشتۇرۇش ئورنىغا؛
بوسۇغا بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئېگىزلىك پەرقىنى تۈگىتىش؛
ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيىنىڭ يەر يۈزىنى تېيىلىشتىن ساقلىنىش ماتېرىيالى بىلەن ئالماشتۇرۇش؛
بىخەتەر، مۇقىم بولغان يۇيۇنۇش ئورۇندۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش ھەمدە ئولتۇرۇش ھالىتىدە يۇيۇنۇش؛
ياتاق ئۆيدىن تازىلىق ئۆيىگە تۇتىشىدىغان يولغا ئىندۇكسىيە چىرىغى قوشۇش؛
كارىۋات ئېگىزلىكى مۇۋاپىق بولۇشى ھەمدە كارىۋات يېنىغا ئاسان تۇتقىلى بولىدىغان ئۈستەل چىرىغى ئورنىتىش؛
ئۆي ئىچىدىكى بارلىق كىچىك گىلەملەرنى ئېلىۋېتىش؛
3. يېمەك ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش
ياشانغانلار ئۆزىنىڭ ئاساسىي كېسەللىكلىرىگە ئاساسەن يېمەك ئىچمەكنى پىلانلىسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەر ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاپ، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، بېلىق گۆشىنى مۇۋاپىق يېيىشى كېرەك؛
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇز، ماي، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولۇشى كېرەك؛
ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلاشنىڭ روھلۇق بولۇشقا، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق.
4. ئاياق مۇۋاپىق بولۇش
ياشانغانلار ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈشى قىلىشى كېرەك. ئادەتتە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كىيىم- كېچەك ۋە ئاياغ كىيىش ئۆزىنى پۇتلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پايدىلىق. ھەرىكەت قىلىشتا يانتۇ يول، ئوڭغۇل- دوڭغۇل يوللارنى ئاز مېڭىپ، ھەرىكىتى تېز بولۇشتىن ئاستا بولۇش ئەۋزەل.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55