قۇلاق غوڭۇلداش، گاسلىققا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
1- پىچەكگۈل山药
[ باشقا ئىسمى ]: تاتلىقياڭيۇ، ئەسكى پىچەكگۈل .
تەبىئىتى مۆتىدىل ، تەمى تاتلىق.
تال، ئۆپكە، بۆرەككە پايدىلىق
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ] پىچەكگۈلدە يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ماددىسى، قەنت تۈرىدىكىلەر، ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن C ۋە خولىن قاتارلىقلار بولۇپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار.
[ ئۈنۈمى ] تالنى قۇۋۋەتلەپ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەكنى چىڭىتىپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ.
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ]: تاماقتا پىشۇرۇش ياكى شورپا دۈملەش.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كەتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
2- ياڭاق胡桃
[ باشقا نامى ]: ياڭاق مېغىزى، ياڭاق گۆشى ، تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، قىرتاق.
جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە يوللىرىنى ياخشىلايدۇ.
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ قەنتى تۈرىدىكىلەر، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە كانايچە كېسىلىنى داۋالاشتا بىر قەدەر ياخشى رولى بار.
[ ئۈنۈمى ] بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، ئۆپكىنى ئىللىتىپ دەم سىقىلىشنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ]: چايناپ يېيىلىدۇ.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش] : ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم.
3- قارا كۈنجۈت黑芝麻
[ باشقا نامى ]: قارا كەندىر، مايلىق كەندىر تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق.
جىگەر، تال، بۆرەككە پايدىلىق
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: قارا كۈنجۈت تەركىبىدە قەنت تۈرىدىكىلەر، ئاقسىل، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە.
[ ئۈنۈمى ] جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قاننى قۇۋۋەتلەپ قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قورۇپ پىشۇرۇپ ئۇن تارتىش، ئۇماچ تەييارلاش.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر يېمەكلىكتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
4- قارا پۇرچاق 黑豆
[ باشقا نامى ]: قارا پۇرچاق، قارا دادۇرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق. تال ۋە بۆرەككە پايدىلىق
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: قارا پۇرچاق تەركىبىدە قەنت، ئاقسىل، ياغ، كاروتىن، B تۈردىكى ۋىتامىن، ئىزوفلاۋون قاتارلىقلار بار بولۇپ، ياغنى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشقا قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق رولى بار
[ ئۈنۈمى ] قاننى جانلاندۇرۇپ، سۇنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، يەلنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىش، دۈملەش
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] تال زەئىپلىشىشتىن قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر يېمەكلىكتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
5- ئەركەك ئەمەن茼蒿
[ باشقا نامى] : ئەمەن، ئارقار.
تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق، تاتلىق.
يۈرەككە، تال ـ ئاشقازان تومۇرىغا پايدىلىق
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: ئەركەك ئەمەن تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنتلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە كاروتىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي ۋە خولىن تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بار. مۇۋاپىق مىقداردا دائىم يەپ بەرسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
[ ئۈنۈمى ] زەئىپلىكنى تۈگىتىپ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ]: شورپا قاينىتىش.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] چوڭ تەرىتى سۇيۇلۇپ كەتكەنلەر ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
6-بانان
[ باشقا نامى ]: بانان مېۋىسى، بانان.
تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق.
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: بانان تەركىبىدە قەنت، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىقلار مول بولۇپ، تەركىبىدە كالىي بىر قەدەر كۆپ.
[ ئۈنۈمى ] ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، زەھەر قايتۇرىدۇ.
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ]: خام يېيىش ياكى بانان قېقى ياساش.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] باناننىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى، قان شېكىرى يۇقىرىراق بولغانلار ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم.
7- دېڭىز ئادەمگىياھى海参
[ باشقا نامى ]: دېڭىز چاشقىنى، لىياۋسەن辽参، دېڭىز ئەركىكى.
تەبىئىتى مۆتىدىل ، تەمى تاتلىق، تۇزلۇق.
يۈرەك، تال، ئۆپكە، بۆرەكنى ياخشىلايدۇ.
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: دېڭىز ئادەمگىياھى تەركىبىدە يود ۋە باشقا بىئولوگىيىلىك ماددىلار مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلار ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ. يەنە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، قان ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، رادىئوئاكتىپلىق زەخىملىنىشكە قارشى تۇرۇش ۋە ئاغرىق توختىتىش رولى بار.
[ ئۈنۈمى ] بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، قاننى قۇۋۋەتلەپ ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، قان توختىتىدۇ.
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ]: شورپا قاينىتىپ، تاماق ئېتىش. كۇمىلاچلاپ داۋالاش.
[ ئىشلىتىش دىققەت قىلىش ] كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
8- تاۋۇز
[ باشقا نامى ]: خەن گۇا.
تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق.
يۈرەك، ئاشقازان، دوۋساققا پايدىلىق
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: تاۋۇزنىڭ تەبىئىي ئاق يولۋاس شورپىسى دېگەن نامى بار، تەركىبىدە سۇ، قەنت، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئۆسمە ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار.
[ ئۈنۈمى ] ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ] يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىش ياكى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىش.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] ئوتتۇرا ھال سوغۇق، ھۆللۈكى ئارتىپ كەتكەنلەر يېمەكلىكتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
9- قارا بېلىق
[ باشقا نامى ]: ئوكۇن بېلىقى، قارا بېلىق، قارا بېلىقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تەمى تاتلىق.
تال، ئاشقازانغا پايدىلىق.
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: قارا بېلىق تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى ئاقسىل، بەلگىلىك مىقداردا ياغ، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن قاتارلىقلار بار.
بەدىنى ئاجىز، تال ـ ئاشقازىنى ئاجىز، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قاندا ئاقسىل كەملىك كېسىلى، قان ئازلىق كېسىلى بارلارغا ماس كېلىدۇ.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] تال ـ ئاشقازىنى سوغۇق كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندا زەنجىۋىل، مۇچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ تەم كىرگۈزگەندە خۇسۇسىيىتى ياخشى بولىدۇ.
10- ئوكۇن بېلىقى鳗鲡鱼
[ باشقىچە نامى ] ئاق يىلانبېلىق، يىلانبېلىق، قارا يىلانبېلىق
تەبىئىتى مۆتىدىل ، تەمى تاتلىق.
ئۆپكە، تال، بۆرەككە پايدىلىق
[ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ]: ئوكۇن بېلىق تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار مول.
جۇڭيى تېبابىتىدە يىلانبېلىقنىڭ تۇبېركۇليوزغا قارشى تۇرۇش رولى بار دەپ قارىلىدۇ.
[ ئۈنۈمى ] تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەكنى چىڭىتىپ، يەلنى ھەيدەپ، نەملىكنى يوقىتىدۇ، زەھەرنى قايتۇرۇپ، قۇرت ئۆلتۈرىدۇ.
[ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ]: شورپا قاينىتىپ، قاينىتىپ ياكى دۈملەپ يېيىش.
[ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش ] سۇ مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە سەزگۈرلەر يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق
ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .
سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55