بىز كۈندە قىلىۋاتقان جىگەربۆرەك ئاشقازاننى كادىن چىقرىدىغان ئىشلار
بۆرەك، جىگەر، يۈرەك، بەدەننىڭ قايسى ئەزاسىدىن چاتاق چىقىپ يارىلانسۇن، بەدەن ئاغرىققا ئۇچرايدۇ.
ئەمما بەزى كىشىلەر ھەر كۈنى ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا، ھەتتا ئۆلتۈرۈش كۈچى ئەڭ چوڭ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
1. بۆرەكنى زەخمىلەندۈرۈش قىلمىش تىزىملىكى
بىرىنچى قاتىل بەك ياخشى يېيىش
11 يىل داۋاملاشقان 3121 نەپەر ئايال سىناققا قاتناشقۇچىغا چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تەركىبىدە قارا گۆش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش، تويۇنغان ياغ ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەر مول بولغان يېمەك ـ ئىچمەك ئەندىزىسى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئىككىنچى قاتىل تاماقنى بەك تۇزلۇق يېيىش
بىز ھەر كۈنى يېمەك ـ ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان تۇز مىقدارىنىڭ %95 ى بۆرەك مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ، قوبۇل قىلىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئۈچۈنچى قاتىل سېمىزلىك
ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە ۋە ئىسسىق بەلباغ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كېيىن بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. سېمىزلىك ئاسانلا قاندا ماي كۆپىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەك ئىقتىدارىغا زىيان يېتىدۇ.
تۆتىنچى قاتىل دائىم سۈيدۈكنى قىسىش
سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش ئاسانلا دوۋساق زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، سۈيدۈك ئۇزاق ۋاقىت دوۋساقتا تۇرۇپ قالسا يەنە ئاسانلا باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، بۆرەك ياللۇغى ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەشىنچى قاتىل زىيادە چارچاش
شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جوڭدا دوختۇرخانىسى بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كلىنىكىلىق قوبۇل قىلغان جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تەخمىنەن %70 ئەتراپىدىكى بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك زىيادە چارچاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئالتىنچى قاتىل قالايمىقان دورا يېيىش
دورىنى خاتا ئىشلىتىشنىڭ بۆرەككە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولۇپ، بىر تەرەپتىن بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۆرەك ھەر كۈنى قاننى سۈزىدۇ، دورا قانغا ئەگىشىپ بۆرەك ئارقىلىق سۈزۈلگەندە ئۇنىڭغىمۇ زىيان سالىدۇ.
2. جىگەرگە زىيانلىق قىلمىشلار تىزىملىكى
بىرىنچى قاتىل ھاراق ئىچىش
ئەگەر ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچسە، ئەڭ ئاۋۋال نەس باسىدىغىنى جىگەر بولىدۇ، جىگەرنى ماي قاپلاش ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولىدىغان ئالامەت بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت يىغىلىپ قالسا جىگەرنىڭ تالالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر كېسىلىگە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا قايتماس «جىگەر قېتىشىش» قا تەرەققىي قىلىدۇ.
ئىككىنچى قاتىل كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىك
پاختىلىشىپ كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر دائىم زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغىنىپ ، راك پەيدا قىلىش رولى بار زەمبۇرۇغ زەھىرى ( مەسىلەن، ئافلاتوكسىن ) نى پەيدا قىلىدۇ، جىگەرگە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئاسانلا جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى قاتىل تۈنەش
زىيادە چارچاش ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەم بەدىنىنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە، جۈملىدىن ھەر خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسلىرىغا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار قىلىدۇ؛
ئۇزۇن مەزگىل تۈنەش بولسا جىگەر ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
تۆتىنچى قاتىل مىجەزى ئوسال، ئاسان غەزەپلىنىش
بىر ئادەم ھەر ئايدا 5 قېتىم ئاچچىقلانسا، جىگەر كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر ھەسسە ئاشىدۇ.
ئىچى تىتىلداش، دائىم ئاچچىقلىنىدىغان كىشىلەر روھىي ھالىتى مۇلايىم كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسانلا جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
3. ئاشقازانغا زىيانلىق قىلمىشلار تىزىملىكى
بىرىنچى قاتىل ئاچچىققا ئامراقلىق
ئاچچىققا ئامراق، قىرتاق تەممۇ ئاشقازان ئۈچەينى زەخمىلەندۈرىدۇ.
مۇچ ئېغىزدا ئاچچىق تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمما ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېسە، ئاشقازاندا كۆيگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئىچ سۈرۈش ياكى قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى قاتىل ھەددىدىن زىيادە يەپ ـ ئىچىش
بىر ۋاقلىق چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشتىن جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان كېڭىيىدۇ، ئەگەر ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا، شۇنىڭ بىلەن يەنە بەزى ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى قاتىل ئاچ توق يۈرۈش
ئاشقازان تەرتىپلىك تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاقىت ۋە مىقدارىنى بەلگىلەپ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش ئاشقازاننى ئاسراشنىڭ ئاچقۇچى.
ئەگەر دائىم ئاچ ـ توق يۈرسە، ماڭغاچ يېسە ياكى تاماق يېيىش جەريانىدا پاراڭلاشسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
تۆتىنچى قاتىل بېسىمى ئېغىر، تەشۋىشى كۈچلۈك
ئاشقازان ـ ئۈچەي يولى بىزنىڭ بېسىمىمىز ۋە كەيپىياتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلالايدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ناچار كەيپىيات ئاشقازان ـ ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر بولغانلىقتىن، زىيادە جىددىيلىشىپ تەشۋىشلىنىدۇ.
4. بەلنى زەخمىلەندۈرىدىغان قىلمىش تىزىملىكى
بىرىنچى قاتىل ئۇزاق ئولتۇرۇش
ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ بېسىمى ئادەم بەدىنىنىڭ قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئۆرە تۇرغاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يۈكى 100 بويىچە ھېسابلانسا، ئۇنداقتا، ئولتۇرغان چاغدىكى بېسىم 150 كە كۆپىيىپ، ئولتۇرغان ئورۇن ئالدىغا ئېگىلگەندە 270 بولىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم بەدىنى ئالدىغا 20 گىرادۇس قىيسايغان ھالەتنى ساقلىغاندا، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى بەرداشلىق بېرىدىغان بېسىم ئەڭ چوڭ بولىدۇ.بىر سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بېلىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشخانا ئىچى ياكى سىرتىغا چىقىپ ئايلىنىڭ.
ئىككىنچى قاتىل دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ( پاشنىسى تۆت سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ) كىيگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ئېغىرلىق مەركىزىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بەل ـ دۈمبە مۇسكۇللىرىنى قايتىدىن تەڭشەپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ كەينىگە سوزۇلۇشى كۈچىيىپ، ئومۇرتقا ئارىسىدىكى بوغۇملار ئارىسىدىكى بوغۇم خالتىسىنى جىددىي ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، بەل ـ دۈمبە مۇسكۇللىرى زىيادە قىسقىراپ بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى قاتىل كارىۋات سېلىنچىسى بەك يۇمشاق بولۇش
زىيادە يۇمشاق ماتراس ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بېسىلىشى بىلەن ئوتتۇرىسى تۆۋەن، ئىككى بېشى يۇقىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەل ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بەل مۇسكۇلى ۋە تارىمۇشىنىڭ تارىيىشى، جىددىيلىشىشى ۋە تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاتتىق تاختايلىق كارىۋاتقا قېلىن ـ نېپىزلىكى مۇۋاپىق بولغان بۇلۇت سېلىنچىسى ياكى يوتقان سېلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا قاتتىقلىق دەرىجىسى يېتەرلىك بولۇپ، ئومۇرتقىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىگە ماسلىشىدۇ.
تۆتىنچى قاتىل بەلنى ئېگىپ ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكەش
بىۋاستە بەلنى ئېگىپ نەرسىلەرنى يۆتكىگەندە، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ تۇيۇقسىز كۈچكە ئۇچراش كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ناھايىتى ئاسانلا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئاجىز رايوندىن ئۆتۈپ پولتىيىپ چىقىدۇ.
ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن بىر تىزدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، بىلەكتىن پايدىلىنىپ ئېغىر نەرسىلەرنى يوتىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كۆتۈرۈش، ئاندىن دۈمبىنىڭ تۈپتۈز ھالىتىنى ساقلاش ئۇسۇلى بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.
بەشىنچى قاتىل 5 يۈگۈرۈش قىياپىتى توغرا بولماسلىق
نورمال بولمىغان يۈگۈرۈش ھالىتى، بولۇپمۇ دۈمبىسىنى يادەك ئالدىغا ئېگىش ھالىتى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى كۈچكە ئۇچراش كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈگۈرگەندە سىلكىنىدىغان مارافونچە يۈگۈرۈش شەكلىدىكى بېسىم قوشۇلۇپ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىگە بولغان خەۋپ ـ خەتەر بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
ئاستا يۈگۈرۈشتە ئامال بار ئۈستۈنكى بەدەننى تىك تۇتۇش، ھەمدە يۈگۈرۈش قېتىم سانىنى ئاستىلىتىش، يەل سېلىنچا ئاياغ كىيىش، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىگە بولغان بېسىمنى ئازايتىش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55